قەدەم >> ئەزا مەركىزى | تېما يوللاڭ | يۇمشاق دېتال يوللاڭ | سەھىپىلەر | ياردەم >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى | ئەزا مەركىزى قوللانمىسى | بېكەت خەرىتىسى | RSS

تور نامى، بوشلۇق تور سودىسى تور ساۋاتلىرى پروگرامما بىلىملىرى كومپيۇتېر ساۋاتلىرى ئۆگىتىش دېتاللىرى باش بەت
بىلەرمەن تەۋسىيەلىك بېكەتلەر تور تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بىلىملىرى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال بازىرى بېكەت خەۋەرلىرى
ئەقلىي يانفون WordPress DedeCMS ماقالە-مۇلاھىزىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بازىرى خەۋەرلىرى IT

باش بەت

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى ئەسەر قۇبۇل قىلىش ئىزاھاتى

ۋاقتى: 29-04-2011 | مەنبە: XJCFAN.com | ئاپتورى: قىسمەت | تەھرىر: قىسمەت | كۆرۈلۈشى: قېتىم | ئىنكاس: 1 پارچە

  •      1. ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر ئۇنۋان باھالاشتا ئېتىراپقا ئېرىشىدۇ.
         2. ئەسەر قوبۇل قىلىش دائىرىسى تۆۋەندىكى سەھىپىلەر بويىچە بولىدۇ:
         (1) IT غا دائىر قانۇن-نىزاملار (تەرجىمە قىلىپ ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ)
         (2) IT خەۋەر ئۇچۇرلىرى
         (3) كومپيۇتېر ۋە كەسىپ (كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدىكى ماقالىلەر قوبۇل قىلىنىدۇ)
         (4) IT شەخسلىرى
         (5) قاتتىق دېتال مۇنبىرى
         (6) يۇمشاق دېتال، تور بىلىملىرى
         (7) تور سودىسى
         (8) IT ئوبزور، ماقالىلىرى
         (9) ئەقلىي يانفون
         (10) سوئال-جاۋابلار (كومپيۇتېر، ئەقلىي يانفون قاتارلىق ساھەلەردە سوئال-جاۋاب تەييارلاپ ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ)
         2. ئاپتورلار ژۇرنىلىمىزغا ئەسەر ئەۋەتكەندە، ئەسەرگە كېرەكلىك رەسىم ۋە باشقا ئوبيېكتلارنى بىللە ئەۋەتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
         3. ئەسەرلەرنىڭ تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچى، سان-سىفىرلىرى، ئاتالغۇلىرى، ئىملا توغرا بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
         4. پايدىلانغان مەنبەلەرنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
         5. تەرجىمە ئەسەر بولسا، ئەسلى ئەسەرنى (تور ئادرېسى بولسىمۇ بولىدۇ) بىللە ئەۋەتىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
         6. ئەسەرلەر ئۆلچەملىك Unicode دە (مەسىلەن، ئەلكاتىپ، ئويغان قاتارلىق كىرگۈزگۈچلەردە) يېزىلغان بولۇشى كېرەك.
         7. ئەسەرلەرنى بىردەك تور ئارقىلىق ئەۋەتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. قەغەزگە يېزىپ ياكى بېسىپ چىقىرىپ ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ. 
         8. ئەسەرنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە قەلەم ھەققى تارقىتىشىغا قۇلاي بولۇشى ئۈچۈن، ئاپتورلار ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسى، ئىش ئورنى ياكى ئوقۇۋاتقان مەكتىپى، ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى (ئې-خەت، تېلېفون) قاتارلىقلارنى تەمىنلىشى كېرەك.
         9. ژۇرنىلىمىزغا ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەردىن ئۆزگەرتىش، تولۇقلاش زۆرۈر دەپ قارالغانلىرىدىن باشقىلىرى بىردەك قايتۇرۇلمايدۇ. شۇڭا ئاپتورلار ئەسەر ئەۋەتىشتىن بۇرۇن زاپاسلىۋېلىشى كېرەك.
         10. ئاپتورلار ئەسەرلىرىنىڭ ژۇرنالغا بېرىلگەن-بېرىلمىگەنلىكىنى ژۇرنالدىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ. ئې-خەت ياكى تېلېفون ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش ھاجەت ئەمەس. زۆرۈر تېپىلسا تەھرىر بۆلۈمىمىز ئاپتورلار بىلەن ئالاقىلىشىدۇ.

         ئەسەر قوبۇل قىلىش ئادرېسى:
         ug.pclife@live.com        ug.pclife@live.cn
     

     

    «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى

    2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى


     




    ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.

    ياخشىكەن
    (5)
    100%
    ناچاركەن
    (0)
    0%
    ------分隔线----------------------------

    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    سەھىپىلەر
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    قىسمەت تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: Xjcfan خادىمى تىزىملاتقان ۋاقتى: 08:02 10-02-2010 كىرگەن ۋاقتى: 20:02 10-02-2012
    مەن زىيارەت قىلغان تېمىلار

    تەۋسىيە تېمىلار