قەدەم >> ئەزا مەركىزى | تېما يوللاڭ | يۇمشاق دېتال يوللاڭ | سەھىپىلەر | ياردەم >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى | ئەزا مەركىزى قوللانمىسى | بېكەت خەرىتىسى | RSS

تور نامى، بوشلۇق تور سودىسى تور ساۋاتلىرى پروگرامما بىلىملىرى كومپيۇتېر ساۋاتلىرى ئۆگىتىش دېتاللىرى باش بەت
بىلەرمەن تەۋسىيەلىك بېكەتلەر تور تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بىلىملىرى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال بازىرى بېكەت خەۋەرلىرى
ئەقلىي يانفون WordPress DedeCMS ماقالە-مۇلاھىزىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بازىرى خەۋەرلىرى IT

ئورنىڭىز: باش بەت>بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى

بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى

  

1. شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى ۋە تور بېكىتى نېمە مەقسەتتە تەشكىل قىلىنغان؟
«بىرلىك بولماي، تىرىكلىك بولماس» دېگەن ھېكمەتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئورتاق نىشان ئۈچۈن، رايونىمىز كومپيۇتېر تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن تەشكىل قىلىنغان.

 

2. ھەمكارلىققا قاتناشقان تور بېكەتلەر قايسىلار؟
1. قىسمەت تور بېكىتى  http://www.Qismet.cn
2. تەدبىركار تور بېكىتى  http://www.Tedbirkar.net
3. كارخانا تور بېكىتى  http://www.Karhana.com
4. ئۇزنوكىيا تور بېكىتى  http://www.Uznokia.cn
5. گوگېل ئېلانى بىلىملىرى ۋە ئۇچۇرلىرى تورى  http://www.Googleelani.com
6. ئۇيغۇر ئادسېنىس تور بېكىتى  http://www.UyghurAdsense.com


3. ھەمكارلىققا قاتناشقان شەخسلەر قايسىلار؟
1. قىسمەت  Qismet
2. تەدبىركار Tedbirkar
3. ئەرمىش  Ermish
4. نوكىيافۇن  NokiaFun

 

4. شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتىنىڭ خاراكتېرى نېمە؟
كومپيۇتېر، IT ساھەسىنى نىشان قىلغان كەسپىي كومپيۇتېر تور بېكىتى

 

5. تور بېكەت ئادرېسىنىڭ مەنىسى نېمە؟
شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتىنىڭ تور ئادرېسى http://www.xjcfan.com ، بۇ يەردىكى xjcfan ئىنگلىزچە Xinjiang Computer Fans نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى دېگەن مەنىدە.

 ئەسكەرتىش: بەزىدە xjcfan.com ياكى xjcfan دېگەن نام ئايرىم ياكى «شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى» دېگەن نامنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. ماركىغا مۇناسىۋەتلىك لايىھىلەردە تور نامى ۋە «شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى» نىڭ ئورنىدا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن (ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلدى) .

 

6. تور بېكەتنىڭ تۇغىنى قانداق چۈشەنسەك بولىدۇ؟
تور بېكەت تۇغى ئۈچ دانە (كۈلرەڭ، سېرىق، يېشىل) ھالقىنىڭ ناھايىتى زىچ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ھەمكارلىققا، بىرلىككە سىمۋول قىلىنغان.

 

7. تور بېكىتىڭلاردا قايسى تۈرلەردىن ھەقلىق، قايسى تۈرلەردىن ھەقسىز پايدىلانساق بولىدۇ؟
ھەقلىق تۈرلەر:
1. « بىلىم بازىرى » سەھىپىسدىكى تۈرلەر
2. ھەمكارلىق ئېلانىدىن باشقا ئېلان ئورۇنلىرى
3. تور بېكىتىمىز ئەسكەرتكەن باشقا تۈرلەر

 ھەقسىز تۈرلەر: ھەقلىق تۈردىن باشقا بارلىق تۈرلەر

 

8. مەن مەھسۇلاتىمنى بېكىتىڭلارنىڭ « بىلىم بازىرى » سەھىپىسىگە قويماقچى ئىدىم، قانداق قىلىشىم كېرەك؟
بېكىتىمىزنىڭ « بىلىم بازىرى » سەھىپىسى گۇرۇپپىمىز مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان ئورۇن. باشقا شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ كومپيۇتېر ۋە IT غا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى مۇئەييەن ھەق تۆلەپ قويسا بولىدۇ. 

 

9. مەن ئۈستىدە تىلغا ئېلىنغان بىر نەچچە تور بېكەتلەر قاتارىدا سىلەر بىلەن ھەمكارلاشماقچى، بىرلەشمەكچى ئىدىم، قانداق قىلىشىم كېرەك؟
1. تور بېكىتىمىز كەسپىي كومپيۇتېر، IT تور بېكىتى. كومپيۇتېر، IT دىن باشقا ساھەلەرگە قول تىقمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن باشقا ساھە تور بېكەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش، بىرلىشىش ئىمكانىيىتى يوق.
2. بىز سىزگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كاپالەت بېرەلمەيمىز. چۈنكى، بېكىتىمىز مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىۋاتقان بولسىمۇ، سىزگىمۇ ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىپ بېرىشكە ۋەدە بېرەلمەيدۇ.
3. بېكىتىمىز خاسلىق يارىتىشنى ئۆزىگە بېزەك قىلغاچقا، بېكەت مەسئۇللىرى (ھەمكارلاشقۇچىلىرى) ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىي، يېڭى تېمىلار بىلەن بېكەت مەزمۇنىنى بېيىتىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئەمەلىي شەرت-شارائىتلارنى ئىدىيىڭىزدىن ئۆتكۈزەلىسىڭىز، تېلېفون ياكى پىكىر دەپتىرى ئارقىلىق بېكەت مەسئۇللىرى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

10. بۇ تور بېكەتكە تەكلىپ-پىكىر بەرمەكچى ئىدىم، قانداق قىلىمەن؟
بەت ئۈستى تىزىملىكىدىكى «پىكىر» كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، ئۆزىڭىزنىڭ يۈرەك سۆزلىرىڭىزنى ئېيتسىڭىز بولىدۇ. (ئەسكەرتىش: پىكىرلەر پەقەت تەستىقلانغاندىلا ئاندىن باشقىلارمۇ كۆرەلەيدۇ. بۇ جەھەتتە مۇتلەق بىخەتەرلىككە ئىگە)
يەنە بىر ئۇسۇل: بەت ئاستىدىكى مۇلازىمەت ئېلخېتىگە خەت يوللاپ پىكىرلەشسىڭىزمۇ بولىدۇ.

 

11. كومپيۇتېر ساھەسىدە يولۇققان مەسىلىلەردىن پىكىر دەپتىرى ئارقىلىق سوئال سورىسام بولامدۇ؟
پىكىر دەپتىرىدىكى سوئاللار (پىكىرلەر) نى پەقەت بېكەت باشقۇرغۇچىلىرىلا كۆرەلەيدۇ. ئەگەر باشقۇرغۇچىلار ئالدىراش بولسا ياكى سوئاللار باشقۇرغۇچىلارنىڭ بىلىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتسە سۇئالىڭىز جاۋابسىز قېلىشى مۇمكىن.
شۇڭا، سوئال سورىماقچى بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ « بىلەرمەن » سەھىپىسىدىن پايدىلانسىڭىز، ئۆلچەملىك جاۋابقا ئېرىشىش پۇرسىتىڭىز كۆپ بولىدۇ.

 

12. مەن سىلەر بىلەن ئۇلىنىش ئالماشتۇرماقچى ئىدىم، بىراق سىلەرنىڭ ئۇلىنىش كۆزنىكىڭلاردا بىرنەچچىلا تور بېكەتنىڭ تۇغى (LOGO) كۆرۈنىدىكەن، قالغانلىرى ئىچ بەتتە كۆرۈنىدىكەن، بۇنى چۈشەندۈرۈپ قويالامسىلەر؟

باش بەتتە پەقەت 30 لا تور بېكەتنىڭ تۇغى كۆرۈنىدۇ. قالغان تور بېكەتلەرنىڭ ئۇلىنىشى ئىچ بەتتە كۆرۈنىدۇ. سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزدىن بېكىتىمىزگە كىرگەن زىيارەتچىلەرنىڭ سانىغا قاراپ، بېكىتىمىزدىكى تۇغىڭىز ئاپتوماتىك ھالدا ئۈستىگە ياكى ئاستىغا سۈرۈلۈپ ماڭىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت تور بېكەتلەر دوستلۇقنى، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش.
دېمەك، سىز بېكىتىڭىزگە كۈچىسىڭىز، تۇغىمىزنى كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق بېكىتىمىزنى قوللىسىڭىز، تەبىئىي ھالدا ئۆزىڭىزنى قوللىغان، ئۆزىڭىزنى تەشۋىق قىلغان بولىسىز. ئۆزئارا نەپ بېرىش مانا مۇشۇنداق ئەمەلگە ئاشىدۇ.