قەدەم >> ئەزا مەركىزى | تېما يوللاڭ | يۇمشاق دېتال يوللاڭ | سەھىپىلەر | ياردەم >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى | ئەزا مەركىزى قوللانمىسى | بېكەت خەرىتىسى | RSS

تور نامى، بوشلۇق تور سودىسى تور ساۋاتلىرى پروگرامما بىلىملىرى كومپيۇتېر ساۋاتلىرى ئۆگىتىش دېتاللىرى باش بەت
بىلەرمەن تەۋسىيەلىك بېكەتلەر تور تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بىلىملىرى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال بازىرى بېكەت خەۋەرلىرى
ئەقلىي يانفون WordPress DedeCMS ماقالە-مۇلاھىزىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بازىرى خەۋەرلىرى IT

باش بەت

DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى تارقىتىلدى

ۋاقتى: 17-07-2010 | مەنبە: XJCFAN.com | ئاپتورى: قىسمەت | تەھرىر: قىسمەت | كۆرۈلۈشى: قېتىم | ئىنكاس: 56 پارچە

  •  DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى باش بېتى كۆرۈنۈشى

     

     
    DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى باشقۇرۇش سۇپىسى كۆرۈنۈشى
      
     
      
         تور بېكىتىمىز DedeCMS V5.5 نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئارىسىدا DedeCMS ئىشلىتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. بولۇپمۇ بېكىتىمىز ئىشلەتكەن «بىلەرمەن» سۇپىسى ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدىكى يېڭىلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىلىم ھاجەتمەنلىرىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلدى. شۇ جەرياندا بېكىتىمىز ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئارىسىدا مۇئەييەن ئورۇنغا ئىگە بولدى.
         بۈگۈنگە قەدەر، بەزى تورداشلىرىمىز ئۆزى تەرجىمە قىلغان ياكى باشقىلار تەمىنلىگەن DedeCMS نى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئۆزىدىكى نۇسخىنىڭ ئۆلچەملىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن دېگەندەك رازى بولۇپ كېتەلمىگەنلىكىنى ئېيتىشتى. بىز ئۇلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلدۇق ھەم DedeCMS نىڭ بەزى بۆلەكلىرىنى تەمىنلىدۇق. ھالبۇكى، ئۇيغۇر تور ئەمەلىيىتى DedeCMS نى تارقىتىش ، تارقاتقاندىمۇ ھەقسىز تارقىتىشنى تەقەززا قىلاتتى.
         2010-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى بېكىتىمىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى DedeCMS تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، بېكەت باشلىقى قىسمەت DedeCMS تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا قوبۇل قىلىندى. شۇنداق قىلىپ DedeCMS نى تارقىتىش شارائىتى ھازىرلاندى.
     
     
    ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان DedeCMS V5.5 ھەققىدە

         1. ئالدى بەتنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش نىسبىتى %99 كە يەتكۈزۈلدى.
         2. باشقۇرۇش بېتى (ئارقا سۇپا) تەرجىمە قىلىنماي، يېزىق كىرگۈزۈلىدىغان ئورۇنلار ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە كەلتۈرۈلدى.
         3. ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىدىن پايدىلىنىپ تەرجىمە ئىملاسى تۈزىتىلدى.
         4. بەت يۈزى IE , Firefox لارغا ماسلاشتۇرۇلدى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى Firefox تا Eot تونۇماسلىق مەسىلىسى ھەل قىلىندى.
         5. ئىشلىگۈچى تەرەپ ئەسكەرتكەن ۋە ئۆزىمىز زۆرۈر دەپ قارىغان بىخەتەرلىك ياماقلىرى قاپلىۋېتىلدى.
         قوشۇمچە:
        6. ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان DedeCMS V5.5 سىستېمىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈن، PHP قوللايدىغان تور بوشلۇقى ۋە MYSQL ساندان بوشلۇقى تەييارلىشىڭىز كېرەك.

         بايانات :
         1. بېكىتىمىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقاتقان DedeCMS V5.5 نىڭ بارلىق چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى بېكىتىمىزگە تەۋە.
         2. ئۇيغۇرچە نۇسخىدىكى DedeCMS V5.5 سىستېمىسى باش بېكەتنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئەنگە ئېلىنغان. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە، سىستېمىنىڭ ئەسلى ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھوقۇقى ساقلاپ قېلىنىدۇ . جۈملىدىن بېكەت ئاستىدىكى نەشىر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ( باش بېكەت ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى ئۇچۇرلىرىنى) چىقىرىۋېتىشكە، ئەقلىي مۈلۈك ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ.
         3. بېكىتىمىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان DedeCMS V5.5 ھەقسىز تارقىتىلدى. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ھەرقانداق شەكىل، ھەرقانداق سەۋەب بىلەن سېتىشىغا بولمايدۇ.

     
     بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ 1                  بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ 2                بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ 3   
     
     
         ئاخىرقى سۆز: 
         1. بىزنى قوللىغان تورداشلارغا، DedeCMS نىڭ تەرجىمىسى ۋە باشقا خىزمەتلەردە جاپالىق ئەجىر قىلغان گۇرۇپپىمىز ئەزالىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.
         2. كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ DedeCMS ھەققىدىكى تەجرىبىلىرىنى تورداشلار ھوزۇرىغا سۇنۇپ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
         3. DedeCMS نى ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر، تەكلىپ، پىكىرلەر بولسا تېما ئاستىغا ياكى بىلەرمەنگە يوللاپ، كېيىنكى قېتىملىق نۇسخىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل چىقىشىغا ھەسسە قوشۇشىڭىزنى سورايمىز.
     
     
     
    ھۆرمەت بىلەن : شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى
                          شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى
     
    2010-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى

     




    ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.

    ياخشىكەن
    (79)
    85.9%
    ناچاركەن
    (13)
    14.1%
    ------分隔线----------------------------

    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    سەھىپىلەر
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    قىسمەت تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: Xjcfan خادىمى تىزىملاتقان ۋاقتى: 08:02 10-02-2010 كىرگەن ۋاقتى: 14:01 18-01-2012
    مەن زىيارەت قىلغان تېمىلار

    تەۋسىيە تېمىلار