يېقىندىن بىرى بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ئېلانى ھەقسىز ئېلان كۆرۈنۈۋالغان. تىل كودى قۇشۇپمۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمىغان. نىمە ئۈچۈن شۇنداق بۇلىدۇ؟
بۇنىڭ بىر قانچە سەۋەبى بار.
1.سىز PIN خېتىنى تاپشۇرۋالمىغان شۇنداقلا پىن نۇمىرىنى جەزىملىگەن.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: ئادرىسىنىڭىزنىڭ توغرا خاتالىقىغا ھۈكۈم قىلىپ، پىن خېتىنى قايتا يوللاشنى ئىلتىماس قىلىڭ. مەشغۇلات رايۇنى ئەدسىنىس ھىساباتىدىكى 付款历史 نىڭ ئاستىدا.
2.سىز تىلىفۇن ئارقىلىق جەزىملەش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارمىغان.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: سىز Adsense ھىساباتى ئىچىدىكى 我的账户 نىڭ ئاستىدىكى付款历史 نى چىكىپ، 电话确认 گە مۇناسىۋەتلىك ئۇلانىمىنى چىكىپ، كىچىك زىرەك، چوڭ زىرەك ياكى مۇقىم تىلىفۇن نۇمىرىڭىزنى كىرگۈزۈپ ( كىرگۈزۈش ئۇسۇلى: 09912222222 شەكلىدە) جەزىملىسىڭىز شۇ ھامان سىزگە ئاپتۇماتىك مۇلازىمەت تىلىفۇنى كىلىدۇ ۋە خەنزۇچە بىر نەچچە خانىلىق ساننى ئاپتۇماتىك ئۇقۇپ دەپ بىرىدۇ. سىز دەرھال شۇ ساننى يىزىۋېلىپ ياك بىۋاستە كۈرۈنگەن گىرافىكقا تولدۇرۇپ جەزىملىسىڭىز بۇلىدۇ. ئەسكەرتىس: بىر ھىسابات ئۈچۈن بىر نۇمۇر ئىشىلتىڭ. ئىككى ھىساباتنى بىر تىلىفۇن نۇمۇردا جەزىملىمەڭ. بولمىسا ئېلان توختايدۇ.
3. باج رەسمىيىتىنى جەزىملىمىگەن.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: 付款历史 دىن باج رەسمىيىتىنى جەزىملەڭ.
4. بىكىتىڭىزدىكى يازمىلارنىڭ ئەھمىيىتى يوق، ئەخلەت تېمىلار بولسا شۇنداقلا تېمىلارنى باشقا بىكەتلەردىن كۈچۈرۈپ ئېلىپ كەلگەن بولسىڭىز مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بىرىدۇ.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: بىكىتىڭىزنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈڭ. يازمىلارنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ، ئىجادىي تېمىلارنى يوللاڭ. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئەخلاقىڭىز بولسا گوگىل Adsense نىڭ ئەقلى ئېلان سىستىمىسى سىزنىڭ ئېلانىڭىزنى ھەرگىز كىرىم بولمايدىغان ھەقسىز ئېلانغا بەلگىلەپ قويمايدۇ.
5. تور بىكىتىڭىز ئۇزۇن مەزگىل يېڭىلانمىغان بولسا.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: بىكىتىڭىزنىڭ مەزمۇنىنى دەرھال يېڭىلاڭ.
6. بېكىتىڭىزدە نەشىر ھۇقۇقىغا تاقىلىدىغان مەزمۇنلار ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولسا ئاۋال مۇشۇنداق ئاممىۋىي كۈرۈنىۋالىدۇ. سىز ئۈزىڭىزنى سورىمىغاندىن كىيىن بارا-بارا ئېلان ھىساباتىڭىز توختىتىلىدۇ.
ئەگەر سىزگە پىن خېتى ئۈچ قىتىم يوللانغان ،بىراق سىز تاپشۇرۇپ ئالالمىغان بولسىڭىز كىملىك ئارقىلىق جەزىملەشكە بۇلىدۇ.
3 قىتىم تاپشۇرۋالالمىغان بولسىڭىز بۇيەردىن كىملىك نۇمىرى ئارقىلىق جەزىملەشكە ئىلتىماس قىلىڭ. ( ھىساباتىڭىزغا كىرىپ ئاندىن ئۇچۇرلارنى يوللايسىز.)
https://
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


























