قەدەم >> ئەزا مەركىزى | تېما يوللاڭ | يۇمشاق دېتال يوللاڭ | سەھىپىلەر | ياردەم >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى | ئەزا مەركىزى قوللانمىسى | بېكەت خەرىتىسى | RSS

تور نامى، بوشلۇق تور سودىسى تور ساۋاتلىرى پروگرامما بىلىملىرى كومپيۇتېر ساۋاتلىرى ئۆگىتىش دېتاللىرى باش بەت
بىلەرمەن تەۋسىيەلىك بېكەتلەر تور تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بىلىملىرى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال بازىرى بېكەت خەۋەرلىرى
ئەقلىي يانفون WordPress DedeCMS ماقالە-مۇلاھىزىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بازىرى خەۋەرلىرى IT

باش بەت

ICP بېجىرىش تەرتىپىنى بىلىۋېلىڭ

ۋاقتى: 07-07-2010 | مەنبە: XJCFAN.com | ئاپتورى: قىسمەت | تەھرىر: قىسمەت | كۆرۈلۈشى: قېتىم | ئىنكاس: 16 پارچە

  •  

         سۆز بېشى:

         1.  بۇ تېما ئېلان قىلىنىپ بىر سائەت بولا-بولمايلا، نۇرغۇن تورداشلار تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر، QQ ئارقىلىق بىزدىن مەسلىھەت سورىدى، بىزمۇ لايىقىدا مەسلىھەتىمىزنى بەردۇق. لېكىن، بەزى تورداشلار تېمىنى تۈزۈك ئوقۇماي تۇرۇپ، پۈتۈنلەي تېمىدا چۈشەندۈرۈلگەن ئىشلارنى سورىدى. بىز سوئال سورىماڭلار دېمەكچى ئەمەس. مەسىلە شۇ يەردىكى، بىز سىزنى ياخشى چۈشەنسۇن دەپ ئانا يېزىقىمىزدا تېما تەييارلىدۇق. QQ دا خەنزۇچە ياكى ULY يېزىقىدا مەقسەتنى قانچىلىك چۈشىنەرسىز؟

         2. بۇ قېتىمقى سىياسەتنى بىز ئەمەس، ئۇچۇر مىنىستىرلىقى چىقاردى. بۇ تور مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش، ئىناق، پاكىز تور مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بولۇۋاتقان، سىلە-بىزگە پايدىلىق، ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ زەھەرلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ياخشى ئىش. باشقا شىركەتلەردىن تور بوشلۇقى سېتىۋالغانلار تور بوشلۇقى تەمىنلىگەن شىركەتكە (ئىچكىرىدە بولسا ئىچكىرىگە) بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشى كېرەك. ئەجەبا بىزنىڭ شۇ ئۇزۇن يولنى قىسقارتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنى ئۈرۈمچىدە رەسىم تارتىشقا كۆندۈرگىنىمىز، ICP نى ھەقسىز بېجىرىشىپ بېرىۋاتقىنىمىز خاتا بولسا ھە!؟

         ئەگەر بۇ ئىشنى بىزنىڭ سەۋەبىمىزدىن كېلىپ چىققان دەپ قارىسىڭىز، ئۆزىڭىز قول سېلىپ ICP ئىلتىماس قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كېيىن بىزگە خەۋەر قىلسىڭىز «تور بېكەت ICP ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەقىقىيلىقىنى تەھقىقلەش جەدۋىلى» گە تامغا بېسىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە يوللاپ بېرىمىز.  

         3. تور بېكەت ئېچىۋاتقانلار، ئاچماقچى بولغانلار بۇ تېمىنى ياخشى ئوقۇڭ، بۇ تېمىدىن سىزگە نەپ يەتسە يېتىدۇكى، زەرەر يەتمەيدۇ.

     

          2010-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، ئۇچۇر مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى www.miibeian.gov.cn تور بېكىتى دەرىجىسىنى كۆتۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغانلىقتىن، ICP ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىنچە توختىتىلغان ئىدى.

         بۈگۈن كەلگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى ICP ئىلتىماس قىلىش، تەستىقلاش ئىشلىرىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ. تور بېكەت ئىگىسى ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى تەرتىپلەر قوشۇلىدۇ. ھەمدە   2010-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن كېيىن (ھەر قانداق تور بوشلۇقى تەمىنلىگۈچى شىركەتتىن) تور بوشلۇقى سېتىۋالغانلارغا ۋە  2010-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن كېيىن ICP ئىلتىماس قىلغانلارغا مۇشۇ تۈزۈم ئىجرا قىلىنىدۇ.

     
         1. تور بېكەت ئىگىسى چوقۇم ئۆزى مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلغان IDC غا (تور بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىگەن شىركەتكە) بېرىپ، نەق مەيداندا رەسىمگە چۈشۈشى ۋە بىر قىسىم زۆرۈر ماتېرىياللارنى تەمىنلىشى كېرەك.
         دېمەك، سىز شاڭخەيدىن بوشلۇق ئالغان بولسىڭىز شاڭخەيگە، جياڭشىدىن بوشلۇق ئالغان بولسىڭىز جياڭشىغا بېرىپ، بوشلۇق تەمىنلىگەن شىركەت رەسىم چۈشۈشىڭىز ۋە باشقا زۆرۈر ماتېرىياللارنى تەمىنلىشىڭىز كېرەك.
         بېكىتىمىز ۋاكالەتچىلىكىنى قىلىۋاتقان شىركەت شاڭخەيدە. لېكىن، باش شىركەت بىزگە شىنجاڭ ئىچىدىكى تور بەت ئىگىلىرىنى ئۈرۈمچىدە رەسىم تارتىش ھەققىدە رۇخسەت بەردى. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا تورداشلارنىڭ چىقىمى ھەددىدىن زىيادە ئارتىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ. 
         مۇھىم ئەسكەرتىش: بىز ئىككى كۈندىن بېرى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار بىلەن سۆزلىشىپ، تور بەت ئىگىسى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدا رەسىمگە چۈشۈش (مەسىلەن، تور بەت ئىگىسى قەشقەردە بولسا قەشقەردە، غۇلجىدا بولسا غۇلجىدا رەسىمگە چۈشۈش دېگەندەك) ھەققىدە رۇخسەت ئالدۇق.

         تور بېكىتىمىزدىن (2010-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن كېيىن) بوشلۇق سېتىۋالغان تورداشلار ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدا رەسىمگە چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى PSD ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ، Photoshop تىن پايدىلىنىپ، تور بەت ئىگىسىنىڭ رەسىمى، چىسلا ۋە ۋاقىتنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ھۆججەت نامىنى ئۆزىڭىز تور نامى (مەسىلەن، xjcfan.com) بويىچە قىلىپ، بىزگە يوللاپ بېرىڭ.

         PSD ھۆججىتىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ (ئىككى سۇڭلۇق، يېرىم بەدەن ، ئىككى بىلەك تولۇق چىققان رەسىم بولسا بولىدۇ)
         بىزگە يوللاپ بېرىدىغان رەسىم تۆۋەندىكى شەكىل بويىچە بولىدۇ.

     

         ئەسكەرتىش: Photoshop ئىشلىتىشنى بىلمىسىڭىز بىلىدىغانلاردىن ياردەم سوراڭ، قولنىڭ ئۇچىدىلا قىلىشتىن ساقلىنىڭ.

     

         2. ICP ئىلتىماس قىلغان تور بېكەت ئىگىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەقىقىي ياكى ياكى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش كېرەك.
         2010-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى سىرتقى تور ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، تور بېكەت ئېچىشتىن ئاۋال تور بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپ تور بوشلۇقى سېتىۋالغۇچى ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەقىقىيلىقىنى تەھقىقلەش ئۈچۈن، «تور بېكەت ICP ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەقىقىيلىقىنى تەھقىقلەش جەدۋىلى» گە شىركەت تامغىسىنى بېسىپ، تور بەت ئىگىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا يوللاپ بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى.
         تاكى 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بۇ جەدۋەل فاكس ياكى ئېلخەت ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ICP بېجىرىش ئىشخانىسىغا يوللىنىپ كەلدى. 
         ئۇچۇر مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، بۇ جەدۋەل بۈگۈندىن باشلاپ، شاڭخەيدىن ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تېز پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.  يەتكۈزۈش ھەققىنى تور بېكەت ئىگىسى كۆتۈرىدۇ.
         تېز پوچتا ھەققى : 22 يۈەن (شاڭخەيدىن-ئۈرۈمچى)

         تور بېكىتىمىزدىن (2010-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن كېيىن) بوشلۇق سېتىۋالغان تورداشلار تۆۋەندىكى جەدۋەلنى چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقىرىپ (打印) ، مۇناسىۋەتلىك كاتەكلىرىنى توغرا تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇ جەدۋەل ۋە ھەم كىملىكىڭىزنىڭ سايىلەنگەن نۇسخىسىنى (扫描) بىزگە ئەۋەتىپ بېرىڭ. (فاكس، ئېلخەت ياكى QQ قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.)
         جەدۋەلنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ   (ئەسكەرتىش: مۇندەرىجە ئىچىدە يەنە بىر TXT ھۆججىتى بار، ئۇنىمۇ تولدۇرۇپ بىزگە يوللاپ بېرىڭ)

         جەدۋەلنى تۆۋەندىكى كۆرسەتمە بويىچە، قولدا تولدۇرۇڭ. 

     
     


         يۇقىرىدىكى كۆرسىتىلگەن ئورۇنلارنى قولدا تولدۇرۇشىڭىز كېرەك، باشقا ئورۇنلارنى بوشلۇق تەمىنلىگۈچى تەرەپ تولدۇرىدۇ، قالايمىقان چېقىلماڭ.

         ئەگەر شىركەت بولسىڭىز تىجارەت كېنىشكىسى (营业执照) ۋە تەشكىلىي ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى (组织机构代码证) نىڭ سېكانېر نۇسخىسىنى قوشۇپ يوللاپ بېرىڭ.
         بېكىتىمىزدىن بوشلۇق سېتىۋالغان ۋە سېتىۋالماقچى بولغان تور بېكەتلەرنىڭ يۇقىرىدىكى جەدۋەلنى چۈشۈرۈپ، تەلەپ بويىچە تولدۇرغاندىن كېيىن، بىزگە يوللاپ بېرىشىنى سورايمىز. تور بېكىتىڭىزگە ICP ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىز بۇ جەدۋەل بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى (新疆通信管理局) گە ئىسپات چىقىرىپ بېرىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ICP بېجىرىش ئىشخانىسى بۇ ئىسپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ICP ىڭىزنى تەستىقلاپ چىقىرىپ بېرىدۇ.
         بىزدىن ئەمەس، باشقا شىركەتلەردىن تور بوشلۇقى سېتىۋالغان تورداشلارغا بىز ئىسپات چىقىرىپ بېرەلمەيمىز، چىقىرىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. چۈنكى، بوشلۇق تەمىنلىگەن ئورۇن نامىدا A شىركەت دەپ، كاپالەت ئىسپاتىدا B شىركەت دەپ بولسا ئەلۋەتتە بولمايدۇ-دە. لېكىن، قولىمىزدىن كېلىشىچە يول كۆرسىتىمىز، ياردەم بېرىمىز.


         بوشلۇق تەمىنلەش سۇپىسى: http://www.uydata.com
         ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 6701516-0991 ، 13079997701
         QQ نومۇرى: 834480060
         ئېلخەت ئادرېسى: E-mail: 834480060@qq.com

     

         مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

         بېكىتىڭىزنى تېزراق، قانۇنلۇق ئېچىشنى ئويلامسىز؟

         رايونىمىزدا مۇنبەر ۋە بلوگ ئېچىش مۇمكىنمۇ؟ 

         بېكەت باشلىقىمۇ ياكى جىنايەتچىمۇ؟

         ICP بېجىرمىگەن 4000 دىن ئارتۇق تور بېكەت تاقالدى

       

     
     

     شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى

    2010-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى




    ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.

    ياخشىكەن
    (18)
    69.2%
    ناچاركەن
    (8)
    30.8%
    ------分隔线----------------------------

    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    سەھىپىلەر
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    قىسمەت تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: Xjcfan خادىمى تىزىملاتقان ۋاقتى: 08:02 10-02-2010 كىرگەن ۋاقتى: 14:01 18-01-2012
    مەن زىيارەت قىلغان تېمىلار

    تەۋسىيە تېمىلار