ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، DedeCMS ئىشلەتكۈچىلىرى!
گۇرۇپپىمىز ئىشلىگۈچى تەرەپنىڭ قوشۇلۇشى ۋە ھوقۇق بېرىشى بىلەن DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى تارقاتقان ئىككى ئايدىن بۇيان، 1000 ئادەم/قېتىمغا يېقىن چۈشۈرۈلۈپ، نەچچە ئون تور بېكەتنىڭ يـاقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە مـۇيەسسەر بـولدى. مەيـلى بـېكىتىمىز تەمىنلىگەن نۇسخىنى ئىشلىتىۋاتقانلار بولسۇن، مەيـلى باشـقىلار تەمىنلىگەن ياكى ئۆزى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان نۇسخىنى ئىشلىتىۋاتقانلاربولسۇن، بىزدىن ياردەم سورىغان ھەممەيلەنگە قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىپ كەلدۇق.
لېكىن، خېلى كۆپ قىسىم ساندىكى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىدىن بىلدۇقكى، ئۇلارنىڭ تور نامى، تور بوشلۇقى ۋە DedeCMS ھەققىدە چۈشەنچىسى يېتەرلىك بولمىغاچ، بېكىتىمىز تارقاتقان DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بىلەن بېكەت قۇرۇش ئارزۇيىغا يېتەلمەيۋاتلىقى مەلۇم. يەنە بىر قىسىم تورداشلارنىڭ تور بېكەت تۈزۈش تىللىرى جەھەتتە ئوبدانلا بىلىمى بولسىمۇ، DedeCMS ھەققىدە تەجرىبىسى بولمىغاچ، تور بېكىتىدە ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان بىر قىسىم ئىقتىدارلارنى قوشالمايۋاتقانلىقى، بەزى خاتالىقلارنى تۈزىتىشتە قىيىنچىلىققا دۈچ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا DedeCMS نى ئىشلىتىپ بېكەت قۇرۇش خۇسۇسىدا ھەقلىق بولسىمۇ بىرەر مۇلازىمەت تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇردۇق.
شۇ سەۋەبتىن تورداشلارنىڭ DedeCMS تا بېكەت قۇرۇشتىكى تېخنىكىلىق ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ئاساستا VIP ئەزا ( ھەقلىق ئەزا ) قوبۇل قىلماقچى بولدۇق.
سىزنىڭ شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتىدەك تور بېكەت قۇرۇش ئويىڭىز بارمۇ؟ تور بېكىتىڭىزنىڭ ئىقتىدارلىق بولۇشىنى، تېخىمۇ مۇھىمى كۈچلۈك تېخنىكىلىق كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئۇنداقتا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
VIP ئەزا مۇلازىمىتى توختىتىلدى. باشقا مۇلازىمەت يولغا قويۇلدى. تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: http://www.xjcfan.com/a/News/Site/2011/0930/2288.html
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 6701516 - 0991 13079997701
QQ : 834480060 ئېلخەت: xjcfan@gmail.com
شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى
شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


























