ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى!
2010 - يىلى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى بېكىتىمىز تەشكىل قىلىنغانلىقىنىڭ بەش ئايلىق خاتىرە كۈنى. بۇ كۈننى خاتىرىلەش، تورداشلارنىڭ بىزنى قوللىغانلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش مەقسىتىدە، بۈگۈندىن باشلاپ 2010 - يىلى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنىگىچە 15 كۈنلۈك ھەقسىز خەتلىك ئېلان قۇبۇل قىلىنىدۇ.
ھەرقانداق بېكەت، ھەر قانداق كىشى ئېلان ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ. مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى (ئېلان سۆزى، ئۇلىنىش ئادرېسى، ئېلان خېتى رەڭگى قاتارلىقلارنى) تەمىنلىسىڭىز، ئېلانىڭىزنى ھەقسىز قويۇپ بېرىمىز.
ئىزاھات: بېكىتىمىز ئېلانىنى بېكىتىڭىزدە قويغان - قويمىغانلىقىڭىز، بېكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلغان - قىلمىغانلىقىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. قانۇنسىز، ئەخلاققا زىت مەزمۇن بولمىسىلا ئېلان ئىلتىماسىڭىزنى تەستىقلايمىز.
بۈگۈن بىر كۈندىلا بارلىق ئېلان ئورۇنلىرى ئىلتىماس قىلىنىپ بولۇندى، ئۈلگۈرەلمىگەن تورداشلاردىن كەچۈرۈم سورايمىز!
ھۆرمەت بىلەن: شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى
2010 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


























