قەدەم >> ئەزا مەركىزى | تېما يوللاڭ | يۇمشاق دېتال يوللاڭ | سەھىپىلەر | ياردەم >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى | ئەزا مەركىزى قوللانمىسى | بېكەت خەرىتىسى | RSS

تور نامى، بوشلۇق تور سودىسى تور ساۋاتلىرى پروگرامما بىلىملىرى كومپيۇتېر ساۋاتلىرى ئۆگىتىش دېتاللىرى باش بەت
بىلەرمەن تەۋسىيەلىك بېكەتلەر تور تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بىلىملىرى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال بازىرى بېكەت خەۋەرلىرى
ئەقلىي يانفون WordPress DedeCMS ماقالە-مۇلاھىزىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بازىرى خەۋەرلىرى IT

باش بەت

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 5.1

ۋاقتى: 15-02-2010 | مەنبە: ئۇيغۇرسوفت | ئاپتورى: ئۇيغۇرسوفت | تەھرىر: قىسمەت | كۆرۈلۈشى: قېتىم | ئىنكاس: 1 پارچە

  • دېتال ئىسمى: ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 5.1
    تۈرى: ئۇيغۇرچە ئىملا تۈزىتىش، كوررېكتورلۇق قىلىش دېتالى


    نېمە ئۈچۈن«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى ۋە «مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ»، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالىنى ئىزچىل ئىشلىتىپ كەلمەكتە؟

    ...

    نېمە ئۈچۈن «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2007-يىلىدىن باشلاپ، «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ» ۋە «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىشكە باشلايدۇ؟

    ...

    نېمە ئۈچۈن....؟

    ...

    «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالىنىڭ تۇنجى نۇسخىسى 2000-يىلى 6-ئايدا بازارغا سېلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتالى - «ئەلكاتىپ»تىن كېيىن ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ساھەسىدە يەنە يېڭىلىق ياراتقان يۇمشاق دېتال ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى چۈشىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى تاشلىدى. ئۇ ئۇيغۇرچە يېزىق پەرقلەندۈرۈش(OCR)، ئۇيغۇرچە ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

    «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ يېڭى نۇسخىسى 2006-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، كەسىپتە پىشقان بىر قىسىم كوررېكتور، تەھرىر، تەرجىمان ۋە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ سىناپ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇلغان بولۇپ، نۇرغۇن تەكلىپلەر قوبۇل قىلىندى ۋە بىر قىسىم يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلدى. سۆزلۈك ئامبىرىدىكى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى كەسىپتە پىشقان، پېشقەدەم مەسئۇلىيەتچان كوررېكتورلارنىڭ تەكرار تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدىن دەم ئېلىشقا چىققان، 40 يىللىق كوررېكتورلۇق تەجرىبىسىگە ئىگە كەسپىي كوررېكتور ئىلياس رەھىمى ئاكىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.

    ئۇ پۈتۈنلەي ئادەم ئارقىلىق كوررېكتورلۇق قىلىدىغان ئەنئەنىۋى جەريانلارنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، نۇرغۇن ۋاقىت ۋە چىقىملارنى تېجەيدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ياردىمىدە ناھايىتى ئوڭايلا ئىملا تەكشۈرۈش، تۈزىتىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارالايدۇ.

    «ئۇيغۇرسوفت چوڭ لۇغىتى 2005» تىل تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا قانچىلىك قۇلايلىق ئېلىپ كەلگەن بولسا، بۇ يۇمشاق دېتالىمىز ئۇيغۇر تىل يېزىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۈچۈن شۇنچىلىك قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ.

    «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 5.1» يۇمشاق دېتالى ئۆلچەملىك نۇسخا ۋە كەسپىي نۇسخىغا ئايرىلغان بولۇپ، سۆزلۈك مىقدارى، ئىقتىدارى ۋە باھاسى پەرقلىنىدۇ. ئىشلىتىش ئېھتىياجى بويىچە تاللاپ سېتىۋېلىشقا بولىدۇ. 

     

    باھاسى:
    100 يۈەن (ئۆلچەملىك نۇسخىسى) مۇلازىمەت نومۇرى ئىشلىتىلىدۇ. ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغان كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتىڭ.
    480 يۈەن (ئۆلچەملىك نۇسخىسى) يۇمشاق دېتال قارانچۇقى ئىشلىتىلىدۇ. خالىغانچە قاچىلاشقا ۋە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
    980 يۈەن (كەسپىي نۇسخىسى) يۇمشاق دېتال قارانچۇقى ئىشلىتىلىدۇ. =خالىغانچە قاچىلاشقا ۋە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

    ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 13999849842


     




    ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.

    ياخشىكەن
    (22)
    78.6%
    ناچاركەن
    (6)
    21.4%
    ------分隔线----------------------------

    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    سەھىپىلەر
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    قىسمەت تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: Xjcfan خادىمى تىزىملاتقان ۋاقتى: 08:02 10-02-2010 كىرگەن ۋاقتى: 20:02 10-02-2012
    مەن زىيارەت قىلغان تېمىلار

    تەۋسىيە تېمىلار