قەدەم >> ئەزا مەركىزى | تېما يوللاڭ | يۇمشاق دېتال يوللاڭ | سەھىپىلەر | ياردەم >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى | ئەزا مەركىزى قوللانمىسى | بېكەت خەرىتىسى | RSS

تور نامى، بوشلۇق تور سودىسى تور ساۋاتلىرى پروگرامما بىلىملىرى كومپيۇتېر ساۋاتلىرى ئۆگىتىش دېتاللىرى باش بەت
بىلەرمەن تەۋسىيەلىك بېكەتلەر تور تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بىلىملىرى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال بازىرى بېكەت خەۋەرلىرى
ئەقلىي يانفون WordPress DedeCMS ماقالە-مۇلاھىزىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بازىرى خەۋەرلىرى IT

باش بەت

ھەرقانداق يانفونغا ھەقسىز ئۇچۇر يوللاش دەرسلىكى

ۋاقتى: 23-09-2010 | مەنبە: ilqut.com | ئاپتورى: پەنگىيار | تەھرىر: قىسمەت | كۆرۈلۈشى: قېتىم | ئىنكاس: 21 پارچە

  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!

    مەزكۇر يازمىدا سۆزلەنمەكچى بولغىنى توردا تۇرۇپ ھەر قانداق يانفۇنغا ھەقسىز ئۇچۇر يوللاش دەرسلىكىدۇر. بەلكىم بۇنداق دېسەم سىز ئۇچقۇر (飞信) ئارقىلىقمۇ ھەقسىز ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدۇ دېيىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم سىزنىڭ يانفۇنىڭىز كۆچمە خەۋەرلىشىش بولىشى ھەمدە يانفۇنىڭىز توختاپ قالمىغان بولىشى شەرت. بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ ھەممە دوستلىرىڭىزغا ھەقسىز ئۇچۇر يوللىيالىشىڭىز ناتايىن، چۈنكى ئۇچقۇر ئارقىلىق پەقەت كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتلىرىغىلا يوللىغىلى بولىدۇ، ھەمدە يوللىماقچى بولغان ئادەممۇ چوقۇم ئۇچقۇر كەسپىنى ئاچقۇزغان بولىشى ۋە سىزنىڭ تەكلىپىڭىزنى قۇبۇل قىلىپ سىزنىڭ دوستلىرىڭىز (ئۇچقۇردىكى دوستلار تىزىملىكى) بولغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللىيالايسىز. ئەمما كەمىنە بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ خىل باش ئاغرىقلىرىدىن خالى بولۇشتىن سىرت ناھايىتى قۇلايلىق ھالدا توردا تۇرۇپ ھەر قانداق دوستىڭىزغا ئۇچۇر يوللىيالايسىز. دىققەت، دوستىڭىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى مەيلى كۆچمە خەۋەرلىشىش بولسۇن ياكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ۋە ياكى تېلگراف ئابونتلىرى بولسۇن ھەممىسىگە بىمالال ھەقسىز ئۇچۇر يوللىيالايسىز. ئۇلارنى دوستقا قوشۇپ ئۇلارغا تەكلىپ ئىۋەتىپ ئۇلارنىڭ قۇبۇل قىلىشىنى كۈتۈش ھاجەتسىز.

    كۆپ سۆزلىگەننىڭ پايدىسى يوق، مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. ئەمىسە دەرسلىكنى باشلايلى

    سىز ئاۋال بۇ يەردىن كىرىپ ئۇچۇر يوللاش بېتىگە تىزىملىتىڭ.  www.xun001.com/i/pengiyar

    تۆۋەندە قەدەم باسقۇچلار رەسىملىك قىلىپ تۇنۇشتۇرىلىدۇ (خەنزۇچە سەۋىيىسى سەل تۆۋەن بولغان تورداشلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن)

     

    1.رەسىمدە كۆرسىتىلگەن سىتونلاردىن كىرىپ تىزىملىتىڭ.

    دىققەت، مەزكۇر سېستىما ھەر خىل يامان غەرەزلىك ئادەملەرنىڭ قالايمىقان پايدىلىنىپ كېتىشى سەۋەبىدىن ھازىر تىزىملاتماي تۇرۇپ ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارىنى تاقىۋېتىپتۇ، شۇڭا چوقۇم تىزىملىتىڭ.

     

    2. مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرىڭىزنى يېزىپ تولدۇرۇڭ، ئاندىن 获取手机验证码 نى چېكىڭ، ئاندىن چىققان سىتونغا تېلىفۇن نومۇرىڭىزنى تولدۇرۇپ، 获取 دېگەننى باسسىڭىز يانفۇنىڭىزغا بىر ئاكتىپلاش نومۇرى كېلىدۇ.

     

     

    3. ئاكتىپلاش نومۇرىنى تولدۇرۇپ جەزملەشتۈرۈڭ

    سىز مۇۋاپىقىيەتلىك تىزىملىتىپ بولغاندىن كىيىن، ئىشلىتىشكە باشلىسىڭىز بولىدۇ. دىققەت ئاۋال

    通讯录 غا كىرىپ سىز ئۇچۇر يوللىماقچى بولغان ئادەمنىڭ يانفۇن نومۇرىنى خاتىرىلىۋېلىڭ، بولمىسا ئۇچۇر يوللىغىلى بولمايدىكەن.

     

     

    4. قىزىل رامكا ئىچىگە ئېلىنغان رايۇندا سىز مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلات ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.

     

     

    5. سىز ئۇچۇر يوللىماقچى بولغان ئادەمنىڭ يانفۇن نومۇرىنى خاتىرىلىۋېلىڭ، بۇ مەشغۇلاتنى تاماملىغاندىن كىيىن سىز قىسقا ئۇچۇر يوللاشقا باشلىسىڭىز بولىدۇ.

    دىققەت ھەر بىر ئۇچۇر يوللاش ئۈچۈن خەنزۇچە خەت سانى 57 خەتتىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا 1 نومۇر، ئېشىپ كەتسە 2 نومۇر تەلەپ قىلىدۇ. سىز مۇۋاپىقىيەتلىك تىزىملاتسىڭىز 10 نومۇر بېرىدۇ. سىز يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تۇلۇق ئۇچۇرلىرىڭىزنى يېزىپ تولدۇرسىڭىز سىزگە يەنە 10 نومۇر بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن سىز دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلسىڭىز ھەر بىر دوستىڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك تىزىملاتسا سىزگە 20 نومۇر بېرىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىز نومۇر ئالماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى مەشغۇلات ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە نومۇر ئالسىڭىز بولىدۇ.

     

     

    6. سىز 点击免费获取积分 نى بېسىپ چىققان بەتتىكى ئېلانلارنى چېكىپ بەرسىڭىز ھەر بىر ئېلان ئۈچۈن سىزگە 1 نومۇر بېرىدۇ. بۇنىڭدا ئۆزىڭىز ئېلان چېكىپ ئۆزىڭىزگە نومۇر ئالسىڭىز بولىدۇ.

     

    7. ئۆزىڭىزنىڭ ئېرىشكەن نومۇرى، ئېشىپ قالغان نومۇرى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تەكشۈرەلەيسىز. ھەممىڭلارغا ئامەت يار بولغاي…
    بۇ قېتىم مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، يەنە چۈشەنمىگەن جايلار بولسا، ئىنكاس قالدۇرساڭلار بولىدۇ. دىققەت ئاۋال تىزىملىتىشنى ئۇنتۇماڭ. www.xun001.com/i/pengiyar

     




    ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.

    ياخشىكەن
    (32)
    86.5%
    ناچاركەن
    (5)
    13.5%
    ------分隔线----------------------------

    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    سەھىپىلەر
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    پەنگىيار تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 17:03 11-03-2010 كىرگەن ۋاقتى: 21:03 06-03-2011
    مەن زىيارەت قىلغان تېمىلار

    تەۋسىيە تېمىلار