
كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن تۇرمۇشىمىزدا رەقەملىك ئۈن-سىن ئۈسكۈنىلىرى ئومۇملىشىشقا باشلىدى. نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن MP3, VCD, DVD دېگەن ئاتالغۇلار ناتۇنۇش بىلىنمەيدىغان بولدى. خەلقمىز تۇرمۇشىدا تېلېۋىزور، VCD, DVD ئاپپاراتلىرى كەڭ ئومۇملاشتى. ئەمما، كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېتنىڭ تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىشى سەۋەبىدىن، ئەنئەنىۋى DVD ۋە VCD ئاپپاراتلىرىغا يېڭى ئۆلچەملەرنى ئوتتۇرغا قويماقتا، بۇنداق ئاپپاراتلارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن كىشىلەرگە نۇرغۇن قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن:
(1) DVD ئاپپاراتىدا پىلاستىنكا ئىشلىتىدىغان بولۇپ، پەقەت VOB قاتارلىق بىر نەچچە فورماتتىكى فىلىملەرنى ئوقۇغاندىن باشقا، كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېتتا كەڭ ئومۇملاشقان RMVB, RM,… قاتارلىق يېڭىدىن پەيدا بولغان ئۆلچەملەرنى ئوقۇيالمايدۇ.
(2) بىر دانە DVD پىلاستىنكىسىنىڭ سىغىمى بەكلا چەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دىسكا يۈزى مەينەت بولۇپ كەتسە، ئوقۇشقا بولمايدۇ.
(3) DVD ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى كېڭەيتىشكە بولمايدۇ، زاۋۇتتا قانداق سەپلەنگەن بولسا، شۇ پېتى ئىشلىتىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايلىنىدىغان ۋە چۆگىلەيدىغان مېخاينىك زاپچاسلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ئوڭاي ئۇپرايدۇ، ئوپتىك باشمۇ خورايدۇ.
ئەمما، رەقەملىك ئۈن-سىن قويۇش ئۈسكۈنىلىرىدە يۇقىرىقىدەك ئەھۋال قەتئىي كۆرۈلمەيدۇ.
ئۇيغۇرسوفت شىركىتى دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم مۇنەۋەر كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، رايۇنىمىز ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان رەقەملىك كىنو، مۇزىكا، رەسىم ۋە تېكست قاتارلىق كۆپ خىل مېدىيا قويۇش ئۈسكۈنىسىنى بازارغا سالدى.

ئاساسىي ئالاھىدىلىكى:
(1) USB, SATA, SD/MMC/MS/XD ئېغىزلىق ساقلاش ئۈسكۈنىسىگە ساقلانغان نۆۋەتتە كەڭ ئومۇملاشقان بارلىق مېدىيا ھۆججەتلىرىنى ئوقۇيالايدۇ. مەسىلەن: سىز بارماق دىسكا ياكى يان دىسكىغا قاچىلانغان VOB, DAT, MPG, AVI. RMVB, RM,… قاتارلىق فورماتتا ساقلانغان كىنو ھۆججەتلىرىنى قويالايسىز. فورمات ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز.
(2) ئىچىگە قاچىلانغان 2.5 دىيوملۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك SATA ئېغىزلىق قاتتىق دىسكىغا سىز ياقتۇرىدىغان ھەر خىل ئۈن-سىن، رەسىم ۋە تېكستلەرنى كۆچۈرەلەيسىز، ھەتتا ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدىغان قاتتىق دىسكا ئورنىدا ئىشلىتەلەيسىز.
(3) PAL, NTSC قاتارلىق تېلېۋىزىيە ئۆلچىمى بويىچە تەدرىجىي قۇر سىيرىش\ئاتلاپ قۇر سىيرىش قاتارلىق خالىغان شەكىل بويىچە 720p ئېنىقلىقتا كىنو كۆرەلەيسىز. (ئىزاھات: VCD فورماتى 288*352، DVD فورماتى 720*576).
(4) رەقەملىك SPDIF ستېرېئو ئاۋازلىق ئەينەن ئۈن چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
(5) پۈتۈنلەي سېزىمچان كۇنۇپكا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، كۇنۇپكىلارنىڭ ئۆمۈرى تېخىمۇ ئۇزۇن.
(6) ناۋادا يېڭى ئۆلچەملەر ئوتتۇرغا چىقسا، سىستېما ئىقتىدارلىرى داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ، تور ئارقىلىق يېڭى ئىقتىدارلارنى يېڭىلاشقا بولىدۇ.
ئېغىرلىغى: 250 گىرام (قاتتىق دىسكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا)
چوڭلۇقى (بىرلىكى: سانتىمېتىر)
كەڭلىكى 12.9، ئىگىزلىكى 15.5، قېلىنلىقى 3.1
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 13999849842
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


























