400يۈەنگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ. بۇ يانفۇننى ئۈزۈم ئەينى يىلى نىمكەش نۇسخسىنى 1200يۈەنگە سېتىۋېلىپ 3~4 يىل ئىشلەتكەنلىكىم ئۈچۈن بۇ يانفۇنغا نىسبەتەن تۇنۇشۇم ياخشى. بىر نەچچە كۈن بۇرۇن تاۋباۋ دىن ئاقتۇرۇپ كۆرسەم بۇ يانفۇننىڭ باھاسى دەھشەت چۈشۈپ كىتىپتۇ. ئەينى يىللىرى بۇ يانفۇندا تارتىلغان نەچچە يۈز پارچە سۈرەتلەرنى يۇدۇرۇپ، ئالبومغا ساقلاپ قويغان ئىدىم، سۈرەتنىڭ سۈپىتىمۇ ھەقىقەتەن ياخشى. چوڭ رامكىغا ئېلىپ ئېسىپ قويغان سۈرەتلەرمۇ شۇنداق ئىسىل ۋە سۈزۈك تارتىلغان ئىدى... يانفۇن كۈرۈنۈشى: ![]() بۇ يانفۇن ئەقلىي ئىقتىدارلىق، سىستىمىسى Symbian S60 2-ئەۋلات (第二版) بۇلۇپ، يۇمشاق دىتاللىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ. ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇشقا بۇلىدۇ. بىرلا كەمچىلىكى: يۇمشاق دىتالنى كۆپرەك قاچىلىسا ئىچكى ساقلىغۇچ يىتىشمىدى دەپ خاتالىق چىقىۋالىدۇ. چۈنكى بۇ يانفۇننىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى بىر قەدەر كىچىك.ئەمما 400يۈەنلىك ماركىسىز ئەخلەت يانفۇنلارغا قارىغاندا بۇ خىلدىكى يانفۇننى تاللاش ئەڭ ئاقىلانىلىق. 3G تورىنى قوللايدۇ. تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۈرۈڭ. يېقىندىن بىرى يېڭى يانفۇنۇمنى سېتىۋەتكەچكە يەنىلا 4 يىل بۇرۇن سېتىۋالغان مۇشۇ يانفۇننى ۋاقىتلىق ئىشىلتىۋاتىمەن. Symbian S60V3 كە چۈشۈدىغان يۇمشاق دىتاللارنىڭ كۈپۈنچىسىنىڭ Symbian S60V2 نى قوللايدىغان نۇسخسى بار .ئىقتىدارنى Symbian S60V3 غا ئوخشاشلا كىڭەيتىشكە بۇلىدۇ. گۇۋاھنامە تەلەپ قىلىش، يۇمشاق دىتالغا ئىمزا قۇيۇش كەتمەيدۇ. ئەرزان باھالىق ئەقلىي يانفۇن سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلار بۇ يانفۇننى ئىشىلتىپ كۆرسە بۇلىدۇ. تەپسىلاتىنى ۋە يانفۇن باھاسىنى تاۋباۋ دىن كۈرۈڭ.
تېما سىزگە يارىدى بولغاي، ئۇنداقتا بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەشۋىق قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھىرلەنسۇن ... ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز. |





















