ۋاكالەتچىلىك توختامنامىسى
A تەرەپ: شىنجاڭ كارخانا يۇمشاق دېتال، تور تەتقىقات ئىشخانىسى
قانۇنىي ۋەكىلى:
B تەرەپ:
قانۇنىي ۋەكىلى:
سودا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش ئۈچۈن، B , A تەرەپلەر ئۆزئارا كېلىشىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى توختام قانۇنى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىغا ئاساسەن، بۇ توختامنى ئىمزالىدى.
1. A تەرەپ B تەرەپنى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. B تەرەپ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇندا تولۇق ھوقۇقلۇق ۋاكالەتچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يۇمشاق دېتال تارقىتىش، بازار ئېچىش، خېرىدارلارنى سېتىشتىن كېيىنكى زۆرۈر مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش، A تەرەپنىڭ B تەرەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى زۆرۈر قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا مەسئۇل بولىدۇ.
2. ۋاكالەتچىلىك پايدىسى %30 بولىدۇ. (ۋاكالەتچىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىگە ئاساسەن تەڭشىلىدۇ)
3. ۋاكالەتچىلەر كىرگۈزگەن يۇمشاق دېتاللار ھەر بىر تۈردە بەش نۇسخىدىن (ناھىيە ئۆلچىمى ئۈچ نۇسخا) كەم بولماسلىقى كېرەك.
4. تور ۋە باشقا ۋاستىلەردىكى تەشۋىقات ئىشلىرىغا A تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ. ۋاكالەتچىلەرگە يۇمشاق دېتال بىلەن بىللە تەشۋىقات ماتېرىيالى قوشۇپ ئەۋەتىلىدۇ. A تەرەپنىڭ تور بېكىتىدە جايلاردىكى ۋاكالەتچىلەرنىڭ ئىسمى، ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى قاتارلىق ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى تەپسىلىي بېرىلىدۇ.
5. ۋاكالەتچىلەر ئۈچ ئاي ئىچىدە سېتىپ چىقىرالمىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئورنىغا تەڭ قىممەتتە باشقا تۈردىكىلەرنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ. (دىققەت: قېپى ئېچىلغان مەھسۇلاتلار ئالماشتۇرۇلمايدۇ)
6. ۋاكالەتچى تۇرغۇزۇلۇپ بولغاندىن كېيىنكى 1-قېتىملىق مەھسۇلات كىرگۈزۈشتە ئاۋۋال ھەق تۆلەپ مەھسۇلات كىرگۈزۈش، ئۇنىڭدىن كېيىنكى قېتىملىقلىرىدا ئاۋۋال مەھسۇلات كىرگۈزۈش، ئاندىن ھەق تۆلەش ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىدۇ.
7. توختام ئىمزالانغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە. توختامنى بىكار قىلىش توغرا كەلسە B , A تەرەپلەرنىڭ ئورتاق ماقۇللۇقى بولۇشى كېرەك.
A تەرەپ: شىنجاڭ كارخانا يۇمشاق دېتال، تور تەتقىقات ئىشخانىسى
قانۇنىي ۋەكىلى:
ئالاقىلىشىش تېلېفونى:
B تەرەپ:
قانۇنىي ۋەكىلى:
ئالاقىلىشىش تېلېفونى:
كىملىك نومۇرى:
-يىلى -ئاينىڭ -كۈنى

















