قەدەم >> ئەزا مەركىزى | تېما يوللاڭ | يۇمشاق دېتال يوللاڭ | سەھىپىلەر | ياردەم >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى | ئەزا مەركىزى قوللانمىسى | بېكەت خەرىتىسى | RSS

تور نامى، بوشلۇق تور سودىسى تور ساۋاتلىرى پروگرامما بىلىملىرى كومپيۇتېر ساۋاتلىرى ئۆگىتىش دېتاللىرى باش بەت
بىلەرمەن تەۋسىيەلىك بېكەتلەر تور تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بىلىملىرى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال بازىرى بېكەت خەۋەرلىرى
ئەقلىي يانفون WordPress DedeCMS ماقالە-مۇلاھىزىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بازىرى خەۋەرلىرى IT

باش بەت

تور بەتلەردە ئۇيغۈرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇللىرى توپلىمى

ۋاقتى: 12-05-2010 | مەنبە: muhtaj.biz | ئاپتورى: بىلىميار | تەھرىر: قىسمەت | كۆرۈلۈشى: قېتىم | ئىنكاس: 8 پارچە


  • (بۇ تېما تور بېكەت تۈزگۈچىلەر ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم. ئۆگىنىش ۋە تەشۋىقات يۈزىسىدىن بىلىك كۇلۇبى ، ئىنتىل سەيناسى، شىنجاڭ پروگرامما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدىكى تور بەت يۈزىدىكى ھەرخىل ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇللىرى بىر يەرگە توپلىنىپ، xjcfan غا يوللاندى.)

     

     


    1. ئاساسى رايون قوللىنىلغان كىرگۈزۈش ئۇسۇلى
    ماس كېلىدىغان مۇھىت:
    Microsoftنىڭ Win2000 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى، ھەر خىل Linux مەشغۇلات سىستېمىلىرى ۋە شۇلارغا ماس تور بەت كۆرۈش قوراللىرى.
    ئالاھىدىلىكى :
    Unicode ئۆلچىمى بىلەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش.
    Ctrl-K بىلەن ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللاردىكى كىرگۈزۈش ھالىتىنى ئالماشتۇرۇش (Maxthon دا Ctrl+B).
    Ctrl-U بىلەن كومپيۇتېرىڭىزدىكى سىز ئالدىن كۆچۈرگەن UKY دىكى تېكىستنى ئۇيغۇرچە قىلىپ كىرگۈزۈش. (Internet Explorer دا ئىشلەيدۇ.)
    Ctrl-T ئارقىلىق تېكىست رايونىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش.
    Ctrl-J ئارقىلىق كونا ئەلكاتىپ (al katip) شەكلىدە كىرگۈزۈلگەن تېكىستلەرنى Unicode ئۆلچىمىدە چاپلاش.
    چوڭچە يېزىلغان T ھەرپىنى (نورمالدا shift-t) بېسىش ئارقىلىق خەتنى سوزۇش.
    ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
    (1) بۇ كىرگۈزۈش كودى bedit.js دېگەن بىرلا ھۆججەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاۋۋال ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەكچى بولغان ھۆججەتنىڭ <head> ۋە </head> نىڭ ئارىلىقىغا تۆۋەندىكىدەك كودنى يېزىپ قويىمىز:  

      

    1. <head> 
    2. ...  
    3. <script src="bedit.js"></script>   
    4. ...  
    5. </head>  


    (2) ئاندىن تۆۋەندىكى 3 خىل ئۇسۇل بويىچە كىرگۈزۈشنى ئەمەلنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ
    (تۆۋەندىكى كودنى ئادەتتە <script src="bedit.js"></script> نىڭ ئاستىغا يازساق بولىدۇ).


    *1- ئۇسۇل:

     

    1. <script language=javascript>attachAll = true</script> 


    بۇ كودى ئارقىلىق مۇشۇ كود ئېنىقلىما بېرىلگەن بەتتىكى بارلىق تېكىست كىرگۈزۈش رامكىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ .
    ئەگەر بۇ كودنى بارلىق بەتكە ئورتاق بولغان head.asp/php,top.asp/php دېگەندەك ھۆججەتكە يازساق بارلىق بېكەت سىستېمىسىدا ئىشلەيدۇ، باشقا بەتلەردە ئېنىقلىما بېرىش ھاجەتسىز.


    *2- ئۇسۇل:

     

    1. <script language=javascript> 
    2. attachAll = true;  
    3. bedit_deny="textarea2:input3";   
    4. </script> 


    بۇ كودى ئارقىلىق مۇشۇ كود ئېنىقلىما بېرىلگەن بەتتىكى textarea2,input3 دىن باشقا بارلىق تېكىست كىرگۈزۈش رامكىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ ، ئەگەر ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەيدىغان بولغان ئورۇننى كۆپەيتمەكچى بولساق قوش چېكىت ":" قويۇپ داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ.
    ئەگەر بۇ كودنى بارلىق بەتكە ئورتاق بولغان head.asp/php,top.asp/php دېگەندەك ھۆججەتكە يازساق بارلىق بېكەت سىستېمىسىدا ئىشلەيدۇ، باشقا بەتلەردە ئېنىقلىما بېرىش ھاجەتسىز.


    *3- ئۇسۇل:

     

    1. <script language=javascript> 
    2. bedit_allow = "textarea1:input3";   
    3. </script> 


    بۇ كودى ئارقىلىق مۇشۇ كود ئېنىقلىما بېرىلگەن بەتتىكى textarea2,input3 دېگەن ئىككى تېكىست كىرگۈزۈش رامكىسىغىلا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ ، قالغان ئورۇنغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەكچى بولغان ئورۇننى كۆپەيتمەكچى بولساق قوش چېكىت ":" قويۇپ داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ.
    ئەگەر بۇ كودنى بارلىق بەتكە ئورتاق بولغان head.asp/php,top.asp/php دېگەندەك ھۆججەتكە يازساق بارلىق بېكەت سىستېمىسىدا ئىشلەيدۇ، باشقا بەتلەردە ئېنىقلىما بېرىش ھاجەتسىز.

    لازىملىق ھۆججەت : bedit.js

     

    2. كېڭەيتىلگەن رايون قوللىنىلغان كىرگۈزۈش ئۇسۇلى
    ماس كېلىدىغان مۇھىت:
    Microsoft نىڭ Win95 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى، ھەر خىل Linux مەشغۇلات سىستېمىلىرى ۋە شۇلارغا ماس تور بەت كۆرۈش قوراللىرى.
    ئالاھىدىلىكى :
    Unicode ئۆلچىمى بىلەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش.
    Ctrl+K بىلەن ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللاردىكى كىرگۈزۈش ھالىتىنى ئالماشتۇرۇش (Maxthon دا Ctrl+B).
    (ئاساسى رايون ھۆججىتىگە ئوخشايدىغان قالغان ئىقتىدارلىرىمۇ پات ئارىدا تەمىنلەنمەكچى)
    ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
    (1) بۇ كىرگۈزۈش كودى edit.js ۋە syntax.js دېگەن ئىككى ھۆججەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاۋۋال ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەكچى بولغان ھۆججەتنىڭ <head> ۋە </head> نىڭ ئارىلىقىغا تۆۋەندىكىدەك كودنى يېزىپ قويىمىز:
     

    1. <head>   
    2. ...   
    3. <script src="edit.js"></script>   
    4. <script src="syntax.js"></script>   
    5. ...  
    6. </head> 


    (2) ئاندىن تۆۋەندىكى 3 خىل ئۇسۇل بويىچە كىرگۈزۈشنى ئەمەلنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ
    (تۆۋەندىكى كودنى ئادەتتە <script src="syntax.js"></script> نىڭ ئاستىغا يازساق بولىدۇ).


    *1- ئۇسۇل:

     

    1. <script language=javascript>kattachAll = true</script> 

     

    بۇ كودى ئارقىلىق مۇشۇ كود ئېنىقلىما بېرىلگەن بەتتىكى بارلىق تېكىست كىرگۈزۈش رامكىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ .
    ئەگەر بۇ كودنى بارلىق بەتكە ئورتاق بولغان head.asp/php,top.asp/php دېگەندەك ھۆججەتكە يازساق بارلىق بېكەت سىستېمىسىدا ئىشلەيدۇ، باشقا بەتلەردە ئېنىقلىما بېرىش ھاجەتسىز.


    *2- ئۇسۇل:

     

    1. <script language=javascript> 
    2. kattachAll = true;  
    3. kedit_deny="textarea2:input3";   
    4. </script> 


    بۇ كودى ئارقىلىق مۇشۇ كود ئېنىقلىما بېرىلگەن بەتتىكى textarea2,input3 دىن باشقا بارلىق تېكىست كىرگۈزۈش رامكىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ ، ئەگەر ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەيدىغان بولغان ئورۇننى كۆپەيتمەكچى بولساق قوش چېكىت ":" قويۇپ داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ.
    ئەگەر بۇ كودنى بارلىق بەتكە ئورتاق بولغان head.asp/php,top.asp/php دېگەندەك ھۆججەتكە يازساق بارلىق بېكەت سىستېمىسىدا ئىشلەيدۇ، باشقا بەتلەردە ئېنىقلىما بېرىش ھاجەتسىز.


    *3- ئۇسۇل:

     

    1. <script language=javascript> 
    2. kedit_allow = "textarea1:input3";   
    3. </script> 


    بۇ كودى ئارقىلىق مۇشۇ كود ئېنىقلىما بېرىلگەن بەتتىكى textarea2,input3 دېگەن ئىككى تېكىست كىرگۈزۈش رامكىسىغىلا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ ، قالغان ئورۇنغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەكچى بولغان ئورۇننى كۆپەيتمەكچى بولساق قوش چېكىت ":" قويۇپ داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ.
    ئەگەر بۇ كودنى بارلىق بەتكە ئورتاق بولغان head.asp/php,top.asp/php دېگەندەك ھۆججەتكە يازساق بارلىق بېكەت سىستېمىسىدا ئىشلەيدۇ، باشقا بەتلەردە ئېنىقلىما بېرىش ھاجەتسىز.
    دىققەت: ئاساسى رايون بىلەن كېڭەيتىلگەن رايون كودىنى قوللىنىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولۇپ، پەقەت بىر ھەرپلا ئوخشىمايدۇ، يەنى ئاساسى رايون كىرگۈزۈشنى بەلگىلەش كودى بىلەن سېلىشتۇرغاندا كېڭەيتىلگەن رايوننىڭ k بىلەن باشلىنىدۇ.

     


    نۆۋەتتە كۆپلىگەن تور ئابۇنتلىرى WindowsXP ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئاساسى رايوننى قوللىنىش ئاقىلانىلىك ھەم نۇرغۇن ئەۋزەللىكلىرى بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم تۆۋەنرەك مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان تورداشلارنى كۆزدە تۇتۇپ، كېڭەيتىلگەن رايوندا كىرگۈزۈش ئۇسۇلىمۇ تەمىنلەندى، لېكىن بۇنى ئىشلىتىشنى بەك تەۋسىيە قىلمايمىز، ئاساسى رايون كودىنىڭ بالدۇرراق ئومۇملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
    ئاخىرىدا Unicode نىڭ ئۇيغۇرلاردا كەڭ ئومۇملىشىشىغا تۈرتكە بولغان مۇشۇنداق قۇلايلىق كودنى تۈزۈپ چىققان مۇھەممەدجان ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. تورداشلارنىڭ ئاپتورنىڭ مۇشۇ كودقا نىسبەتەن يازغان نەشىر ئۇچۇرىنى چىقىرىۋەتمەسىلىكىنى، ھەقسىز تارقىتىشىنى، نۆۋەتتە ئومۇملاشقان ۋە بىرلىككە كەلگەن كىرگۈزۈشنى ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى Ctrl+K نى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ئىشلەتمەسلىكىنى تەۋسىيە ھەم ئۈمىد قىلىمىز.
     
    ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى (كونىسى)

    ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ ﻛﻮﺩى ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩﺟﺎﻥ ئاﺑﻼ
    [ئىشلەتكۈچىلەر نەشىر ھوقۇقى ۋە ئىشلەتكۈچى ئىسمىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئىشلەتسە بولىدۇ .]


    ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
    1. <head> ﻧﯩﯔ ئاﺳﺘﯩﻐﺎ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﺩﻧﻰ ﻗﻮشىمىز :
     

    1. <script src="edit.js"></script> 
    2. <script src="syntax.js"></script> 


    2. <body> ﻧﯩﯔ ئىچىگە ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﺩﻧﻰ قوشىمىز:

    1. OnLoad="init();" 


    3. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﺩﻧﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ئورۇنغا قوشىمىز، ﺑﯘ ﻛﻮﺩﻧﯩﯔ ئۇيغۇرچە ئىنگلىزچە كىرگۈزۈشنى تاللاش رولى بار.
     

    1. <select id="lang" onChange="selectLang('lang');"> 
    2. <option selected="selected" value="Uyghur"> 
    3. ئۇيغۇرچە   
    4. </option> 
    5. <option value="English"> 
    6. English  
    7. </option> 
    8. </select> 

     
    4. ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەكچى بولغان ئورۇنغا تۆۋەندىكى كودنى قوشىمىز.
     

    1. onFocus="setFocus(this);" onKeypress="return proc_kp(this,event);" 
    2. onKeyUp="proc_ku(this, event);" onSelect="storeCaret(this);" 
    3. onKeyDown="proc_kd(this);" onClick="storeCaret(this);" 

     
    5. ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ئۆﺯ ئىچىگە ئاﻟﻐﺎﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺕ ئۇﻻﻧﻤﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ، ھۆﺟﺠﻪﺗﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﻳﺎﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ edit.js ﯞﻩ syntax.js ﺩﯨﮕﻪﻥ ئىككى ھۆججەتنى تور ھۆججەتلىرىڭىز ﺑﺎﺭ ﻣﯘﻧﺪﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﺭﯨﺴﯩﺰ .
    ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئۇﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻳﯘﻧﯩﻜﻮﺩلۇق ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ ئەﻣﻪﻟﮕﻪ ئاﺷﯩﺪﯗ ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﻧﯩﻜﻮﺩ ﺧﻪﺕ ﻧﯘﺳﯩﺨﯩﺴﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯗ . ئۇيغۇرچە ئىنگلىزچە ئالماشتۇرۇشتا Ctrl+K كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ . 

    لازىملىق ھۆججەت : edit.js ۋە syntax.js

     
    شىنجاڭ پروگرامما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدىن مايور ئەپەندىم تۈزگەن تور يۈزىدىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلنىڭ A,B,C نۇسخىسى


    ئۇيغۇرچە يېڭى تور يۈزى كىرگۈزگۈچىسى (A)
    بۇ بىر تور يۈزىدىكى TextArea ۋە input لارغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان قوليازما ھۆججىتىدىن ئىبارەت. كىرگۈزگۈچىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئىشلىتىش ئالاھىدە ئوڭاي ۋە بىرىكمە كۇنۇپكىلارنىڭ تۇراقلىقى ياخشى ھەمدە كۆپ خىل جاھاننامىلەردە ئىشلەيدۇ. شۇنداقلا سىغىمى ئالاھىدە كىچىك.

     بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:
    1. ئادەتتە بۇ ھۆججەتنى تور بەتنىڭ ئىچىگە ئەكىرگەندە <head> بىلەن <head/> نىڭ ئارىسىغا تۆۋەندىكى كودنى قىستۇرىسىز:

     

    1. <script language=javascript src="UyghurInput_A.js"></script> 


    كودىنى قىستۇرسىڭىزلا ، تور يۈزىدىكى بارلىق تېكىست رامكىلىرىغا ئۇيغۇرچە كىرىدىغان ھالەتكە كېلىدۇ (TextArea ۋە input لار كۆزدە تۇتۇلىدۇ) . ئۇنىڭدىن باشقا پارول رامكىسى ، تاللاش رامكىسى قاتارلىقلارغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ . يۇقىرىقى كودتىن باشقا ھېچقانداق كود قوشمايسىز ياكى ئالاھىدە مەشغۇلات قىلمايسىز .


    2. بىرىكمە كۇنۇپكىلىرى ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىندى :
    1) Internet Explorer دا  :
    Ctrl + K ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە ئالماشتۇرىسىز .
    Ctrl + T بولسا يېزىق رامكىسىنىڭ يۆنىلىشىنى .
    Ctrl + U ئارقىلىق ULY دىن كۆچۈرگەن مەزمۇننى ئۇيغۇرچە كونا يېزىق ھالىتىدە چاپلايسىز.
    Shift+T ئارقىلىق ھەرپلەرنى سوزىسىز .
    (ئەلكاتىپ كودى نۆۋەتتە ئەمەلدىن ئاساسەن قالغانلىقى ئۈچۈن ھەمدە ھۆججەت چوڭلۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئەلكاتىپتىن كۆچۈرۈپ چاپلاش ئىقتىدارى ئېلىۋېتىلدى .)
    2) Maxthon دا :
    Ctrl+ B ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ئىنگلىزچە ئالماشتۇرىسىز .
    Ctrl + J ئارقىلىق يېزىق رامكىسى يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىسىز .
    Ctrl + U ئارقىلىق ULY دىن چاپلايسىز .
    Shift+T ئارقىلىق ھەرپ سوزىسىز .
    3) FireFox دا  :
    Ctrl+K ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ئىنگلىزچە ئالماشتۇرىسىز .
    Ctrl+T ئارقىلىق رامكا يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىسىز .
    Shift + T ئارقىلىق يېزىق سوزىسىز .
    لازىملىق ھۆججەت : UyghurInput_A.js

     

    ئۇيغۇرچە يېڭى تور يۈزى كىرگۈزگۈچىسى(B) 
    تور بەتنىڭ <head> ۋە <head/> بۆلىكىنىڭ ئارىسىغا تۆۋەندىكى كودنى قىستۇرىمىز :

     

    1. <script language=javascript src="UyghurInput_B.js"></script> 


    بۇنى قىستۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، UyghurInput_B.js ھۆججىتىنى ئاچسىڭىز، ئۈستىدىن سانىغاندا 6 - قۇردا تۆۋەندىكى كود بار :

     

    1. var uyghur_OBJ="username,user_name"


    بۇنىڭ ئىچىدە username ۋە user_name دېگەن ئىسىملەر ئىنگلىزچە پەش ( , ) بەلگىسى بىلەن ئايرىلغان ھالەتتە بولۇپ ، ئەگەر سىز بۇ ئىسىملارنى ئۆزگەرتسىڭىز ، ياكى كۆپەيتسىڭىز (كۆپەيتكەندە چوقۇم , بىلەن ئايرىشىڭىز كېرەك) ، ناۋادا تور بەت يۈزىدىكى تېكىست رامكىلىرى ئىچىدە تېكىست رامكىلىرىنىڭ name خاسلىقى ياكى id خاسلىقىدىن خالىغان بىرىنى كىرگۈزسىڭىز ، شۇ تېكىست رامكىسىغا ئۇيغۇرچە كىرمەيدۇ . name خاسلىق يېزىلمىغان ياكى Id خاسلىقى يېزىلمىغان تېكىست رامكىلىرىنىڭ ھەممىسىگە نورمال ئۇيغۇرچە كىرىدۇ . مەسىلەن :

     

    1. var uyghur_OBJ="username,user_name,aaa,bbb,ccc"


    JS ھۆججىتىنىڭ بۇ بۆلەكتىكى مەزمۇنىنى يۇقىرىقىدەك ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ، JS ھۆججىتى تور بەتكە ئېسىلسىلا ، ئىسمى يۇقىرىقى aaa ، bbb، ccc ، ddd ... بولغان تېكىست رامكىلىرىغا ئۇيغۇرچە كىرمەيدۇ ، قالغانلىرىغا نورمال ئۇيغۇرچە كىرىدۇ ...
    باشقا ئىقتىدارلىرى A نۇسخىدىكى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش !
    لازىملىق ھۆججەت : UyghurInput_B.js


    ئۇيغۇرچە يېڭى تور يۈزى كىرگۈزگۈچىسى(C)
     تور بەتنىڭ <head> ۋە <head/> بۆلىكىنىڭ ئارىسىغا تۆۋەندىكى كودنى قىستۇرىمىز :

     

    1. <script language=javascript src="UyghurInput_B.js"></script> 


    بۇنى قىستۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، UyghurInput_C.js ھۆججىتىنى ئاچسىڭىز، ئۈستىدىن سانىغاندا 6 - قۇردا تۆۋەندىكى كود بار :

     

    1. var uyghur_OBJ="username,user_name"


    بۇنىڭ ئىچىدە username ۋە user_name دېگەن ئىسىملەر ئىنگلىزچە پەش ( , ) بەلگىسى بىلەن ئايرىلغان ھالەتتە بولۇپ ، ئەگەر سىز بۇ ئىسىملارنى ئۆزگەرتسىڭىز ، ياكى كۆپەيتسىڭىز (كۆپەيتكەندە چوقۇم , بىلەن ئايرىشىڭىز كېرەك) ، ناۋادا تور بەت يۈزىدىكى تېكىست رامكىلىرى ئىچىدە تېكىست رامكىلىرىنىڭ name خاسلىقى ياكى id خاسلىقىدىن خالىغان بىرىنى كىرگۈزسىڭىز ، شۇ تېكىست رامكىسىغا ئۇيغۇرچە كىرمەيدۇ . name خاسلىق يېزىلمىغان ياكى Id خاسلىقى يېزىلمىغان تېكىست رامكىلىرىنىڭ ھەممىسىگە نورمال ئۇيغۇرچە كىرىدۇ . مەسىلەن :

     

    1. var uyghur_OBJ="username,user_name,aaa,bbb,ccc"


    JS ھۆججىتىنىڭ بۇ بۆلەكتىكى مەزمۇنىنى يۇقىرىقىدەك ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ، JS ھۆججىتى تور بەتكە ئېسىلسىلا ، ئىسمى يۇقىرىقى aaa ، bbb، ccc ، ddd ... بولغان تېكىست رامكىلىرىغا ئۇيغۇرچە كىرمەيدۇ ، قالغانلىرىغا نورمال ئۇيغۇرچە كىرىدۇ ...
    باشقا ئىقتىدارلىرى A نۇسخىدىكى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش !
    لازىملىق ھۆججەت :UyghurInput_C.js
    تامام !

     

    كېرەكلىك JS ھۆججەتلىرى تۆۋەندىكى ئورۇندىن چۈشۈرۈۋېلىڭ: 


                   bedit.js
    UyghurInput_A.js
    UyghurInput_B.js
    UyghurInput_C.JS
                     Edit.js

                 syntex.js


    تېما يوللىغۇچى سۆزى: syntex.js نى ساقلاپ قويماپتىمەن . ئەگەر ساقلاپ قويغان تورداشلار بولسا bilimyar@sina.com غا يوللاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

     

    لازىملىق ھۆججەت : edit.js ۋە syntax.js




    ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.

    ياخشىكەن
    (18)
    94.7%
    ناچاركەن
    (1)
    5.3%
    ------分隔线----------------------------

    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    سەھىپىلەر
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    بىلىميار تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 10:03 11-03-2010 كىرگەن ۋاقتى: 15:10 05-10-2010
    مەن زىيارەت قىلغان تېمىلار

    تەۋسىيە تېمىلار