قەدەم >> ئەزا مەركىزى | تېما يوللاڭ | يۇمشاق دېتال يوللاڭ | سەھىپىلەر | ياردەم >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى | ئەزا مەركىزى قوللانمىسى | بېكەت خەرىتىسى | RSS

تور نامى، بوشلۇق تور سودىسى تور ساۋاتلىرى پروگرامما بىلىملىرى كومپيۇتېر ساۋاتلىرى ئۆگىتىش دېتاللىرى باش بەت
بىلەرمەن تەۋسىيەلىك بېكەتلەر تور تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بىلىملىرى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال بازىرى بېكەت خەۋەرلىرى
ئەقلىي يانفون WordPress DedeCMS ماقالە-مۇلاھىزىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بازىرى خەۋەرلىرى IT

باش بەت

بېكىتىڭىزنى تېزراق، قانۇنلۇق ئېچىشنى ئويلامسىز؟

ۋاقتى: 20-05-2010 | مەنبە: XJCFAN.com | ئاپتورى: قىسمەت | تەھرىر: قىسمەت | كۆرۈلۈشى: قېتىم | ئىنكاس: 11 پارچە

  •     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى!
        مەلۇمكى، تور بېكەت ئېچىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىگە تىزىمغا ئالدۇرۇش (ICP备案) كېرەك. شۇندىلا تور بېكەتنى ئېچىشنىڭ قانۇنىي يولى ھازىرلانغان بولىدۇ.
        تور تىزگىنلىنىشتىن ئىلگىرى، ICP ئىلتىماسى 15-20 كۈندە تەستىقلىناتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، « ئاۋۋال تور بېكەتنى ئېچىپ، ئاندىن ICP تىزىملىتىش» قا بولاتتى. تور تىزگىنلەنگەندىن كېيىن، شىنجاڭدا ICP نىڭ تەستىقلىنىش ۋاقتى سەل تېزلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن « ئاۋۋال ICP بېجىرىش، ئاندىن تور بېكەتنى ئېچىش» بەلگىلىمىسى قەتئىي ئىجرا قىلىندى. (قاراڭ: ICP بېجىرمىگەن 4000 دىن ئارتۇق تور بېكەت تاقالدى)

        5-ئاينىڭ 14-كۈنى تور تىزگىنلەش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىچكىرىدىن تور بوشلۇقى سېتىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بېكەتكە ICP ئىلتىماس قىلىش ۋە بېجىرىش خىزمىتى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلدى. (تەپسىلاتىنى 5858733-0991 نومۇرى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈڭ)
        ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ICP تەستىقلاش ئۆلچىمى بويىچە بۇنىڭدىن كېيىن ئىچكىرىدىن تور بوشلۇقى سېتىۋالغان شىنجاڭدىكى تور بېكەتلەر (تور بوشلۇقى ئىچكىرىدە، تور بېكەت قۇرغۇچىسى شىنجاڭدا) ICP ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، تور بوشلۇقى تەمىنلىگەن شىركەت ICP ئىلتىماس ئۇچۇرلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىگە ئىسپات چىقىرىپ بەرمىگۈچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تور بېكەتنىڭ ICP ئىلتىماسىنى تەستىقلىمايدۇ. بۇ دېگەنلىك سىزگە بوشلۇق تەمىنلىگەن شىركەت سىزگە كېپىل بولمىغۇچە، سىز تور بېكەت ئاچالمايسىز، دېگەن گەپ.
        بۇ ئىچكىرىدە يولغا قويۇلغان ناھايىتى قاتتىق ئۆلچەمدىكى ICP بېجىرىش خىزمىتىنىڭ شىنجاڭغا قارىتا باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (قاراڭ: بېكەت باشلىقىمۇ ياكى جىنايەتچىمۇ؟)
        شۇڭا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن بوشلۇق سېتىۋالغاندا مۇلازىمىتى ياخشى شىركەتلەرنى تاللاش، ماڭا كېپىل بولالامدۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلىنى ياخشى ئويلىشىش كېرەك.
        بېكىتىمىزدىن بوشلۇق سېتىۋالغان ۋە سېتىۋالماقچى بولغان تور بېكەتلەرگە بېكىتىمىز كېپىللىك ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىدۇ. تور بېكىتىڭىزگە ICP ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىز بۇ ئىسپاتنى ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى (新疆通信管理局) گە يوللاپ بېرىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ICP بېجىرىش ئىشخانىسى بۇ ئىسپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ICP ىڭىزنى تەستىقلاپ چىقىرىپ بېرىدۇ.
        ئەگەر بېكىتىڭىزنى تېزراق ئېچىش ئويىڭىز بولسا، ICP ئىلتىماس قىلغاندا، تۆۋەندىكى جەريانلار بويىچە ئىش بېجىرىڭ:
        1. مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى چوقۇم ھەقىقىي يېزىڭ. تور بېكەتنىڭ ئەسلى ئىگىسى سەمىتاخۇن تۇرۇپ، ICP ئۇچۇرىغا مەمىتاخۇن دەپ تولدۇرۇشتىن قەتئىي ساقلىنىڭ.
        2. تور بېكەت ئىگىسىنىڭ ئالاقىلىشىش ئادرېسىنى تاكى ئىشىك نومۇرىغىچە تەپسىلىي يېزىڭ.
        3. سىزنى تور بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىگەن شىركەت نامىنى http://www.miibeian.gov.cn دا تەمىنلەنگەن مۇلازىمېتىر شىركەتلىرىنىڭ نامى بويىچە تولۇق يېزىڭ. مەسىلەن، سىزنى بوشلۇق بىلەن تەمىنلىگەن شىركەت شىنجاڭ تېلېگرافى بولسا، 新疆电信 ئەمەس، 中国电信集团公司新疆有限公司 دەپ يېزىڭ.
        4. ICP ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى جەدۋەلنى چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقىرىپ (打印) ، مۇناسىۋەتلىك كاتەكلىرىنى توغرا تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇ جەدۋەل ۋە ھەم كىملىكىڭىزنىڭ سايىلەنگەن نۇسخىسىنى (扫描) سىزگە بوشلۇق تەمىنلىگەن شىركەتكە ئەۋەتىپ بېرىڭ. (فاكس ، ئېلخەت ياكى QQ قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ).
        قوشۇمچە: http://www.miibeian.gov.cn غا تىزىملاتقان نام ۋە پارولنى بىللە تەمىنلەپ بېرىڭ.

         جەدۋەلنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

        جەدۋەلنى تۆۋەندىكى كۆرسەتمە بويىچە تولدۇرۇڭ. 

     

     
             يۇقىرىدىكى  كۆرسىتىلگەن ئورۇنلارنى قولدا تولدۇرۇشىڭىز كېرەك، باشقا ئورۇنلارنى بوشلۇق تەمىنلىگۈچى تەرەپ تولدۇرىدۇ، قالايمىقان چېقىلماڭ.

        بېكىتىمىزدىن بوشلۇق سېتىۋالغان ۋە سېتىۋالماقچى بولغان تور بېكەتلەرنىڭ يۇقىرىدىكى جەدۋەلنى چۈشۈرۈپ، تەلەپ بويىچە تولدۇرغاندىن كېيىن، بىزگە يوللاپ بېرىشىنى سورايمىز. تور بېكىتىڭىزگە ICP ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىز بۇ جەدۋەل بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى (新疆通信管理局) گە ئىسپات چىقىرىپ بېرىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ICP بېجىرىش ئىشخانىسى بۇ ئىسپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ICP ىڭىزنى تەستىقلاپ چىقىرىپ بېرىدۇ.
        بىزدىن ئەمەس، باشقا شىركەتلەردىن تور بوشلۇقى سېتىۋالغان تورداشلارغا بىز ئىسپات چىقىرىپ بېرەلمەيمىز، چىقىرىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. چۈنكى، بوشلۇق تەمىنلىگەن ئورۇن نامىدا A شىركەت دەپ، كاپالەت ئىسپاتىدا B شىركەت دەپ بولسا ئەلۋەتتە بولمايدۇ-دە. لېكىن، قولىمىزدىن كېلىشىچە يول كۆرسىتىمىز، ياردەم بېرىمىز.

        بوشلۇق تەمىنلەش سۇپىسى: http://www.uydata.com

        بوشلۇق ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى:   6701516-0991   ،   13079997701

        QQ نومۇرى: 834480060

        ئېلخەت ئادرېسى: uydata@sina.cn

     

        يەنە بىر قىزىق تېما « رايونىمىزدا مۇنبەر ۋە بلوگ ئېچىش مۇمكىنمۇ؟ » ھوزۇرىڭىزدا.

     

     

    شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى

    2010-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى
     

     




    ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.

    ياخشىكەن
    (23)
    85.2%
    ناچاركەن
    (4)
    14.8%
    ------分隔线----------------------------

    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    سەھىپىلەر
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    قىسمەت تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: Xjcfan خادىمى تىزىملاتقان ۋاقتى: 08:02 10-02-2010 كىرگەن ۋاقتى: 14:01 18-01-2012
    مەن زىيارەت قىلغان تېمىلار

    تەۋسىيە تېمىلار