بىز ئادەتتە تورلادىن كىنو-فىلىم چۈشۈرۈشتە بىرەر ئىزدەش توربىكىتىگە چۈشۈرۈمەكچى بولغان كىنونىڭ ئىسمىنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ تېپىلغان مۇناسۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن چۈشۈرۈش ئادېرىسىغا ئىگە بولىمىز.بۇنداق قىلغاندا بىز كۆپ ۋاقتىمىزنى ۋە زىھنىمىزنى ئىسراپ قىلۋېتىمىز.يەنە كېلىپ ئىزدەپ تاپقان ئادېرىسنىڭ توغرا بولۇش نىسپىتىمۇ تۆۋەنرەك.تۆۋەندە مەن سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغان بىكەتلەرگە يوللانغان فىلىملەرنىڭ سۈرەت ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى،چۈشۈرۈش سۈرئىتى تىزبولۇپ ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ۋە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان كىنو-فىلىملەنى كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلمايلا،ئاسانلا ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ.بۇلارنى مەنمۇ بىرخەنزۇچە ماتىريالدىن كۆرۈپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى ياخشىراقلىرىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم.تەرجىمە قىلىش ۋە يوللاش جەريانىدا خاتالىق كۆرۈلگەن بولسا كەڭ تورداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار داۋاملىق http://www.armanim.net تور بىتىگە يوللىندۇ،قەدەپ تەشرىپ قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز.
VeryCD:دۆلىتىمىز ئىچىدىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ p2pيۈك چۈشۈرۈش تور بىكىتى

ئادرېسى :http://www.verycd.com
تىلى:خەنزۇچە
تۈرى:ئۇنىۋېرسال ماتېرىيال چۈشۈرۈش بىكىتى
ئېچىۋىتىشچانلىقى:10(تىزىملىتىش ھاجەتسىز)
ئىشلىتىلىشچانلىقى:8 (مەخسۇس چۈشۈرۈش يۇمشاق دىتالىنى قاچىلايسىز)
VeryCD بولسا نۆۋەتتىكى دۆلىتىمىز ئىچىدىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ p2pيۈك چۈشۈرۈش تور بىكىتى بولۇپ،كۆرۈش ئاڭلاش تۈرىدىكى ھەرخىل كىنو،تېلېۋىزىيە تىياتىرى،ناخشا-مۇزىكا قاتارلىقلارنىڭ سانى 100مىڭدىن ئاشىدۇ.بىكەت تۈزۈلىشى ئاددى،ئوچۇق بولۇپ ،بىكەتكە تۇنجى قېتىم كىرگەنلەرمۇ ناھايىتى ئاسانلا مەشخۇلات ئېلىپ بارالايدۇ.بىكەت ئاساسلىقى كىنو،تېلېۋىزىيە تىياتىرى،مۇزىكا،ئويۇن،كارتون،ئۇنىۋېرسال سەنئەت،يۇمشاق دېتال ۋە ماترياللار قاتارلىق 8چوڭ تۈر ۋە مۇشۇ تۈرئاستىدىكى نۇرغۇنلىغان كىچىك تارماق تۈرلەردىن تۈزۈلگەن.سىز ئىزدىمەكچى بولغان مەزمۇننى ئۈستىدىكى ئىزدەش رامكىسىغا كىرگۈزۈپ،ئىزدەش دىگەن خەتنى چەكسىڭىزلا سىزگە ئىزدىگەن مەمۇننى ناھايىتى تىزلا تېپىپ بېرىدۇ.ئەلۋەتتە بۇ توربىكەتتىكى ماتىرياللارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن Emuleيۇمشاق دىتالىنى قاچىلايسىز.
Shooter:كىنو-فىلىم يېزىق ھۆججىتىنى تەمىنلەش بىكىتى

ئادرېسى:http://www.shooter.cn
تىلى:خەنزۇچە
تۈرى:يېزىق ھۆججەت تەمىنلەش
ئېچىۋىتىشچانلىقى:10 (تىزىملىتىش ھاجەتسىز)
ئىشلىتىلىشچانلىقى:9(دېتال قاچىلاش ھاجەتسىز)
ئوخشاش تۈردىكى بىكەتلەر:www.wikisubtitles.net (ئېنىگىلىزچە)
بۇ توربىكەت بىرقەدەر ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان فىلىم خەتلىك ھۆججىتىنى تەمىنلەيدىغان توربەت بولۇپ،ھازىرغا قەدەر يىغىلغان خەتلىك ھۆججەت نەچچەيۈزمىڭدىن ئاشىدۇ.ئاساسەن دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى كۆپلىگەن كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ يېزىق ھۆججىتىنى تاپقىلى بولىدۇ.نۇرغۇنلىغان خەتلىك فىلىم تەرجىمە ھەۋاسكارلىرىنىڭ نەزىرىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.شۇڭا ھەۋەسكارلار ۋە تەرجىمە قىلنىپ بولغان يېزىق ھۆججىتىنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە بۇ بىكەتكە بىر نۇسخا يوللايدۇ.
Yyest فىلىم ئۇچۇر مەركىزى

بېكەت ئادرېسى:WWW.YYETS.NET
تىلى:خەنزۇچە
تۈرى:فىلىم خەتلىك ھۆججىتى چۈشۈرۈش،مۇنازىرە،كىنو-فىلىم چۈشۈرۈش
ئېچىۋىتىشچانلىقى:8(بەزى ئورۇنلىرى تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ)
ئىشلىتىلىشچانلىقى:9 (مەخسۇس يۇمشاق دېتال قاچىلاش ھاجەتسىز)
ئوخشاش تۈردىكى بىكەتلەر http://www.1000fr.com:
http://www.regbear.com
http://www.ydy.com
http://www.dream2008.cn
توربىكەتنىڭ خەنزۇچە ئىسمى(人人影视) .فىلىم چۈشۈرۈ،يېزىق ھۆججىتى ياساش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر يولغا قويۇلغان بولۇپ ياۋروپا ۋە ئامرىكا تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئاساس،كىنونى قوشۇمچە قىلغان .نۇرغۇن تېلېۋىزىيە تىياتىر ھەۋەسكارلىرى توپلاشقان.شۇڭا سىز بۇيەردە كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى چۈشۈرۈشتىن باشقا يەنە ئۆزىڭىزگە ئوخشاش ھەۋەسكارلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايسىز.بىكەتكە يەنە كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا ئائىت ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار،ئەڭ تىز سۈرئەتتە يوللىندىغان بولۇپ،يېڭى قوغلىشىدىغان دوسىتلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ.
Moviesoon:ۋوللىۋود كىنو قوللانمىسى

ئادرېسى:http://www.moviesoon.com
تىلى:خەنزۇچە
تۈرى:بىلوگ كۈندىلىك خاتىرىسى ،يۈك چۈشۈرۈش
ئېچىۋىتىشچانلىقى:10(تىزىملىتىش ھاجەتسىز)
ئىشلىتىلىشچانلىقى:10
ئىسمىدىنلا بىلىنىپ تۇرۇپتۇكى بۇ ۋوللىۋود كىنو-فىلىملىرىگە ئائىت ئۇچۇرلار مەركەزلەشكەن توربىكەت.بىكەت مەزمۇنى ئاساسلىقى كىنو-فىلىم ئالبۇمى،يېڭى فىلىم ئۇچۇرلىرى،كىنو-فىلىملەرگە ئائىت كۈندىلىك خەۋەر ۋە ئۇچۇرلاردىن تەركىب تاپقان بىلوگ شەكلىدىكى تور بېكەت.
Hdchina:يۇقىرى ئېنىقلىق،سۈزۈكلۈكتىكى فىلىملەر

ئادرېسى:http://hdchina.org
تىلى:خەنزۇچە
تۈرى:يۇقىرى ئېنىقلىق ۋە سۈزۈكلۈكتىكى فىلىملەرنى چۈشۈرۈش
ئېچىۋىتىشچانلىقى:2(تىزىملىتىش تەسرەك)
ئىشلىتىلىشچانلىقى:8(BT چۈشۈرۈش يۇمشاق دىتالىنى قاچىلايسىز)
سىز بۇ تور بىكەتكە كىرگەندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان كىنو-فىلىم ۋە ئامرىكا،ياپۇنىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ 720P لىق ،1080P لىق ئېنىقلىقتىكى چۈشۈرۈش مەنبەلىرىگە ئېرىشەلەيسىز.بىكەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى يوللانغان فىلىملەرنىڭ ئېنىقلىق ۋە سۈزۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى،چۈشۈرۈش سۈرئىتى تىز.كەمچىكىلى تىزىملىتىش تەس.
EZTV:ئامرىكا تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بازىسى

ئادرېسى:http://eztv.it
تىلى:ئېنگىلىزچە
تۈرى:مەنبەلەردىن ئورتاق پايدىلنىش
ئېچىۋىتىشچانلىقى:10(تىزىملىتىش ھاجەتسىز)
ئىشلىتىلشچانلىقى:9(BT چۈشۈرۈش يۇمشاق دىتالىنى قاچىلايسىز)
بۇبىر BT مەنبەلىك تور بېكەت بولۇپ ئامرىكا تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى چۈشۈرۈش ئاساس،بەزى ۋاقىتلاردا ھەرخىل مۇكاپات تارقىتىش پائالىيەتلىرىنىڭ سىنئالغۇ ھۆججىتنىڭ مەنبەلىرى بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ.بىكەت تەمىنلىگەن چۈشۈرۈش ئادېرىسلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك چۈشۈرۈشكە بولىدىغان مەنبەلەر.ساختا BT ئۇرۇقى ۋە ساختا ئادرېس يوق.ئالاھىدىلىكى بولسا ،ئامرىكا تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى قويۇلۇپ بولۇشى ھامان،بىر-ئىككى سائەت ئەتراپىدا بۇيەرگە يوللىنىپ بولىدۇ.
IMDB:كىنو كۇتۇپخانىسى

ئادرېسى:http://imdb.com
تىلى:ئېنگىلىزچە
تۈرى:مەنبەدىن ئورتاق پايدىلنىش
ئېچىۋىتىلىشچانلىقى:8(ھەقسىز ئابۇنىتلار بىكەتنىڭ كۆپ قىسىم ئىقتىدارلىرىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.)
ئىشلىتىلىشچانىلىقى 7(بەلگىلىك ئېنگىلىزتىلى سەۋىيە تەلەپ قىلىدۇ)
بۇ بىكەتنى كۆپ تونۇشتۇرمىساممۇ نۇرغۇن تورداشلار بىلىدىغۇ دەيمەن.imdbبولسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىنو-فىلىم سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ھېساپلىنىدۇ.ئاساسەن دۇنيادىكى سۈرەتكە ئېلىنغان كىنو-فىلىملەر ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك تاپقىلى بولىدۇ.كۆپ قىسىم كىنو-فىلىم چۈشۈرۈش تور بىكەتلىرىگە قارايدىغان بولسىڭىز،ئۇلار يوللىغان فىلمنىڭ مەنبە چۈشەندۈرىشىگە شۇ فىلىمنىڭ imdb دىكى ئادېرىسىنى قوشۇپ يوللاپ قويدۇ.
Movieweb:كىنو-فىلىم ئالبۇمى

ئادرېسى:http://www.movieweb.com
تىلى:ئېنگىلىزچە
تۈرى:چوڭ ھەجىمدىكى فىلىم سۈرەتلىرى،فىلىم ئۇچۇر،يېڭى فىلىم ئارخىپلىرى
ئېچىۋىتشچانلىقى:10
ئىشلىتىلىشچانلىقى:7(بەلگىلىك ئېنگىلىزتىلى سەۋىيە تەلەپ قىلىدۇ)
بۇ تور بىكەتتىن سىز ھەرقاندان بىر كىنو-فىلىمنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى،سۈزۈك ھەم چوڭ بولغان رەسىملىرىنى تاپالايسىز.بۇيەر كىنو-فىلىم رەسىملىرىگە قىزىقىدىغان ۋە يىغىپ ساقلاشنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۈچۈن ياخشى تاللاش بولالايدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


























