ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، نەچچە يىلدىن بىرى ئۇيغۇر تور بىكەت ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن پۇل تېپىش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتقان ۋە ھەقسىز، ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئادسىنىس تورى (http://www.googleelani.cn ،http://www.uyghuradsense.com) ئۆتكەن يىلى شىنجاڭ كومپيۇتىر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى بىلەن رەسمىي ھالدا ھەمكارلىق ئورنىتىپ بىرلەشكەن مەزگىلدە، خىزمەت سالمىقى ئېشىپ كېتىش ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تور بېكەت توختاپ قالدى. تور بېكەت نورمال ۋاقىتتا Google Adsense بىلىملىرى ھەققىدە ناھايىتتى ئەتراپلىق بىلىملەرنى تەمىنلەپ كەلگەن ئىدى. نۇرغۇن تورداشلار ياخشى پايدىلانغان ئىدى.
يېقىندىن بۇيان كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ۋە Adsense بىلىمى ھەققىدە تەجرىبىسى يوق نۇرغۇن تور بېكەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن تور بېكەت ھازىر رەتلىنىۋاتىدۇ. پات يېقىندا شىنجاڭ كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتىنىڭ تارماق بېكىتى سۈپىتىدە كەڭ تورداشلار ئۈچۈن ئېچىۋىتىلىدۇ.
ھەۋەسكارلارنىڭ ۋاقىپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن : شىنجاڭ كومپيۇتىر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


























