تور بېكىتىمىزنىڭ كۈچى ۋە تەسىرى چەكلىك. تور بېكىتىمىز ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ۋە تورچىلىقىدىكى تەخىرسىز مەسىلىلەرنى ئۆزى يالغۇز ھەل قىلىپ كېتەلمەيدۇ. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە، كومپيۇتېر ساھەسىدىكى قېرىنداشلارنىڭ بېكىتىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە ئىلگىرىلىشى نۆۋەتتىكى رېئاللىق تەقەززا قىلىۋاتقان مەسىلىدۇر، بۇ ھەم يەنە تور بېكىتىمىزنىڭ ئاداققى نىشانىدۇر.
تور بېكىتىمىزنى ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە تەشۋىق قىلىڭ، تور بېكىتىڭىزدە ئۇلىنىش قىلىپ، باشقىلارغا تونۇشتۇرۇڭ. شۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىز ھەم مۇۋاپىق ئېتىبارغا ، پايدىلىق پۇرسەتلەرگە ئېرىشىڭ. ھەمكارلىقنىڭ ئاساسى -- بىر - بىرىگە ئىشىنىش، بىر - بىرىنى يۆلەشتۇر.
شىركىتىڭىز ياكى تور بېكىتىڭىز نامىدا تور بېكىتىمىز بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولسىڭىز، ئېنىق نىشان، پىلان تۇرغۇزغاندىن كېيىن، تور بېكىتىمىز مەسئۇللىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزىڭىزگە، تور بېكىتىمىزگە، تېخىمۇ توغرىسى ئۆزىڭىز سۆيگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نەپ يەتكۈزۈڭ. ھەمكارلىقنىڭ ئاساسى -- بىر - بىرىگە نەپ يەتكۈزۈش، بىر - بىرىنى قوللاشتۇر.
كونىلار توغرا ئېيتقان: «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس» ...

















