90-يىللاردىن بۇيان نەشىردىن چىققان نوپۇزلۇق لۇغەتلەردىن جەمئىي 2 مىليونغا يېقىن سۆز-ئىبارە كىرگۈزۈلگەن،
ئىنگلىزچە-خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە كۆپ يۆنىلىشلىك ئاۋازلىق لۇغەت
قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
«ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»(قوش تىللىق) دۆلەت ئىچىدە رەسمىي نەشىردىن چىققان زور ھەجىملىك لۇغەت يۇمشاق دېتال بولۇپ، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە نوپۇزلۇق لۇغەتلەردىن جەمئىي 2 مىليونغا يېقىن سۆز-ئىبارە كىرگۈزۈلگەن.
ئېكراندىن سۆز تۇتۇش، كۆپ يۆنىلىشلىك ئىزدەش، خەنزۇچە (ھەقىقىي ئادەم) تەلەپپۇزى قاتارلىق يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلدى. ھەر بىر سۆزنىڭ لۇغەت ئايرىمىسى ياكى كەسىپ تۈرلىرى ئېنىق كۆرسىتىلدى. ئىككى تىللىق نۇسخىسىغا نوپۇزلۇق لۇغەتلەردىن «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، «ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى»، «كۆپ ئىقتىدارلىق باشلانغۇچ مەكتەپ خەنزۇ تىلى لۇغىتى»، «جۇڭخۇا ئىدىيۇم لۇغىتى» قاتارلىق لۇغەتلەرمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ھەر بىر سۆز ۋە خەتنىڭ يەشمىسى، مىسالى قاتارلىقلارمۇ قوشۇلدى.
لۇغىتىمىزنىڭ سۆزلۈك مىقدارى زىيادە مول، دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، مەنە شەرھىسى توغرا بولۇپ، 90-يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتتە كەڭ قوللىنىۋاتقان ھەم مۇقىملاشقان سۆز-ئىبارىلەرنى كىرگۈزۈش بىلەن بىللە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ھەر قايسى پەن ساھەلەردە قوللىنىلىۋاتقان يېڭى سۆز-ئاتالغۇلارمۇ كىرگۈزۈلدى.
كومپيۇتېر جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە كەڭ ئومۇملىشىۋاتقان بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە، مەزكۇر يۇمشاق دېتال سىزنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇشىڭىزدىكى تىل قىيىنچىلىقىڭىزنى يېڭىشتە قابىل ياردەمچىڭىز ۋە ياخشى ئۇستازىڭىز بولالايدۇ.
يېڭى ئىقتىدارلىرى
(1) تىل تۈرى كۆپ، سۆزلۈك مىقدارى مول، ئىزدەش يۆنىلىشى نۇرغۇن
خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە نوپۇزلۇق لۇغەتلەردىن جەمئىي 2 مىليونغا يېقىن سۆز-ئىبارە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، سۆزلۈك مىقدارى ئېھتىياجىڭىزدىن تامامەن چىقالايدۇ.
سۆز ئىزدەش يۆنىلىشى تۆۋەندىكىدە:
1. خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە
2. ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە
جەمئىي 2 يۆنىلىش بولۇپ، بىر ئامباردىن كۆپ يۆنىلىشتە پايدىلىنىشتىن پۈتۈنلەي ساقلىنىلدى. «ئۇيغۇرسوفت چوڭ لۇغىتى 2005» دە ئاران 2 يۆنىلىش بار ئىدى.
(2) لۇغەت ئايرىمىسى، كەسىپ تۈرلىرى، مەنا تەرتىپى
سۆزلەرنىڭ ھەر قايسى لۇغەتلەردىكى ئورنىغا ئاساسەن لۇغەت ئايرىمىسى، كەسىپ تۈرلىرى بېرىلىدى، سۆزلەر مەنا تەرتىپى بويىچە ئاساسىي مەنىسى ئالدىغا كۆچمە مەنىسى ئارقىغا تىزىلدى. پايدىلىنىش قىممىتى تېخىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. «ئۇيغۇرسوفت چوڭ لۇغىتى 2005» دە بۇنداق ئىقتىدار يوق ئىدى. سۆزلەرنىڭ كۆرۈنۈش تەرتىپىدە قالايمىقانچىلىق بار ئىدى.
(3) ئىزدەش ئۇسۇلى ئۆزگىچە، ئىزدەش سۈرئىتى تېز
ئىزدەش يۆنىلىشىنى ئالماشتۇرۇش ياكى تاللاش ھاجەتسىز بولۇپ، قانداقلا سۆز كىرگۈزۈڭ ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈپ، بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ خىل تىلدا ئىزدەپ بېرىدۇ. ھەتتا پىنيىن بىلەن ئىنگلىزچە سۆزنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئىگە . ئۇيغۇرچە تەقلىدىي كۇنۇپكا تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچە خەت بېسىشنى بىلمەيدىغانلارمۇ ئۇيغۇرچە ئىزدىيەلەيدۇ.
خەنزۇچە بۇشۇلار ۋە پىنيىن بويىچە ئىزدەش ھالىتى كۈچەيتىلگەن بولۇپ، خەنزۇچە تاق خەت يان بۆلەك ۋە سىزىق سانى بويىچە تېخىمۇ ئېنىق ئايرىلدى.
(4) خەنزۇچە ھەقىقىي تەلەپپۇز
خەنزۇچە سۆزلەرنىڭ (ھەقىقىي ئادەم) تەلەپپۇزى تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئاۋاز سۈپىتى ناھايىتى يۇقىرى. ماشىنا ئارقىلىق ئوقۇتۇلغان ئاۋاز ئەمەس. «ئۇيغۇرسوفت چوڭ لۇغىتى 2005» دە بۇنداق ئىقتىدار يوق ئىدى.
(5) ئېكراندىن سۆز تۇتۇش
ئېكراندىن سۆز تۇتۇش ئىقتىدارى ئۆزگىچە بولۇپ، ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە سۆزلەرنى توغرا پەرقلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «ئۇيغۇرسوفت چوڭ لۇغىتى 2005» دە بۇنداق ئىقتىدار يوق ئىدى.
(6) تۈرلەر بويىچە ئىزدەش
تۈرلەر بويىچە ئىزدەش ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. «ئۇيغۇرسوفت چوڭ لۇغىتى 2005» دە بۇنداق ئىقتىدار ئاجىز ئىدى.
(7) توردىن يېڭىلاش
توردىن يېڭىلاش ئىقتىدارى خۇددىي ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتاللىرىدەك ئىلغار بولۇپ، پەقەت يېڭىلانغان ھۆججەتلەرنى توردىن چۈشۈرىدۇ. سۆزلۈك ئامبىرى ۋە سىستېما تولۇقلىمىلىرى ھەر ۋاقىت يېڭىلاشقا بولىدۇ. «ئۇيغۇرسوفت چوڭ لۇغىتى 2005» دە بۇنداق ئىقتىدار يوق ئىدى.
(8) قوشۇمچە قوراللار
قوشۇمچە قوراللاردىن بىرلىك ئالماشتۇرۇش، ئابتوبۇس لىنىيىسى، مىلادىيە ۋە ھىجرىيە يىلنامىلىرىنى ئايلاندۇرۇش تەمىنلەنگەن بولۇپ، يەنە لۇغەت قوشۇمچىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسى؛ ئېلىمىز تارىخىدىكى سۇلالىلەر؛ 24 مەۋسۇم؛ خىمىيىلىك ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى؛ شىنجاڭدىكى يېزىدىن يۇقىرى مەمۇرىي رايونلارنىڭ پوچتا ۋە تېلېفون رايون نومۇرى؛ دائىم ئىشلىتىلىدىغان تېلېفون نومۇرى؛ جۇڭگودىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر؛ مەملىكەت ئىچى سىرتىدىكى ھېيت-بايراملار؛ تىنىش بەلگىلەر؛ دائىم ئىشلىتىدىغان سانلارنىڭ ئوقۇلۇشى؛ 12 مۈچەل جەدۋىلى؛ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ يەر مەيدانى، ئاھالىسى، پايتەختى، پۇلى، دۆلەت بايرىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ئۇيغۇرسوفت چوڭ لۇغىتى 2005» دە بۇنداق ئىقتىدار بار ئىدى، لېكىن، نۇرغۇن نۇقسانلار ساقلانغان ئىدى.
(9) باھاسى مۇۋاپىق، مۇلازىمەت ئەلا، ئىككى كومپيۇتېرغا قاچىلاشقا بولىدۇ.
لۇغىتىمىزگە كىرگۈزۈلگەن نوپۇزلۇق لۇغەتنىڭ ئومۇمىي باھاسى 1000 يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ، ئەمما لۇغىتىمىزنىڭ باھاسى ئىنتايىن مۇۋاپىق بولۇپ، ئىككى تىللىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 100 يۈەن(ناۋادا، ئىلگىرى سېتىۋالغان بولسىڭىز 10 يۈەن، توردىن چۈشۈرسىڭىز پۈتۈنلەي ھەقسىز).
ئۈچ تىللىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 180 يۈەن(ناۋادا، ئىلگىرى سېتىۋالغان بولسىڭىز 80 يۈەن). بىر يىل ئىچىدە ئىككى كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە پۇرسەت بېرىلىدۇ.«ئۇيغۇرسوفت چوڭ لۇغىتى 2005» نى پەقەت بىرلا كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولاتتى.
كىتابى لۇغەتلەرنى يېڭىلاشقا بولمايدۇ، ئەمما، بۇنداق ئېلېكترونلۇق لۇغەت يۇمشاق دېتالىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ھەقلىق خېرىدارىغا ئايلانسىڭىز، ھەر قېتىم يېڭى نۇسخىسىغا ئېتىبار باھادا ئالماشتۇرالايسىز.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


























