خېلى بۇرۇنلا blogger بىلەن wordpressنى سېلىشتۇرۇپ بىرەر ماقالە يېزىشنى ئويلاپ يۈرگەن ئىدىم ،بۈگۈن مانا ۋاقىت چىقىرىپ ئاخىرى پۈتتۈردۈم .

wordpress ئىقتىدارى ھەقىقەتەن بەك ئىلغار ! قىستۇرمىلىرى ، ئۇسلۇبلىرى بەك كۆپ ئىشلىتىدىغانلارمۇ ھەم بەك كۆپ، ئەمما ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىكى ئاسراش ھەققى بەك يۇقىرى . بۇيەردىكى ئاسراش ھەققى دېگەندە ، wordpress blogger گە ئوخشاش سىزگە بېكەتنىڭ بوشلۇقىنى ئۆزى تەمىنلىمەي ، بوشلۇق تاللاش ھوقۇقىنى سىزگە بەرگەن ،شۇڭا سىز wordpressنى ماڭدۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال php لىق بوشلۇقتىن بىرنى ھەل قىلىشىڭىز كېرەك . blogger ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ ،ئەگەر سىزنىڭ بوشلۇقنىڭ بولمىسا blogspot نى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ (ھازىرچە مەملىكىتىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدا قۇلۇپ سېلىنغان ) ئەگەر سىزنىڭ مۇقىم بوشلۇقىڭىز بولسا FTPدا ئېلان قىلىشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ . بېكەتنى قۇرۇش ئۈچۈن wordpress ئوخشاش بەك مۇرەككەپ ئەمەس. ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى كۆپ سەرپ قىلمايسىز ،blogger نى تاللىسىڭىز سىزنىڭ قىلىدىغىنىڭىز پەقەت بېكەتنىڭ پارامېتىرىنى تەڭشەش بىلەنلا كۇپايىلىنىدۇ . كۆچۈپ كېتىش ۋە كۆچۈپ كېلىش تېخىمۇ ئاددىي .
نەپسانىيەت بىلەن تولغان بۇ ئالەمدە نېمە ئىش قىلماقچى بولساڭ تەننەرخىنى ئويلاشمىساڭ بولمايدۇ . wordpress نى ئىشلىتىش ئۈچۈن php نى قوللايدىغان بوشلۇق ۋە mysql لىق ساندان بولمىسا بولمايدۇ .blogger گە بولسا پەقەت بوشلۇقلا بولسا كۇپايە .
blogger گە قاچىلاش ئېلىپ بېرىش ھاجەتسىز ، ئەمما ئۆزگەرتىش بىر ئاز مۇرەككەپ ، كۆپلىگەن ئىقتىدارلىرىنى ئۆزىمىز قول سېلىپ تەڭشىشىمىز كېرەك . يازمىنى باشقۇرۇش بىر ئاز مۇرەككەپرەك . wordpress بۇ جەھەتتە blogger دىن ياخشى ، wordprees بېكەتنى قۇرۇش bloggerدەك ئاددىي بولمىسىمۇ ،php لىق بەت قۇرۇپ باققانلارغا بەكمۇ تەسمۇ ئەمەس .
قوشۇمچە ئىقتىدارلىرى :
blogger نىڭ قوشۇمچىلىرى wordpress دەك جىق بولمىسىمۇ سىز قول سېلىپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق كۆزلىگەن ئارزۇ قىلغان قوشۇمچىلارنى قىستۇرالايسىز . wordpress نىڭ قىستۇرمىلىرى ھەقىقەتەن بەك كۆپ ،ئەمما قىستۇرمىلارنىڭ ماسلىشىشى جەھەتتە بېكەتنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋال دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ .
مۇقىملىق جەھەتتە :
ئەگەر wordpress ۋە blogger ئىشلەتكۈچى ئوخشاش بېكەتتىن بوشلۇق ئىشلەتتى دەيلى ،ئۇنداقتا blogger نىڭ مۇقىملىقى ئالاھىدە يۇقىرى، چۈنكى blogger ئىشلەتكۈچى ساندان ئۇچۇر ئامبىرى بۇزۇلۇپ كېتىش ، بوشلۇق ساتقۇچى تەرەپنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى دېگەننى ئويلاشمىسىمۇ بولىدۇ . ئەگەر بوشلۇق تاقىلىپ قالسا ئىشقىلىپ بوشلۇقتىن ئايرىلىپ قالسا blogger نى ئىشلەتكۈچى يەنە بىر بوشلۇقتىن بىرنى ئېلىپلا داۋاملىق يازما ئېلان قىلىشنى باشلىسا بولىدۇ. ئەمما wordpress ئىشلەتكۈچىنىڭ ساندان ئۇچۇر ئامبىرى بۇزۇلۇپ قالسا بېكەتنى نورمال ئاچالمايدۇ ، بېكەت ئارقا بېتىگە چىقالمايدۇ ............ بوشلۇق ساتقۇچى قېچىپ كېتىپ، ئالغان بوشلۇقىدىن ئايرىلىپ قالسىغۇ بولدى يىغلىغان بىلەنمۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان يازغان يازمىلىرىدىن قۇرۇق قالىدۇ . بىراق blogger نىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقى ھەم blogger نىڭ ئاجىز يىرىدۇ . ئەگەر GOOGEl نىڭ ئەزان باھالىق مۇلازىمېتىردىن چاتاق چىقىپ قالسا blogger مۇ ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچار بولىدۇ ( بۇنىڭدىن ئەنسىرىمەڭ ، بۇنداق بولۇش مۇمكىنچىلىكى بەك تۆۋەن )
blogger ئىشلەتكۈچىلەر ئادەتتە ھەرخىل Blogger Hacks گە بەكرەك قىزىقىدۇ ، كۈندە بېكىتىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ، ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈپ ھۇزۇرلىنىدۇ . wordpress ئابۇنىلىرى بولسا قوشۇمچە قىستۇرمىلارغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ ، قىستۇرمىلارنى قاچىلاپلا ئىشلەتسە بولىدۇ ، بەك كۆپمۇ ۋاقىت كەتمەيدۇ .
ئادەتتە بىر تور بېكەتنىڭ google نىڭ ئىزدەش ماتورى تەرىپىدىن سۈزۈۋېلىنىشى ئۈچۈن بىر ئىككى ھەپتە كەتسە، blogger ئۈچۈن بىر ئىككى كۈن كېتىدۇ ، بەلكىم بۇ blogger GOOGEL تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغانلىقىدىندۇر .
ئەسكەرتىپ ئۆتىدىغىنىم blogger دۇنيادىكى ئەزالار سانى ئەڭ كۆپ بلوگ سۇپىسى ، مەملىكىتىمىزدە ئۇنداق ئەمەس . چوڭ قۇرۇقلۇقتا wordpress ئالدىدا تۇرىدۇ . Blogger ۋە wordpress نىڭ بەزى ئۇسلۇبلىرىنىڭ cms لىقلىرى ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال تور بېكەت قۇرۇش ئارزۇيىڭىزغا يېتەلەيسىز .
ھازىر wordprees ۋە blogger لارنىڭ مەخسۇس ئېچىش گۇرۇپىسى بولۇپ wordprees نىڭ ئۇيغۇرلارغا تەمىنلىگەن مەخسۇس تىل ھۆججىتى، مەخسۇس مۇنازىرە مۇنبىرى ۋە ئۇيغۇرچە نەشرى بار. blogger تەرەپ تېخىچە ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنى تەمىنلىمىدى .
Wordpress تەرەپنىڭ ئۇيغۇرچە بەت ئادرېسى :
قىسقىسى بۇلار بلوگ سۇپىلىرىنىڭ ئەڭ ئالدى ھەم ئەڭ ياخشى !!
ماقالە تەييارلىغۇچى : دولقۇن731
تور بەت ئادىرسى : ئۆركەش تورى (دولقۇن731 مەھەللىسى) HTTP://www.orkax.net.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


























