
ئەسلىدە ئۆزۈمنىڭمۇ يانفون ھەققىدىكى بىلىمىم ئانچە كۆپ بولمىغاچ، يانفون توغرىسىدا مەخسۇس سەھىپە ئاچمىساقمۇ بولار دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىراق كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە كۈچلۈك تەۋسىيەسى بىلەن، مەزكۇر سەھىپىمۇ قۇرۇلمىسا بولمايدىغان يەرگە يېتىپ قالغاندەك قىلىدۇ. تور بېكەت قۇرۇشتىكى نىشانىمىزنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، يەنە تورداشلار بىلەن يانفون ۋە باشقا بىلىملەرنى تەڭ ئېلىپ كېتىۋېرىمىز.
يازمىنىڭ ئۆزىگە قايتىپ كەلسەم، پىكىر دەپتىرىدە ھەر بىر تورداشقا بىردىن جاۋاپ بېرىپ ھېرىپ قالدىم. شۇڭا بەزى ئۇقۇم مەسىلىلىرى ئايدىڭ بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمىدتە، مەزكۇر يازمىنى تەييارلىشىم. بىر قىسىم مەزمۇنلار ئىلگىرىكى تەدبىركار تور بېكىتىدىن يۆتكەپ كېلىندى.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون دېگەن نېمە؟
قىسقىلا قىلىپ ئېيتساق، كومپيۇتېرغا ئوخشاش مەشغۇلات سېستىمىسى قاچىلىغىلى، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلارنى قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان تېلىفونلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونغا كىرىدۇ.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسى قايسىلار؟
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ مەشغۇلات سېستىمىلىرىدىن نۆۋەتتە مەن بىلىدىغانلىرىدىن Symbian،Windows Mobile،Linux، Palm،Maemo 5 ۋە Android قاتارلىقلار بار.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلاردىن قايسىلار بار؟
ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلىفونلاردىن دۆلىتىمىزدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغانلاردىن NOKIA , موتورولا، 索爱 ، 三星، iPhone ۋە Google نىڭ يېڭى بازارغا سېلىنغان يانفونى Nexus قاتارلىقلار بار.
NOKIA ماركىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلىفونلارنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسى ئاساسلىقى Symbian مەشغۇلات سېستىمىسى، كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن S40,S60,S80,S90 قاتارلىقلار بولۇپ، NOKIA ماركىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلىفونلارنىڭ تىپلىرىدىن تۆۋەندىكىلىرى بار:
S60 تىپىدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئەۋلات:
N-Gage QD/3230/6260/6600/6630/6670/6680/6681/7610/N70/N72/N90
S60 تىپىدىكى ئۈچىنچى ئەۋلات:
3250/5500/5700/6110/6120/6290/E50/E60/E61/E61i/E62/E65/E70/E90/N71/N73/N75/N76/N77/N80/N91/N92/N93/N93i/N95
S60 تىپىدىكى بەشىنچى ئەۋلات:
5230/5800/5800i/5530/N97/X6
ئادەتتە NOKIA ماركىلىق يانفونلاردا تۆۋەندىكى نومۇرنى تەرتىپ بويىچە باسسىڭىز، تېلىفوننىڭ تىپى، مەشغۇلات سېستىمىسى ۋە مەشغۇلات سېستىمىسى نومۇرى،زاۋۇتتىن چىققان ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.
- *#0000#
ئەگەر سىزنىڭ تېلىفونىڭىزنىڭ تىپى يۇقارقى تىپلارنىڭ بىرى بولسىلا، تېلىفونىڭىزنى خۇددى كومپيۇتېر ئىشلەتكەندەك ئىشلىتەلەيسىز دېگەن گەپ.ئەمدى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلىفونغا يۇمشاق دېتالنى قانداق قاچىلاش مەسلىسى، زادى قانداق قاچىلايمىز؟ تېلىفوننىڭ يا ئوپتىك دېسكا ئوقۇغۇچىسى بولمىسا؟
ئەسكەرتىش: ناۋادا سىزنىڭ يانفونىڭىز S60 تىپىدىكى ئىككىنچى ئەۋلات يانفون بولمىسا، تۆۋەندىكى ئابزاسنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ.
سىزدە چوقۇم كارتا ئوقۇغۇچ(读卡器) بولىشى كېرەك، بولمىسا تېلىفوننىڭ ئەسلى ئۇچۇر سىمى بولسىمۇ بولىدۇ، بىراق بۇ بەك ئاۋارىچىلىق،كومپيۇتېرغا تېلىفوننى تونۇتالىغان بولسىڭىز كېيىنكى مەشغۇلاتلارغا قۇلاق سالسىڭىز بولىدۇ. كارتا ئوقۇغۇچ بولسا تېلىفونىڭىزنىڭ ئىچىدىكى سىغىم كارتىسىنى كارتا ئوقۇغۇچ ئارقىلىق كومپيۇتېرغا چاتىسىز، ئاندىن توردىن چۈشۈرگەن، مەسىلەن مۇشۇ بېكەتتىن چۈشۈرگەن ھۆججەتلەرنى سىغىم كارتىسىنىڭ مەلۇم بىر يېرىگە چاپلايسىز، ئاندىن تېلىفوننى قايتا قوزغىتىسىز، قوزغاتقاندىن كېيىن تەرتىپ بويىچە(دىققەت، ھەرخىل تېلىفونلارنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىماسلىقى مۇمكىن) تېلىفوننىڭ ئىقتىدار تىزىملىكىدىن قورال(工具) تىزىملىكى، ئاندىن ھۆججەت باشقۇرۇش(文件管理) تىزىملىكىدىن كىرىمىز، ئاندىن سىغىم كارتىسىنى تاللايمىز، تاللىغاندىن كېيىن بايام بىز كۆچۈرگەن ھۆججەت چىقىدۇ، شۇنى ئىجرا قىلساقلا بىز تېلىفونغا قاچىلىماقچى بولغان پروگرامما قاچىلىنىدۇ ۋە ئىقتىدار تىزىملىكىدە سىنبەلگىسى كۆرۈنىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.

























