بىرلا ۋاقىتتا بەيدۇ ۋە گوگىلدىن ئىزدەش تېخنىكىسى
كۆپچىلىككە مەلۇم ، ئىزدەش (search engine) تېخنىكىسىنى گوگىل يەر شارىدا مودا قىلىۋەتتى. نۆۋەتتە جۇڭگۇ ئىچىدە بەيدۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا. بىز لازىملىق ئۇچۇرلارنى ئىزدەشتە بۇ ئىككى ئىزدەش ماتۇرى (search engine) دىن ئايرىلالمايمىز.
ئۇنداقتا، ئۇچۇر ئىزدىگەن ۋاقتىمىزدا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى تور بىكەتتىن ئىزدەش مەخسىتىگە يىتەلىگەن بولساق بىزنىڭ ۋاقتىمىزمۇ تىجىلىپ قالغان بۇلاتتى ھە! تور بىكەت تېخنىك ئۇستىللىرىنىڭ تەپەككۈرى ھەرھالدا يامان ئەمەس، گوگىل ۋە بەيدۇدىن بىرلا ۋاقىتتا ھۆججەت ئىزدەش چۈش ئەمەس. ئىزدەش مەنبەسى ئاشۇ ئىككى تور بىكەت ئىزدەش ماتۇرى بۇلۇپ ، ئايرىم ئېچىپ ئىزدىگەندەك ئۈنۈمگە ئىرىشىمىز. بۇ تور بىكەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانساق بىزنىڭ ۋاقتىمىزنى زور دەرىجىدە تىجەيدۇ. http://www.gogbai.com/
بۇ تور بىكەتنى ھەرگىز ئاددىي ئويلىماڭ... بۇ تور بىكەتنىڭ ئەسلى كودىنىڭ ھۆججەت سانى 5 دانىدىن ئاشمايدۇ. بىراق، تېخنىك ئۇستام ئۇستاتلىق قىلىپ سىز ۋە بىزنىڭ ۋاقتىمىزنى تىجەش ئۈچۈن ئازراق باش قاتۇرۇپ، قۇلايلىق ياراتقان. 请选择搜索: دىگەن جايدىن بىرلا ۋاقىتتا ئىزدەيدىغان ئىككى مەنبە ئىزدەش ماتۇرى (search engine) نى تاللىساق بۇلىۋىرىدۇ.
بۇ تور بىكەتنى خەتكۈچلەپ قۇيۇشنى ئۇنۇتماڭ. ھەرقىتىملىق ئىزدەش ۋاقتىڭىزنى تىجەشتە زور ياردەم بىرىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.



























