قەدەم >> ئەزا مەركىزى | تېما يوللاڭ | يۇمشاق دېتال يوللاڭ | سەھىپىلەر | ياردەم >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى | ئەزا مەركىزى قوللانمىسى | بېكەت خەرىتىسى | RSS

تور نامى، بوشلۇق تور سودىسى تور ساۋاتلىرى پروگرامما بىلىملىرى كومپيۇتېر ساۋاتلىرى ئۆگىتىش دېتاللىرى باش بەت
بىلەرمەن تەۋسىيەلىك بېكەتلەر تور تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بىلىملىرى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال بازىرى بېكەت خەۋەرلىرى
ئەقلىي يانفون WordPress DedeCMS ماقالە-مۇلاھىزىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بازىرى خەۋەرلىرى IT

باش بەت

Google نىڭ ئايال ئىنژېنېرىنىڭ ئۆزگىچە كەچۈرمىشلىرى

ۋاقتى: 29-11-2011 | مەنبە: XJCFAN.com | ئاپتورى: تەدبىركار | تەھرىر: تەدبىركار | كۆرۈلۈشى: قېتىم | ئىنكاس: 1 پارچە

  •  
     

     

    [تەرجىمان ئىلاۋىسى]: بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى Jean Hsu بولۇپ، ئۇ بۇندىن بۇرۇن Intel ،Google قاتارلىق شىركەتلەردە خىزمەت قىلغان. نۆۋەتتە يېڭىلىق يارىتىش شىركىتىدە قوللىنىشچانWeb ئېچىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئاپتورنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن ئېيتقاندا، ئۇ كومپيۇتېر ساھەسىگە تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنىڭ قېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىز بۇ ماقالىدە ئۇنىڭ ئىلىم ئۆگىنىش ۋە كەسپىي ساھەدىكى خىزمەت سەرگۈزەشتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
     
    ھەممىگە ئايانكى، كومپيۇتېر ئىلمى ساھەسىدە (ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر بولسۇن ۋە ياكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكىلەر بولسۇن) ئايال خادىملار كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، ئەرلەر ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەۋاتقان كەسىپلەر ساھەسىدە ئاياللارنىڭ نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمما كومپيۇتېر ئىلمى ساھەسىدە ئەھۋال دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ كەلدى. ھازىر بۇ ساھەدە ئاياللارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %12 دىن %20 كىچە بولۇۋاتىدۇ. مەن پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ۋاقتىمدا، بۇ نىسبەت تېخىمۇ تۆۋەن ئىدى (2007-يىلى مېنىڭ 20 نەپەر ساۋاقدىشىم ئىچىدىكى ئىككى نەپىرى، 2008-يىلى 50 نەپەر ساۋاقدىشىم ئىچىدە 5 نەپىرى قىز ئىدى). مەن ئۆزۈمنىڭ ئوقۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا بەزى كەچۈرمىشلىرىمنى بۇ يەردە سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايمەن.
    تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا، مەن ئىككى تۈرلۈك كومپيۇتېر دەرسىنى تاللىۋالغانىدىم. بۇلار »كومپيۇتېر ئىلمى ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش++ C تىلى نەشرى« بىلەن AP» كومپيۇتېر ئىلمى« ئىدى. ئەگەر مەندە بۇ كەسىپكە كىرىپ ئوقۇشقا كۈچلۈك ئىشەنچ بولمىغان بولسا (بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن نەتىجىلەر كۆيۈمچان ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ يېتەكلىشى ۋە ئۆزۈمنىڭ بەل قويۇۋەتمەي تىرىشقانلىقىمدىن بولغان)، مەن ئۇنىۋېرسىتېتتا يۈرەكلىك ھالدا بۇ كەسپىنى ئوقۇيالمىغان بولاتتىم. مېنىڭ بىر قىسىم قىز ساۋاقداشلىرىم ئۆلچەملەشكەن ئاساسىي بىلىم دەرسلىكلىرىنى تاللىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا پىروگرامما تۈزۈشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇلار ئۈچۈن بۇ دەرسلىك ناھايىتى تەس تۇيۇلاتتى. ئەگەر ئۇلار مەن تاللىغان بۇ دەرسلىكلەرنى تاللىغان بولسا، ئېنىقكى شۇ ۋاقتىدىن باشلاپلا بىر خىل ئالاقزادىلىك ئىچىدە ياشىغان بولاتتى. ئەينى ۋاقىتتا سىنىپتىكى كۆپ سانلىق ساۋاقداشلار ئۆزى ئىگىلىمەكچى بولغان تېخنىكا ۋە بىلىمنى ياخشى چۈشەنگەن تەقدىردىمۇ شۇنداق بولاتتى.
    گەرچە ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىشتىن بۇرۇن كومپيۇتېر ساھەسىدە بەلگىلىك تەجرىبىگە ئىگە بولساممۇ، ماڭا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ كەسىپتە ئوقۇش مەن ئۈچۈن ئۇنچىلىك روشەن تاللاش ئەمەس ئىدى. بىزگە بۇنىڭدىن باشقا ئۆتۈلىدىغان ئاساسلىق دەرسلەردىن، مەسىلەن خىمىيە، تەدرىجىي تەرەققىيات بىيولوگىيەسى، خەلقئارا لاۋازىمات (خوجىلىق) ئىشلىرى يەنە ئاممىۋى سىياسەت دېگەنلەرنىڭ ئىچىدە مەن ياقتۇرىدىغان دەرسلەرنىڭ بىرىمۇ يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى كاللامدا مۇنداق خىيال پەيدا بولدى: »ئەگەر مەن ئالدىنئالا كومپيۇتېر ئىلمى دەرسىنى ئۆگەنسەم، ئۇنداقتا كېيىنكى مەۋسۇملاردا كومپيۇتېر ئىلمى دەرسىنى رەسمىي ئاساسلىق دەرس سۈپىتىدە ئوقۇيالايمەن«.  بۇ ماڭا نىسبەتەن بىر خىل ئىلھام بولغانىدى. گەرچە مەن ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكىسىدا ناھايىتى ياخشى بولساممۇ، ئەمما تاماق ۋە ئۇيقۇنى ئۇنتۇغان ھالدا كۈنىگە 10 سائەت ئەتراپىدا ئۆگەنگەنىدىم، بەزىدە ھەتتا تۈن يېرىمگىچىمۇ ئۆگەنگەن چاغلىرىم بولغانىدى.
    كومپيۇتېر ئىلمىدىن ئىبارەت بۇ كەسىپتىكى بىر قىسىم ئىشلار مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. بۇ ساھەدىكى بىر قىسىم قاپاقباش، ئازراق پىروگرامما تۈزۈش ياكى چۈشىنىكسىزUnix  بۇيرۇقلىرىدىن خەۋىرى بار ئاتالمىش »بىلەرمەن« لەر ئۆزىنى ناھايىتى يۇقىرى كۆرسىتىپ، سىزنى گويا بۇ ساھەدىكى ئەما دەپ قارايدۇ. ئەڭ چاتاق بولغىنى، مەن بىر قېتىم دەل مۇشۇنداق ئادەم بىلەن قىسقا مەزگىل ھەمكارلىشىپ قالغانىدىم. مەن ئۇنىڭدىن بەزى ئەقىلگە مۇۋاپىق سوئاللارنى سورىغان ۋاقتىمدا، ئۇ ئىشخانىنى بېشىغا كىيىپ ۋارقىراپ كەتكەنىدى: »سەن بۇلارنى بىلىشىڭ كېرەكقۇ! بۇ يا ئۇنچىلىك كۆپ نەرسىلەر بولمىسا«! ئاشۇ بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە، ئۆزۈمنىڭ ئىقتىدارىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىپ چىقتىم. ئاندىن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، ئۇ ئەسلىدىنلا ئۇزۇن مەزگىل بىللە خىزمەت قىلغىلى بولمايدىغان پەسكەش ئىكەن.
    ئۆزۈمنىڭ كەچۈرمىشىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مېنىڭ كۆپ قىسىم ساۋاقداشلىرىم بۇ ساھەدە ئۇنچە يۇقىرى پەللىگە يېتەلمىدى. ئۇلار ناھايىتى قىزىقىدۇ، ئەمما ئالاقىگە ماھىر بولمىغانلىقتىن ئاخىرىدا تاشلاپ قويۇشتى. ئۇلار بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ قويۇشىدۇ: »ھەي! سەن ئاشۇ بۇيرۇقلارنى بىلمەمسەن؟« سىز ئۇلارنىڭ بۇ خىل تەلەپپۇزىدىن پۈتۈن دۇنيادا پەقەت سىزلا ئاشۇ بۇيرۇقلارنى بىلمەيدىغاندەكلا ھېس قىلىسىز. مېنىڭچە ئاياللار بۇ خىل قانائەتلەنمەسلىككە تېخىمۇ سەزگۈر كېلىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ چەكلىك تەجرىبىلىرىمگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىل پوزىتسىيەگە بەرداشلىق بېرەلىگەن كىشىلەرنى ناھايىتى ئىرادىلىك كىشىلەر دەپ قارايمەن. نۇرغۇن كىشىلەر دەل مۇشۇنداق كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.
     مېنىڭ بىر پىروفېسسورۇم بار بولۇپ، ئۇ ماڭا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. مەشغۇلات سىستېمىسى دەرسىدە ئوقۇيدىغان قىزلاردىن تۆتەيلەن بار ئىدۇق ھەم ھەممىمىز ناھايىتى جىمىغۇر ئىدۇق. ئۇ ھەر كۈنى بىزدىن دەرسلىكتە سوئاللارغا يانداشتۇرۇلغان ھالدا بەزى سوئاللارنى سورايتتى ۋە ئارقىدىن »قېنى، قىزلارنىڭ قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى« دەيتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنلا ئارىمىزدىكى مەلۇم بىرەيلەننىڭ جاۋابىنى ئاڭلايتتى. مەن ھەقىقەتەن سىنىپتىكى ساۋاقداشلارغا ۋەكىللىك قىلالمايتتىم ھەمدە ئالاھىدە نەتىجە قازانغان ۋاقىتلىرىمدا ئۇلارنىڭ قانداقراق ھېسسىياتقا كېلىپ قالىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم. ئەمما ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇلار ئادەمنى ناھايىتى رىغبەتلەندۈرىدىغان ئىشلار ئىدى. ئۇ ماڭا مۇنداق دېگەنىدى: »سىنىپتىكى قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى جىمىغۇر بولغاچقا، ئوغۇللار ھەممە يەردە ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىپ يۈرىدۇ. ئەمما ھەقىقىي سىناق ۋە ئىمتىھانلارغا كەلگەندە، قىزلارنىڭ نەتىجىسى ھەممىدىن يۇقىرى چىقىدۇ.«
    بىر قېتىم مەن يولدىن ئۆتكەچ كېيىنكى مەۋسۇمدا مەن خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش يىغىنىغا دىققەت قىلىپ قالدىم. ئۇ (ئۆزىنىڭ پروفېسسورىنى دېمەكچى) ماڭا نەق مەيداندا يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ بېقىشىمنى ئېيتتى. ئەمما بۇ ۋاقىتتا تەييارلىقىم بولمىغاچ ئۇنىڭغا »كېيىنكى مەۋسۇمدا ئاساسىي بىلىمىمنى يەنىمۇ پۇختىلاپ يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشاي« دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر پىروفېسسورغا مېنى كۆرسىتىپ: »بۇ قىز ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ ناھايىتى مۇنەۋۋەر ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ« دېدى. ئۇنىڭ مۇشۇنداق قوللاشلىرى ماڭا زور رىغبەتلەرنى ئاتا قىلغانىدى. مەن شۇ ۋاقىتتا بۇلارنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنىدىم: »گەرچە مەن كومپيۇتېر ئىلمىدە ئوقۇشنى كېچىكىپ قارار قىلغان بولساممۇ، ئەمما مەن يەنىلا بۇ ساھەدە خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىمەن، مەن ئۆزۈمگە قاتتىقلىق بىلەن تەنقىدىي مۇئامىلە قىلىشىم كېرەك
    مەنGoogle  دا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقتىدا بىر رىقابەت (بۇ رىقابەت بەلكىم ئۇنىڭ بايقىغان روھىي كېسىلى بولۇشى مۇمكىن. [ت]) كە ئۇچرىغانىدىم. مەن ئۇقمايدىغان نەرسىلەرگە يولۇققان ۋاقتىمدا ھېچنېمىدىن تەشۋىشلەنمەيلا دەپ سالاتتىم. چۈنكى، مەن ئادەتتە ئۇچرىتىدىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئادەتتىكى تېخنىكىلىق مەسىلىلەر دەپ قارايتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئاددىي نەرسىلەرگە باشقىلارمۇ ھۆكۈم قىلىشىنى بىلەتتى. ئەمما مەن مۇشۇ كۈنلەرگە كەلگەندە ئۆزۈمدىكى بىر خىل »ئۆزىنى باشقىلارغا كۆرسىتىپ قويۇش كېسىلى«نى بايقاپ قالدىم. بۇ بىر پىسخىكىلىق ھالەت ئىدى. گەرچە سىز ئۆزىڭىزچە »ئۆزىنى باشقىلارغا كۆرسىتىپ قويغۇچى« بولسىڭىزمۇ، سىزنىڭ نەتىجىلىرىڭىز ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما سىز مۇۋەپپەقىيىتىڭىز ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇزۇنغا مېڭىشىڭىز كېرەك ئىكەن. مەن بىر ئېچىش خادىمىغا ئايلانغاندىن باشلاپ، شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم: »مەن قىلىۋاتقانلىرىمغا ھەقىقەتەن ئۇستا ئىكەنمەن، مەن پەقەت ئىقتىدارغا ئىگە بولغانلىقىم ئۈچۈنلا بۈگۈنكىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلەپتىمەن.«
    مەن تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنىڭ كومپيۇتېر ساھەسىگە كىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى مەن بىلەن بىللە ئىشلەيدىغانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاياللار بولۇپ، ئۇلار ھەقىقەتەن بىر-بىرىدىن قالتىس ھەمدە ناھايىتى ئەپ ئۆتىدۇ. تەخمىنەن بۇندىن بىر ئاي بۇرۇن، مەنDevDays  چوڭ يىغىنىغا قاتناشتىم. ئەمما بۇ 200 ئادەم سىغىدىغان زالدا ئاران بەشتەك ئايال ئولتۇراتتى. ئەگەرGoogle  نىڭ بۇ يېڭىلىق يارىتىش شىركىتى بولمىغان بولسا، بۇلارنىڭ سانى تېخىمۇ ئاز بولار ئىدى.
    مېنىڭچە بۇ بىر نورمالسىزلىق. بىلىدىغانلىرىمغا ئاساسلانغاندا، يېڭىلىق يارىتىش شىركىتىدە، پەقەت بىر قىسىملا ئايال ئاچقۇچى خادىملار بار ئىكەن. گەرچە شىركەتتىكى بىر قىسىم ساھەلەردە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش كەيپىياتىنى خىلىلا ئەۋج ئالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ساھەدە تاللاش پۇرسىتى ئىنتايىن كۆپ. تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنى كومپيۇتېر ساھەسىگە قېتىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى بەك بىلىپ كەتمەيمەن، ئەگەر بەزىلەر مېنى قىممەتلىك پىكىرلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان بولسا، بۇ ھەقىقەتەن بىلگەنلىرىنى ئەلدىن ئايىمىغانلىق ھېسابلانغان بولاتتى. بۇ بىر قەدەر قېيىن مەسىلە بولۇشى مۇمكىن، ئەمما مەن ئاشۇ بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرگەن بۇ كەسىپتە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشنى ھەرگىز خالىمايمەن.
     
    * تەرجىمان: مۇتەللىپ ئەنۋەر (ئۇيغۇرتېكىن)، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى
     

    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ژۇرنىلىمىز («كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى)نىڭ 2011-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ بىزنىڭ رۇخسىتىمىزنى ئالماي تۇرۇپ، باشقا تور بېكەت، مۇنازىرە مۇنبەرلىرى، بلوگلاردا كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلار بايقالسا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تەرتىپلىرى بويىچە قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.




    ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.

    ياخشىكەن
    (18)
    78.3%
    ناچاركەن
    (5)
    21.7%
    ------分隔线----------------------------

    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    سەھىپىلەر
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    تەدبىركار تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: Xjcfan خادىمى تىزىملاتقان ۋاقتى: 08:02 10-02-2010 كىرگەن ۋاقتى: 14:02 10-02-2012
    مەن زىيارەت قىلغان تېمىلار

    تەۋسىيە تېمىلار