چاقماق [迅雷] نىڭ تورسىز يۈكلەش مۇلازىمىتنى ئىشىلتىش ئۇسۇلى
ھەممىگە مەلۇم ئالدىنقى قېتىم چاقماق ‹迅雷› نىڭ تورسىز يۈكلەش مۇلازىمىتى ھەققىدە چۈشەنچە دىگەن تېمىمىزدا بىز چاقماق [迅雷] نىڭ تورسىز يۈكلەش مۇلازىمىتنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەمدى بىز بۇ مۇلازىمەتنى قانداق ئاچتۇرۇش ھەققىدە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشايلى.
چۈشەندۈرۈش ۋە ئەھمىيىتىنى ئالدىنقى تېمىدا تەپسىلىي ئېيىتقان ئىدۇق...بۇ يەردە كۆپ توختالمايمىز.
شۇڭا مۇلازىمەتنى ئاچتۇرۇشتىكى ئاددىي ئۇسۇلنى تۇنۇشتۇرمىز.
بىزنىڭ بۇ يەردە تۇنۇشتۇردىغان، چاقماق [迅雷] نىڭ تورسىز يۈكلەش مۇلازىمىتنى ئاچتۇرۇش ئۇسۇلى 2 خىل.
1. تاۋباۋ دىن ۋاكالىتەن ئېچىپ بىرىدىغانلار ئارقىلىق ئاچتۇرۇش
2. شـىنجاڭ كـومپيۇتېر ھـەۋەسكارلىرى تور بىكىتىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئاچتۇرۇش.
1. تاۋباۋ دىن ۋاكالىتەن ئېچىپ بىرىدىغانلار ئارقىلىق ئاچتۇرۇش
1. ئاۋال سىز تاۋباۋدىن ھەقلىق ئەزالىق مۇلازىمىتنى قىلىدىغانلارنى ئىزدەيسىز. ياكى بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئادەتتە ھەقلىق مۇلازىمىتىنى ئاچتۇرغاندا VIP1 مۇلازىمىتى ئېچىلىدۇ. ھەقلىق ئەزالار دەرىجىسى VIP6 گىچە بار بۇلۇپ ،بۇلارنى بىۋاستە ۋاكالىتەن ئاچتۇرغىلى بولمايدۇ. VIP1 مۇلازىمىتى ئاچتۇرغاندىن كىيىن جوغلانما نۇمۇر ئارقىلىق تەدرىجى ھالدا VIP6 غا كۈتۈرۈشكە بۇلىدۇ.
VIP1 مۇلازىمىتى تاۋباۋ تورىدا بىر ئايلىقىنى 2 يۈەندىن 5 يۈەنگىچە ۋاكالىتەن ئېچىپ بىرىدىغانلار كۆپ. بۇ يەردە يىللىقىنى 10 يۈەنگە ئېچىپ بىرىدىغان بىردۇككان بار. ئەسلىدىكى بار ھىساباتىڭىزنى تەمىنلىسىڭىز ئۇلار ۋاكالىتەن ئېچىپ بىرىدۇ.
2. VIP1 مۇلازىمىتى ئېچىلغاندىن كىيىن بۇ دۇككاندىن 离线下载 يەنى تورسىز يۈكلەش مۇلازىمىتىنىڭ بىر ئايلىقىنى ئاچتۇرسىڭىز بۇلىدۇ. ( بۇ دۇككاندار ئىشەنچىلىك،شۇڭا تەۋسىيە قىلىندى) [تاۋباۋ غا ئەزا بولسىڭىز، ۋاڭ ۋاڭ مۇڭداشقۇسى بىلەن پاراڭلاشسىڭىز بۇلىدۇ) بۇ دۇككاندا 80G سىغىمدىكى تورسىز يۈكلەش بوشلىقى 10يۈەن.
سىز ھىساباتىڭىزنى تەمىنلىسىڭىز دۇككاندار 30مىنۇت ئىچىدە سىزگە مۇلازىمەتنى ئېچىپ بىرىدۇ.ئەلۋەتتە ،چۇقۇم دۇككىنىدىكى شۇ تۈرنى تاللاپ، پۇلنى تۈلەپ بولغاندىن كىيىن ئېچىپ بىرىدۇ.
ئېچىلغاندىن كىيىن سىز چوڭ سىغىمدىكى فىلىملەرنى،ھۆججەتلەرنى ناھايتى تىز سۈرئەتتە 离线下载 بوشلىقىغا چۈشۈرۈپ، ئاندىن شۇ يەردىن كومپىيۇتىرىڭىزغا 300KB دىن ئارتۇق سۈرئەت بىلەن چۈشۈرەلەيسىز.
2-ئۇسۇل: ئەگەر سىزنىڭ تاۋباۋ ھىساباتىڭىز يوق ياكى توردا پۇل تۆلەشكە ئاجىزلىق قىلسىڭىز بۇ يەردىن تور بىكىتىمىزنىڭ خىزمەتخانىسى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


























