قەدەم >> ئەزا مەركىزى | تېما يوللاڭ | يۇمشاق دېتال يوللاڭ | سەھىپىلەر | ياردەم >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى | ئەزا مەركىزى قوللانمىسى | بېكەت خەرىتىسى | RSS

تور نامى، بوشلۇق تور سودىسى تور ساۋاتلىرى پروگرامما بىلىملىرى كومپيۇتېر ساۋاتلىرى ئۆگىتىش دېتاللىرى باش بەت
بىلەرمەن تەۋسىيەلىك بېكەتلەر تور تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بىلىملىرى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال بازىرى بېكەت خەۋەرلىرى
ئەقلىي يانفون WordPress DedeCMS ماقالە-مۇلاھىزىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بازىرى خەۋەرلىرى IT

ئورنىڭىز: باش بەت>چوڭ ئىشلار خاتىرىسى

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى

  

2010-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى: شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى.
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى: شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى تەسىس قىلىندى.
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى: بېكىتىمىزنىڭ تېما يوللاش ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلدى.
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى: بېكىتىمىز ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىدىكى يېڭىلىق-بىلەرمەن سۇپىسىنى تەسىس قىلىپ، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلدى. نۇرغۇن تور بېكەتلەرنىڭ بۇ خىل سەھىپىنى تەسىس قىلىشىغا ۋە بۇ خىل تور بېكەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى: «مەرھابا نورۇز» نامىدىكى نورۇزلۇق پائالىيەت باشلاندى ۋە بۇ پائالىيەت غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.
2010-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى: بېكىتىمىزنىڭ تور مۇلازىمەت سۇپىسى Uydata.com ئېچىلىپ، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىغا ئىشەنچىلىك تور نامى، تور بوشلۇقى تەمىنلەش شارائىتى يارىتىلدى.
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى: بېكىتىمىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى DedeCMS تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، بېكەت باشلىقى قىسمەت DedeCMS تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا قوبۇل قىلىندى.
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى: DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ھەقسىز تارقىتىلدى.
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى: تۇنجى VIP ئەزا قۇبۇل قىلىنىپ، قوش نەپ يەتكۈزۈش يولى بەرپا قىلىندى.
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى: «جادۇ كۆز ئۇيغۇرچە ئىزدەش سۇپىسى» ئېچىۋېتىلدى.
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى: «شىنجاڭ IT بېكەتلىرى ئائىلىسى» ئېچىۋېتىلدى.

2010-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى: بېكىتىمىزنىڭ مەھەللە (Blog) ئىقتىدارى ۋە يۇمشاق دېتال يوللاش ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلدى.
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى: DedeCMS V5.5 قازاقچە نۇسخىسى ھەقسىز تارقىتىلىپ، قېرىنداش قازاقلارغا سوۋغا قىلىندى. 

2011-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى: گۇرۇپپىمىز شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە 2–قانىلى (2 XJTV) «پەن ۋە مائارىپ» پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدى.

2011-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى: گۇرۇپپىمىز دۆلىتىمىزدە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا ئاشكار تارقىتىلىدىغان كومپيۇتېر بىلىملىرىگە ئائىت بىردىنبىر ژۇرنال «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى.

2011-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى: شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پىروگىراممىسى «يەكشەنبىلىك سۆھبەت» تە، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئالىم ئەھەد ئەپەندى، گۇرۇپپىمىز مەسئۇلى قىسمەت ئەپەندى، يۈكسەل بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى يۈكسەل قاتارلىقلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «Blog ھەققىدە سۆھبەت» ئۆتكۈزۈلدى. 

2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى: گۇرۇپپىمىز باشقۇرۇشىدىكى Uydata.com ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسى WorePress ئۈچۈن مەخسۇس بوشلۇق ئاجراتتى.

2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى: گۇرۇپپىمىز مەسئۇلى قىسمەت شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پىروگىراممىسى «ياشلىق مىلودىيەسى»دە، «ئىنتېرنېت ۋە ياشلار» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

2011-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئانا ژۇرنال «تارىم» ژۇرنىلى تور بېكىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ،  گۇرۇپپىمىز ئىشلىگەن ئەڭ نۇپۇزلۇق تور بېكەت بولۇپ قالدى.

2011-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى: «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 4-سانى نەشىردىن چىقىپ، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 2-3 يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋاقتىدا چىقماسلىق مەسىلىسىگە خاتىمە بېرىلدى.

2011-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى: ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئېلان قىلىنىپ، رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تېببىي تورنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تېخنىكا جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىندى. قىستۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى 18 تور بېكەت بىر گەۋدە قىلىنغان، رايونىمىزدىكى ئاز ساندىكى ئېسىل تور بېكەتلەرنىڭ بىرى.