DedeCMS شاڭخەي جوجو تور پەن-تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى (Desdev Inc) ئىشلەپچىقارغان، خەۋەر، يۇمشاق دېتال، ئۇچۇر، بلوگ، بىلەرمەن، ناخشا-مۇزىكا، كىنو، شىركەت باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدار بىر گەۋدە قىلىنغان ئالدىنقى قاتاردىكى مەزمۇن باشقۇرۇش سىستېمىسى (Content Management System ).
DedeCMS خەلقئارادىكى ئەڭ يېڭى W3C ئۆلچىمى بويىچە لايىھەلەنگەن بولۇپ، IE , FireFox , Opera قاتارلىق كۆپ خىل تور كۆرگۈلەرنى قوللايدۇ.
2004-يىلى 10-ئايداDedeCMS نىڭ تۇنجى نۇسخىسى تارقىتىلغاندىن بۇيان، بۇ سىستېما ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ كەلدى. بولۇپمۇ ، 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى DedeCMS تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، DedeCMS تېخىمۇ چوڭ تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.
ھازىر دۆلىتىمىزدە 200 مىڭدىن كۆپرەك تور بېكەت DedeCMS سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ.
قىسقىسى، BBS قا قارىتا باشقۇرۇش كۈچەيتىلگەن نۆۋەتتە ۋەزىيەتتە، DedeCMS - تور بېكەت قۇرۇشتىكى ئاقىلانە تاللاش بولۇپ قالدى.
DedeCMS چوڭ ئىشلار خاتىرىسى
2004-يىلى 10-ئايدا DedeCMS V0.8 تارقىتىلدى.
2006-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى DedeCMS V3.0 تارقىتىلدى.
2006-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى DedeCMS V3.1 تارقىتىلدى.
2007-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى DedeCMS OX V4.0 تارقىتىلدى.
2007-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى DedeCMS تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى.
2007-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنىDedeCMS 2007 V5_RC1 تارقىتىلدى.
2008-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى DedeCMS V5.1 نىڭ GBK ۋە UTF8 نۇسخىسى بىرلا ۋاقىتتا تارقىتىلدى.
2008-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى تەتقىقات گۇرۇپپا ئىشخانىسى كۆچۈرۈلۈپ، كۆلىمى زورايتىلدى.
2008-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى DedeCMS V5.1 ھەقلىق نۇسخىسى تارقىتىلدى.
2008-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى DedeCMS V5.1 ھەقسىز نۇسخىسى تارقىتىلدى.
2008-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى پۈتۈنلەي يېڭىچە قۇرۇلمىدىكى DedeCMS V5.3 تارقىتىلدى.
2009-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى DedeCMS V5.31 تارقىتىلدى.
2009-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى DedeCMS V5.5 تارقىتىلدى.
2010-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى DedeCMS V5.6 تارقىتىلدى.
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى قىسمەت DedeCMS تەتقىقات گۇرۇپپىسى 2-تىل ئېچىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى.
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى تارقىتىلدى.
DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى باش بېتى كۆرۈنۈشى
DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى باشقۇرۇش سۇپىسى كۆرۈنۈشى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش :
بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا
تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى،
تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن
ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.
|