تاۋباۋ تورى نىمكەش ماشىنا بازىرى ئۈچۈن ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەۋاتىدۇ
ئىچكى قىسىمدىكىلەرنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا تاۋباۋ نىمكەش بازىرى تەسىس قىلىش ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق نىمكەش ماشىنا بازىرى تور بىكەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشماقچى ئىكەن.
تاۋباۋ يېقىندا دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق نىمكەش ماشىنا بازىرى بولغان « بىرىنجى قول ماشىنا» بازىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئالدىدا تۇرماقتا. « بىرىنجى قول ماشىنا» بازىرى تور بىكىتى تاۋباۋ ئۈچۈن ساندان تەمىنلەيدىكەن، 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا خاڭجۇ شەھرىدىكى باش شىتابىدا ئىككى تەرەپ رەسمىي توختام ئىمزالايدىكەن.
تەھلىلچىلەرنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا تاۋباۋ دا ھازىر ئىككىچنى قول ماشىنىلار كىمئاشىدۇ كەسپى بولسىمۇ كۆلىمى كىچىك. ماشىنا ئۇچۇرلىرى مەنبەسى ئاز. شۇڭا تاۋباۋ كەسىپنى چوڭايتىش ۋە ئۇچۇرلارنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ھازىر جىددىي تەييارلىق كۈرۋېتىپتۇ. ھازىر باشقا ماشىنا سېتىش تور بىكەتلىرىدە 3مىلىيۇندىن كۆپرەك ماشىنا ئۇچۇرلىرى بار بۇلۇپ ، ئەگەر بۇلار تاۋباۋ نىڭ ماشىنا سېتىش تور كەسپىدىن پايدىلانسا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بۇلاتتى.
« بىرىنجى قول ماشىنا» بازىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىرەيلەنىڭ ئاشكارلىشىچە ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىمىلىك توختاملىشىدىغان بۇلۇپ، بۇندىن كىيىن تاۋباۋ نىمكەش ماشىنا بازىرى دىكى ئۇچۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى « بىرىنجى قول ماشىنا» بازىرى توردىن ئېلىنىدىكەن. نۇرغۇن كىشىلەر تاۋباۋ تورىدىا تۇرۇپلا ئىككىچى قول ماشىنىلارغا باھا قۇيۇش، تالشىپ سېتىۋېلىش ۋە بىۋاستە سېتىش ۋە سېتىۋېلىشتەك قۇلايلىق تور بازىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىكەن.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


























