قەدەم >> ئەزا مەركىزى | تېما يوللاڭ | يۇمشاق دېتال يوللاڭ | سەھىپىلەر | ياردەم >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى | ئەزا مەركىزى قوللانمىسى | بېكەت خەرىتىسى | RSS

تور نامى، بوشلۇق تور سودىسى تور ساۋاتلىرى پروگرامما بىلىملىرى كومپيۇتېر ساۋاتلىرى ئۆگىتىش دېتاللىرى باش بەت
بىلەرمەن تەۋسىيەلىك بېكەتلەر تور تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بىلىملىرى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال بازىرى بېكەت خەۋەرلىرى
ئەقلىي يانفون WordPress DedeCMS ماقالە-مۇلاھىزىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بازىرى خەۋەرلىرى IT

باش بەت

NOKIA OVI MAP نى قاچىلاش ۋە يانفوندا يول باشلاش

ۋاقتى: 30-04-2010 | مەنبە: XJCFAN.com | ئاپتورى: تەدبىركار | تەھرىر: تەدبىركار | كۆرۈلۈشى: قېتىم | ئىنكاس: 46 پارچە

  • قىسقىچە چۈشەنچە

        نوكىيا شىركىتى يېقىندا ئەڭ يېڭى OVI خەرىتە يۇمشاق دېتالىنى ئېلان قىلدى، شۇنداق شۇ كۈندىن باشلاپ مۇشۇ ماركىدىكى بارلىق ئەقلىفونلارغا بولغان ھەقسىز يول باشلاش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، نۆۋەتتە بۇ مۇلازىمەتنىڭ يەرشارىدىكى قاپلىنىش دائىرىسى 180 نەچچە دۆلەتكىچە بارىدۇ. ئىلگىرى Google يولغا قويغان ئامېرىكا دائىرىسىدىكى ھەقسىز يول باشلاش مۇلازىمىتى خېلى كۆپ ئەنئەنىۋى GPS كارخانىلىرىنى جىددىلەشتۈرۈپ قويغان ئىدى، ئىشىنىمىزكى بۇدا نوكىيا يولغا قويغان ھەقسىز يول باشلاش مۇلازىمىتى GPS كەسپىنى تېخىمۇ جىددى رىقابەتكە سالغۇسى!

        نۆۋەتتە OVI خەرىتە يۇمشاق دېتالى S60v3 ۋە S60v5 دىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۆلۈنگەن بولۇپ، قوللايدىغان يانفون تۈرلىرىمۇ خېلى كۆپ. چۈشەندۈرۈشتىن بۇرۇن بىرقانچە پارچە قىستۇرما رەسىم كۆرەيلى:

     


     

     


     

     


     

     


     

    قاچىلاش دەرسلىكى

    1. ئاۋال خەرىتە يۇمشاق دېتالىنىڭ قاچىلاش پروگراممىسىنى چۈشۈرىمىز:

     تۆۋەندىكى ئادرېستىن يانفونىڭىزغا ماس كېلىدىغان تىپنى تاللاپ چۈشۈرۈڭ:
    http://www.xjcfan.com/plus/view.php?aid=703
     

     

     قوللايدىغان يانفون تىپلىرى:
    1. Symbiab 3rd FP1 تىپىدىكى يانفونلار ئۈچۈن S60v3-FP1 نى چۈشۈرۈڭ، نەزىرىيە جەھەتتىن قوللايدىغان يانفونلار:

    N76/N81/N81 8G/N82/N95/N958G/E51/E63/E66/E71/E90/5700XM/6110N/6120c/6121c/6124c/6290/

    2. Symbiab 3rd FP2 تىپىدىكى يانفونلار ئۈچۈن S60v3-FP2 نى چۈشۈرۈڭ، نەزىرىيە جەھەتتىن قوللايدىغان يانفونلار:

    N78/N79/N85/N86 8MP/N96/E52/E55/E71x/E72/E75/5320XM/
    5630XM/5730XM/6210N/6220c/6650f/6700s/6710N/6720c/6730c/6788/6790s

    3. Symbiab s60 5th تىپىدىكى يانفونلار ئۈچۈن S60v5 نى چۈشۈرۈڭ، نەزىرىيە جەھەتتىن قوللايدىغان يانفونلار:

    N97/N97 mini/5800XM/5530XM/X6/5230/5235XM

     

    2. قاچىلاش پروگراممىسىنى يانفوننىڭ E رايونى، يەنى سىغىم كارتىسىغا قويۇپ قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز، C رايوندا كام دېگەندىمۇ 10MB لىق بوشلۇق بولۇشى كېرەك.

    3. قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن خەرىتە بولىقى، يولباشلىغۇچى ئاۋاز ھۆججىتى ۋە خەت نۇسخىسىنى يانفونغا(سىغىم كارتىغا) قاچىلايمىز.

    4. خەرىتە بولىقىنى قاچىلاش: يۇقارقى ئادرېستىن خەرىتە بولىقىنى چۈشۈرۈپ، يانفوندىكى سىغىم كارتىدىكى E:\cities\diskcache دېگەن ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىگە يايىمىز.

     خەرىتە بولىقىنى چۈشۈرۈش: تۆۋەندىكى ئادرېستىن خەرىتە بولىقى دېگەن ئورۇندىن شىنجاڭ رايونىنىڭ خەرىتە بولىقىنى چۈشۈرۈڭ. ھۆججەت سىغىمى بەك چوڭ بولغانلىقتىن پەقەت شىنجاڭ رايونىنىڭ خەرىتىسى تەمىنلەندى.
     http://www.xjcfan.com/plus/view.php?aid=703

     

    5. يولباشلىغۇچى ئاۋاز ھۆججىتىنى قاچىلاش: يولباشلىغۇچى ئاۋاز ھۆججىتىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، يانفون سىغىم كارتىسىنىڭ E:\cities\diskcache\voices ھۆججەت قىسقۇچىنىڭ ئىچىگە يايىمىز.

    يولباشلىغۇچى ئاۋاز ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش: ئېنگلىزچە قىزچاقنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن خەنزۇچە قىزچاقنىڭ تەلەپپۇزى ئاساسىدا ئىشلەنگەن ئاۋاز ھۆججىتى تەمىنلەندى.
    http://www.xjcfan.com/plus/view.php?aid=703

     

    6. خەنزۇچە خەت نۇسخىسىنى قاچىلاش: بەزىدە خەرىتە بولىقىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، خەرىتە يۈزىسىدىكى يەر-جاي ناملىرى پىنيىنچە چىقىۋالىدىغان ئەھۋال مەۋجۇد. بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە خەنزۇچە خەت نۇسخىسىنى E:\cities نىڭ ئىچىگە كۆچۈرۈپ قويساق بولىدۇ، ناۋادا نورمال خەنزۇچە كۆرۈنسە قاچىلاش ھاجەتسىز.

    خەنزۇچە خەت نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش: http://www.xjcfan.com/plus/view.php?aid=703

     

    7. قاچىلاش مەشغۇلاتى تولۇق ئاخىرلاشتى. قارىماققا بەك مۇرەككەپمۇ ئەمەس. مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلاش ئۈچۈن ئامال بار يانفون يېشىۋېتىلگەن بولسا ياخشىراق، ئەمدى يانفوننى ئېچىپ يول باشلاش جەريانىدىن ھوزۇرلانساق بولىدۇ.

    يول باشلاش ئۇسۇلى:

    S60v5: تەرتىپ بويىچە ئىقتىدار تىزىملىك رايونىغا كىرىمىز، ئاندىن 应用程序 نىڭ ئىچىدىن 位置 گە كىرىمىز، ئاندىن 定位 غا كىرىپ 定位方法 دىن 集成GPS نى تاللاپ قويساقلا بولدى، باشقىلىرىنى تاللىمىساقمۇ بولىدۇ. تور تىزگىنلىنىش ئەمەلدىن قالغاندا 基于网络 نىمۇ قوشۇپ قويساق بولىدۇ، مۇۋاپىق مىقداردىكى GPRS ئېقىم مىقدارى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە سۈنئى ھەمراغا ئۇلىنىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئاندىن كەينىگە يېنىپ GPS 数据 نى قوزغىتىمىز، بۇ چاغدا ئېكراندا 正在寻搜GPS 设备 دېگەن خەت كۆرۈنۈپ يانفون سۈنئى ھەمراغا ئۇلىنىش جەريانى باشلىنىدۇ. بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇلىنىش ئۇسۇلىمىز پەقەت يانفونغا توپلاشتۇرىۋېتىلگەن GPS ئارقىلىق بولغاچقا، ئۇلىنىش سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا. ئادەتتە ئۆي ئىچىگە ئوخشاش يېپىق ئورۇنلاردا ئۇلانمايدۇ. چوقۇم سىرتتا بولىشىمىز كېرەك. ئۇلىنىۋاتقان چاغدا 选项 دىن 卫星状态 نى بېسىپ نۆۋەتتىكى سىگنال ئەھۋالىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. ئادەتتە كۈل رەڭلىك تاياقچە سىگنالغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 4 تىن ئارتۇق تاياقچە چىققان چاغدا سۈنئىي ھەمراغا ئۇلىنىش ئاساسەن باشلانغان بولىدۇ، سىگنال تاياقچىسى 4 تىن ئاز بولغاندا ئەڭ ياخشىسى سىگنال كۈچلۈكرەك ئورۇنلارغا بېرىش كېرەك. GPS رەسمىي سۈنئىي ھەمرا ئۇلانغاندا بۇ كۈلرەڭلىك سىگنال تاياقچىلىرى كۆكرەڭگە ئۆزگىرىدۇ ۋە بىر دانە كومپاس پەيدا بولىدۇ. بۇ چاغدا سۈنئىي ھەمرا بىلەن ئۇلىنىشىمىز پۈتۈنلەي تۈگىگەن بولىدۇ. پروگراممىنى ئۆچۈرىۋەتمەي پەسكە چۈشۈرۈپ قويۇپ، يانفون ئىقتىدار تىزىملىك قىسمىدىن 地图 دېگەن جايدىن Nokia Ovi Map نى قوزغىتىمىز. بۇ چاغدا يانفون GPS نىڭ ياردىمىدە بىزنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىمىزنى بېكىتىپ بېرىدۇ. ئۇزۇن بولغاندا بىر مىنۇتقىچە بىر دانە قىزىل چېكىت خەرىتىنىڭ ئۈستىگە پەيدا بولۇپ بەلگىلەنگەن ئورۇندا پەيدا بولىدۇ. بۇ قىزىل چېكىت بىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، بىز قەيەرگە ماڭساق خەرىتىدىكى قىزىل چېكىتمۇ شۇ جايغا ماڭىدۇ. باشقا تەپسىلىي تەڭشەكلەرنى ئىشلىتىش جەريانىدا ھېس قىلىشقا بولىدۇ.

    S60v3: شارائىت بولمىغاچقا سىناپ بولالمىدىم. تەپسىلىي مەشغۇلاتىنى بىرەر تورداش تەمىنلەپ بېرەلىسە مەزكۇر يازمىغا تەھرىرلەپ قوياي.




    ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.

    ياخشىكەن
    (59)
    95.2%
    ناچاركەن
    (3)
    4.8%
    ------分隔线----------------------------

    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    سەھىپىلەر
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    تەدبىركار تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: Xjcfan خادىمى تىزىملاتقان ۋاقتى: 08:02 10-02-2010 كىرگەن ۋاقتى: 14:02 10-02-2012
    مەن زىيارەت قىلغان تېمىلار

    تەۋسىيە تېمىلار