ئىلگىرى PJBlog نىڭ رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىنغان چاغدا، يېڭى نەشىردىكى ئالاھىدىلىكلەرنى كۆرۈپ بېقىش مەقسىتىدە دەرىجىسىنى يۇقىرىلىتىش بولاقچىسىنى چۈشۈرگەن ئىدىم. ئەسلىدىكى IIS تا قوزغىتىقلىق PJBlog نى بىر كۆرۈۋېتەي دەپ ئىجرا ستونىغا localhost نى بېسىپ ئىجرا قىلسام، ھېچنىمە ئېچىلماي تۇرىۋالدى، يا بىرەر خاتالىقمۇ كۆرۈلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ نېمىنىڭ كاشىلىسىدۇ دەپ Internet 信息服务(IIS)管理器 نىڭ ئىچىدىن نۆۋەتتە قوزغىتىقلىق بېكەتنىڭ(WebSite) قوزغىلىش ھالىتىگە قارىسام توختاپ قاپتۇ. ئادەتتە بۇ يەر چوقۇم قوزغىلىقلىق(启用) ھالەتتە تۇرۇشى كېرەك، بولمىسا باشنى تاشقا ئۇرىۋالغان بىلەنمۇ بىكار. شۇنىڭ بىلەن قوزغىتىپ قوياي دەپ باسسام ئىزچىل ھالدا: بۇ پروگرامما ئىشلىتىۋاتقان ئېغىز باشقا پروگرامما تەرىپىدىن ئىشلىتىۋاتقان دېگەن خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ قەتئىي قوزغالمىدى، IIS نىڭ ئادەتتىكى ئىشلىتىدىغان ئېغىزى 80-نومۇرلۇق ئېغىز بولۇپ، دېمەك بۇ ئېغىز مەلۇم پروگرامما تەرىپىدىن ئىگەللىۋېلىنغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېردىكى پروگراممىلارنى تەكشۈرۈشكە باشلىدىم. 迅雷،Qvod قاتارلىق بارلىق پروگراممىلارنى تەكشۈرۈپ چىقتىم، بىراق بۇلار بۇ ئېغىزنى مەن ئىشلەتمىدىم دەپ غادىيىپ تۇراتتى. بىرەر ئېغىز تەكشۈرۈش قورالىنى ئىشلىتىپ باقاي دەپ بىر قانچە قورال چۈشۈرسەم ھېچقايسىسى تۈزۈك ئىشلىمىدى، شۇنىڭ بىلەن تورغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئاددىي بىر ئۇسۇلنى بايقاپ قالدىم ۋە بۇ ئۇسۇل بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلدىم. ناۋادا كۆپچىلىكمۇ يۇقارقىدەك مەسىلىگە يولۇقۇپ قالسا، تەدبىركاردىن ناھايىتى تېزلا تاپالىشى ئۈچۈن، بۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.
ئاۋال باشلاش(开始) تىزىملىكىدىن ئىجرا قىلىش(运行) نى قوزغىتىمىز ۋە CMD نى كىرگۈزۈپ بۇيرۇق ئەسكەرتمىسى(命令提示符) غا ئۆتىمىز.
ئاندىن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزىمىز:
netstat -ano
ئاندىن TCP 80 بولغان گۇرۇپپىنىڭ PID قىممىتىنى كۆرۈۋالىمىز، مەسىلەن 1384 دەپ تۇرايلى. ئاندىن Windows ئۈستەل يۈزىگە قايتىپ كېلىپ Ctrl + Shift + Esc نى بېسىپ ۋەزىپە باشقۇرغۇچ(任务管理器) نى قوزغىتىمىز، 进程 ھالەتنى تاللاپ قويۇپ، تىزىملىك قىسمىدىن تەرتىپ بويىچە كۆرۈش(查看)___ ستون تاللاش(选择列) غا كىرىپ PID نى تاللاپ قويىمىز، ئەمدى 进程 كۆزنىكىدە نۆۋەتتە قوزغىلىقلىق پروگراممىلارنىڭ PID قىممىتىمۇ كۆرۈنىدۇ، ئەمدى بىز PID قىممىتى 1384 بولغان پروگراممىنى تېپىپ تاقىۋېتىمىز. بۇ پروگرامما دەل نۆۋەتتە 80-ئېغىزنى ئىشلىتىۋاتقان پروگرامما بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمدى IIS باشقۇرغۇچىسىغا كىرىپ نۆۋەتتىكى بېكەتنى قوزغىتىشنى باسساق IIS نىڭ نورمال خىزمەت ھالىتىگە ئۆتكەنلىكىنى بايقايمىز. مەشغۇلات تامام.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش :
بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا
تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى،
تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن
ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.
|