ئالما مەھسۇلاتلىرى تۇرمۇشىمىزغا بارغانسىرى سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ. باھاسى قىممەت بۇ ئۈسكۈنىلەر قولىمىزغا چۈشكەندىن كىيىن ئىشلىتىشنى بىلمىسەك بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ. مەن ئەتىراپىمدا نۇرغۇنلىغان تونۇشلارنىڭ ئايفون ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى, ئەمما باشقىلار قاچىلاپ بەرگەن ناخشىلارنى قۇيۇشنىمۇ بىلمەيدىغانلارنىڭ كۆپلىكىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن. ئىشلەتكەندىن كىيىن راۋۇرۇس ئىشلىتىش كېرەكتە...
يەنىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى بولسا بۇ ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان تورداشلار ھەر بىر ھۆججەت ئۈچۈن بىر دېتال چۈشۈرۈپ ئىشلىتىدىكەن. مەسىلەن word,execl,html,jpg,mp3,mp4,pdf,txt دىگەندەك. ئەمما بىر ھۆججەتنى كۆرۈپ يەنە بىر ھۆججەتنى ئېچىش ئۈچۈن چۇقۇم مۇناسىۋەتلىك دېتالنى تاقاش ياكى ئالماشتۇرۇش كېرەك، بۇمۇ بىرخىل ئاۋارچىلىق. مەن ئايفون ۋە ئايپەدلەرگە تۆۋەندە تونۇشتۇرۇلغان دېتالنى قاچىلاش ئارقىلىق كىنو كۆرۈش، ئېلكىتاپ ئۇقۇش، مۇزىكا ئاڭلاش، ھەرخىل تېكىست ھۆججەتلەرنى كۆرۈش قاتارلىق ئىشلارنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بارالايسىز. ئارتۇقچە دېتال قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق.
يەنە دىسەم بۇ ھۆججەتلەر ئۈچۈن ئايرىم بىردىن-بىردىن دېتال قاچىلاش مىنىڭچە پۈتۈنلەي ھاجەتسىز ھەم ئارتۇقچە سېستىما بوشلۇقىنى ئىگىللەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان دېتال دەل مۇشۇنداق باش قېتىنچىلىقلارنى ھەل قىلىدۇ.
دېتال ئىسمى: Files HD : Document Reader
دېتال ئەڭ يېڭى نەشىرى: 1.9.3
دېتال باھاسى: 2.99 دوللار.
قوللايدىغان تىلى:中文, 荷兰语, 英语, 法语, 德语, 意大利语, 日语, 挪威语, 波兰语, 葡萄牙语, 俄语, 西班牙语, 土耳其文
قوللايدىغان ھۆججەت شەكلى : word,execl,html,jpg,mp3,pdf...
ئۆزەم ئىشلىتىش جەريانىدا يەنە قوللايدىغان ئىككى خىل ھۆججەت شەكلىنى بايقىدىم: txt, mp4.. دوستلار بايقىسا يەنە قوشۇپ قويغاي...
ئالاھىدىلىكى: يۇقارقى ھۆججەت شەكىللىرىنى ئوقۇش،كومپيۇتېر بىلەن ئورتاقلىشىش،تور ئارقىلىق يوللاش،توردىن چۈشۈرۈپ ساقلاش،شەخسى ھۆججەتلەرنى مەخپىيلەشتۈرۈپ ساقلاش ۋە يەنە بار.دوسلار بايقىسا قۇشۇپ قويغاي...
قوللايدىغان نەشىرى: iOS 4.0 ۋە يۇقىرى نەشىرىدىكى iphone ۋە ipad لەرگە ماس كىلىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادېرىسى.
iphone ھەقلىق نەشىرى : http://itunes.apple.com/cn/app/files-document-reader/id294150896?mt=8
ipad ھەقلىق نەشىرى : http://itunes.apple.com/cn/app/files-hd-document-reader/id374142847?mt=8
91 چوماقچىسى تەمىنلىگەن iphone ۋە ipad كە ماس كىلىدىغان نەشىرى:
http://pc.sj.91.com/soft/all/show.aspx?platform=iPhone&f_id=1011458
چۇقۇم چوماقچىنى ئېچىپ،ئىزدەش ھالىتىدىن files hd نى ئىزدەپ تېپىپ،ئاندىن قاچىلايسىز.
خەنزۇچە يىشىۋېتىلگەن ئورتاق نەشىرى :http://bbs.weiphone.com/read-htm-tid-2250395.html
بۇ ئادرىسىتىكى يازمىنىڭ 1-قەۋېتىدىكى 附件: Files HD 1.6.rar (3902 K) 下载次数:184 دىگەن يەردىن چۈشۈرىسىز.
تۆۋەندە مەن ئۆزەم ئىشلىتىۋاتقان iphone ۋە ipad2 لەردىكى دېتال كۆزنىكىدىن پارچە قالدۇرۇپ قوياي.
بۇ رەسىمدىكى بولسا ipad2 گە قاچىلىغان Files يۇمشاق دېتالى.رەسىمدىن كۆرگەنسىز. ھەر قايسى تور بېكەتلەردىن يىغىپ ساقلىغان ھەرخىل ئېلكىتاپلارنىڭ سانىمۇ 300 دىن ئاشىدۇ. ئۆز تەرتىۋى بويىچە بۆلىۋالدىم. تارىخى كىتاپ،ئەدەبىيات-رومان، كومپيۇتېر، ئىسلامى كىتاپلار دىگەندەك. mp3 ھۆججەتنىمۇ قوللايدىكەن، شۇڭا 3 ناخشا قاچىلاپ سىناپ باقتىم. بىر ياندىن ناخشا ئاڭلاپ بىر ياندىن كىتاپ ئوقۇش راھەت ئىشكەن. mp4 قوللايدۇ. كىنولارنى قاچىلاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. رەسىم ھۆججەتلىرىدىن ۋاقتىنچە بايقىغىنىم jpg,bmp ھۆججەتلىرىنى نورمال ئاچالىدى. ئەڭ نوچى يېرى txt ھۆججىتىنى قوللاش بولدى، تور بېكەتلەردىن ياخشى يازمىلارنى خاتىرە دەپتەرگە كۆچۈرۈپ utf8 شەكلىدە ساقلاپ كۆرسە ياخشىكەن. دىققەت قىلىدىغان يېرى خەنزۇچە ماتىريال بولسا چۇقۇم ئەسلى ھۆججەت شەكلىدە ساقلاڭ. بولمىسا كاتەكچە چىقىۋالىدۇ، ئەمما ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئارىلاش بولسا utf8 شەكلىدە نورمال كۆرۈنىدىكەن. word ھۆججىتىنىمۇ بەك ياخشى قوللىدى...

ئايفونغا ئاتاپ ئايرىم pdf,txt ھۆججىتى ئىشلەشنىڭ ھاجىتى قالمىدى، ipad قوللىغان ھۆججەتنى iphone مۇ نورمال قوللايدىكەن. تۆۋەندىكى رەسىملەردىن كۆرۈڭ. بۇ word ھۆججەت شەكلى.
تۆۋەندىكىسى txt ھۆججەت شەكلى
تۆۋەندىكىسىpdf ھۆججەت شەكلى. ipad2 مۇ نورمال ئاچالىدى. بۇ ئايفوندا ئېچىلغىنى.
يۇقارقىلاردىن كۆرۈپ تۇرغانسىز. بۇ دېتال ئارقىلىق iphone ۋە ipad لەردە خاتىرجەم ھالدا ھەر قانداق ھۆججەتلەرنى كۆرەلەيسىز. ئارتۇقچە دېتال ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر شەخسى ھۆججەتلىرىڭىز، رەسىملىرىڭىز كۆپ بولسا بۇ دېتالغا مەخپى نۇمۇر سېلىپ قۇيۇشقىمۇ بولىدۇ. مەخپى نۇمۇر سېلىش ئۇسۇلى دېتال باش بېتىنىڭ ئاستىغا قارسىڭىز بىردانە چىشلىق چاقنىڭ رەسىمىنى كۆرىسىز، شۇنى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ يەردىن يەردىن زىيارەت localaccess دىگەن تۈر ئاستىدىكى passcode lock مەخپى نۇمۇر ئارقىلىق قوغداش تۈرىگە كىرىپ مەخپى نۇمۇر بېكىتىۋالسىڭىز بولىدۇ.
ئەمدى بۇ دېتالغا ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇش ۋە ھۆججەت كۆچۈرۈش ئۇسۇلى سۆزلىنىدۇ. دېتالغا ھۆججەت كۆچۈرۈش، ئۆچۈرۈش ۋە باشقا مەشغۇلاتلار ئۈچۈن ئەڭ نوچى دېتال يەنىلا itools بولۇپ، بۇ دېتالنى ئورگان تور بېتىدىن چۈشۈرۈڭ. ئەڭ يېڭى نەشىرى: http://itools.hk/cms/?p=279
بۇ دېتالنىڭ تەپسىلى چۈشەندۈرلىشىنى خالاستان بلوگىدىن كۆرۈڭ:http://www.halastan.com/1124.html
ئەجرىم بلوگىدىكى itools دېتالى ئىشلىتىش سۆزلەنگەن يازمىلار:
shsh نى زاپاسلاش ئۇسۇلى سۆزلىنىدۇ.http://www.ajrim.net/?p=19
تۈرمىدىن قاچۇرماي خالىغان فىلىمنى كۆرۈش ئۇسۇلى سۆزلىنىدۇ: http://www.ajrim.net/?p=121
دىققەت: كومپيۇتېرغا چۇقۇم itunes قاچىلانغان بولۇشى كېرەك، بولمىسا دېتال نورمال ئىشلىمەيدۇ. نورمال قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئۈسكۈنىنى كومپيۇتېرغا چېتىپ iTools نى قوزغىتىڭ. كۆرۈنمە يۈزى ئېچىلغاندىن كىيىن ئۈسكۈنىنى ئاپتوماتىك تونۇيدۇ، بۇ ۋاقىتتا iTools ئىقتىدارلىرىدىن 应用程序 نى تاللاڭ. ئۈسكۈنىگە قاچىلانغان بارلىق دېتاللارنىڭ تىزىملىكى چىقىدۇ، بۇ يەردىنFiles دېتالىنى ئىزدەڭ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.
Files نى تاپقاندىن كىيىن ئوڭ تەرەپتىكى ئۈچ خىل تىزىملىك زاپاسلاش، ئۆچۈرۈش، ھۆججەت باشقۇرۇش 备份,卸载,文档管理 دىگەن تۈردىن 文档管理 نى تاللايسىز، بۇ چاغدا Files قاچىلانغان ھۆججەت رايونى ئېچىلىدۇ. بۇ يەردىن Documents نى تاللايسىز. دېتالنىڭ ھۆججەت قاچىلاش ئورنى ئېچىلىدۇ. بۇ يەرگە ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇپ، تەرتىپ بويىچە ئۆزىڭىزنىڭ ھۆججەتلىرىنى بىر-بىرلەپ كۆچۈرۈپ سىناپ كۆرۈڭ. مۇۋاپىقىيەتلىك بوپتۇمۇ، ئەمدى شەخسى ھۆججەتلىرىڭىزنى خاتىرجەم ساقلايسىز، ھەرخىل ھۆججەتلەر ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم دېتال قاچىلاپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەيسىز...
سوئاللار بولسا ئىنكاس ئارقىلىق سورىسىڭىز بولىدۇ.
مەنبەسى: ئەجرىم بلوگى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.






























