قەدەم >> ئەزا مەركىزى | تېما يوللاڭ | يۇمشاق دېتال يوللاڭ | سەھىپىلەر | ياردەم >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى | ئەزا مەركىزى قوللانمىسى | بېكەت خەرىتىسى | RSS

تور نامى، بوشلۇق تور سودىسى تور ساۋاتلىرى پروگرامما بىلىملىرى كومپيۇتېر ساۋاتلىرى ئۆگىتىش دېتاللىرى باش بەت
بىلەرمەن تەۋسىيەلىك بېكەتلەر تور تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بىلىملىرى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال بازىرى بېكەت خەۋەرلىرى
ئەقلىي يانفون WordPress DedeCMS ماقالە-مۇلاھىزىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بازىرى خەۋەرلىرى IT

باش بەت

ئوقۇتقۇچىلارغا دەرس تەييارلىقلىرى ھەقسىز تەمىنلەندى

ۋاقتى: 28-08-2010 | مەنبە: | ئاپتورى: روھلان تور ب | تەھرىر: قىسمەت | كۆرۈلۈشى: قېتىم | ئىنكاس: 1 پارچە

  • نۆۋەتتە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى بارلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دەرسنى كومپيۇتېردا تەييارلاش ۋە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش تەكىتلىنىۋاتىدۇ .

    روھلان تور بېكىتىمىز قۇرۇلغاندىن باشلاپلا ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىلغان كەسپى تور بىكەت بولۇپ، 2008 - يىلىدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا، تولۇقسىز ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى مائارىپى ئۈچۈن ھەر قايسى پەن ۋە يىللىقلارنىڭ دەرسلىك ماتىرىياللىرى ، ئەخلاقى - تەربىيە، ئىككى ئاساسەن ماتىرىياللىرى، ئوقۇتۇشتەا دائىم ئىشلىتىلدىغان ماتىرىيال ۋە جەدىۋەللەرنى ھەقسىز يوللاپ، ھازىر ھەر قانداق بىر مەكتەپ باسقۇچىدىكى ھەر قايسى يىللىقلارنىڭ ھەرخىل پەنلىرىنىڭ دەرس تەييارلىقى، ماتىرىيالللىرىنى توپلاپ يوللاپ بولدى ھەم داۋاملىق يېڭىلىنىپ يوللىنىۋاتىدۇ، بارلىق دەرسلىك ماتىرىياللار پۈتۈنلەي ھەقسىز، ئوچۇچ تارقىتىلدى .

    مەقسىتىمىز ئاپتۇنۇم رايۇنىمزىدىكى كەڭ جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىلىتىپ مائارىپىمىز ئۈچۈن كۆپرەك ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىغا قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت .

    سىز تۆۋەندىكى سەھىپىلەر بۇيىچە كىرىپ ئۆزىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك دەرس تەييارلىقى، دەرسلىك دېتالى ياكى مائارىپقا ئائىت باشقا ماتىرىياللارنى چۈشۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ . شۇنداقلا كەڭ مائارىپچىلارنىڭ داۋاملىق تۈردە بېكىتىمىزگە ئۆزىدە بار بولغان مائارىپقا دائىر ماتىرىياللارنى يوللاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىنى قوشۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز .

    ماتىرىيال چۈشۈرۈش ئادرىسى:

    باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىك ماتىرىياللىرى:  http://bilim.rohlan.biz/forum-107-1.html 

    تولۇق ئوتتۇرا-تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىك ماتىرىياللىرى: http://bilim.rohlan.biz/forum-108-1.html

    ئىككى ئاساسەن ماتىرىياللىرى: http://bilim.rohlan.biz/forum-106-1.html

    ئەخلاقى تەربىيە ماتىرىياللىرى: http://bilim.rohlan.biz/forum-105-1.html

    مەكتەپلەردا دائىملىق ئىشلىتىلدىغان ئارخىپ-ماتىرىياللار: http://bilim.rohlan.biz/forum-109-1.html

    ئوقۇتۇش-تەتقىقات، ئىلمى ماقالىلەر: http://bilim.rohlan.biz/forum-122-1.html

    يۇقارقى مائارىپ ماتىرىياللىرىن باشقا يەنە تور بىكەت ياساش دەرسى، تەرجىمە قىلىش دەرسى قاتارلىقلارمۇ پۈتۈنلەي ھەقسىز يولاندى، يوللانغان دەرسلىكلەرنىڭ ئومۇمى سىغىمى 10گىگابايتتىن ئاشىدۇ .

    باش بەت ئادرىسى:

    www.rohlan.biz
     
     
     مۇنبەر ئادرىسى:
    http://bilim.rohlan.biz
     
     
    نۆۋەتتە يېڭى ئوقۇش يىلى باشلىنىپ بارلىق ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ھەر جاي-ھەرجايدىن دەرس تەييارلىقلىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ، بەزى ھايانكەشلەر بېكىتمىزدىكى دەرسلىكلەرنى چۈشۈرۈپ، ئۇنى روھلان تورىنى بىلمەيدىغانلارغا ھەقلىق سېتىپ نۇمۇسسىزلارچە پۇل تېپىۋاتىدۇ، شۇڭا بىر نەچچە ھەپتىگىچە مەزكۇر تېمىنى بېكەت باشلىقلىرىنىڭ چوققىلاپ ياكى تەۋسىيەلەپ چىقىرىپ قۇيۇشىنى، كەڭ جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ۋە ئىقتىسادى چىقىمىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن .
     
     
    ھۆرمەت بىلەن روھلان تور بېكىتى   
     
    2010-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى

     




    ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.

    ياخشىكەن
    (8)
    100%
    ناچاركەن
    (0)
    0%
    ------分隔线----------------------------

    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    سەھىپىلەر
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    روھلان تور بېكىتى تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 21:04 17-04-2010 كىرگەن ۋاقتى: 23:09 27-09-2010
    روھلان تور بنىڭ باشقا تېمىلىرى
    مەن زىيارەت قىلغان تېمىلار

    تەۋسىيە تېمىلار