2011-يىلدىكى 5 چوڭ IT خەۋىرى
1. بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى شىركىتى كۆچمە يانفۇن ئىشلەتكەن شىركەت ئابۇنىتلىرىغا قارىتا كىچىك تىپتىكى شەخسىي بىكەت بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن.
چۈنكى بۇ خىل مۇلازىمەت ھازىر يەرشارىدا مودا بولىۋاتىدۇ. بۇ خۇددى ئەينى ۋاقىتتا گوگىلنىڭ Groupon شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ كۆچمە خەۋەرلىشىش ساھەسىگە يۈرۈش قىلغانلىقىغا ئوخشايدۇ.
گوگىل ئارقىدىنلا ئۆزىنىڭ يانفۇن مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئادسىنىس ئېلان مۇلازىمىتىنىمۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىتلىرىغا قارىتا ئېلان مۇلازىمىتى تارقىتىدىغان ۋە تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتلەر پەيدا بولغان.
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى ھازىر جۇڭگۇ بۇيىچە ئەڭ چوڭ ئالاقە شىركىتى. ئۇنىڭ سانسىزلىغان ئابۇنىتلىرى نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ ئۆزىنى تەشۋىق قىلىشتىكى يېتەرلىك سورۇن ۋە شارائىتقا ئېرىشەلەيدۇ.
2. TV ئۇ پەقەتلا تىلىۋۇزۇر ئەمەس.
گوگىل ھازىر تور كۆپ ۋاسىتە ساھەسىدىكى چوڭ بىر تىمساققا ئوخشايدۇ. كىشىلەر نېمىگە ئېھتىياجلىق گوگىل بۇنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ.
گوگىل 2010-يىلى 12-ئايدىن 2011-يىلى 1-ئايغىچە Revue نى سېتىشنى توختاتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ باشقا بىر TV مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلىپ تېخنىكا جەھەتتىن زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. يەنى ئىنتېرنېت بىلەن تېلىۋۇزۇر لىنىيىسىنى بىرلەشتۈردى.بۇ خۇددى شۇ گوگىل مەيدانغا ئېلىپ چىققان تور تىلىۋىزىيىسى " ئائىلە قانىلى " (HGTV) دىكى بىر قېتىملىق پروگراممىدا << ھازىر سىزگە سۇ تۇرۇبىسىنى قانداق رىمونت قىلىشنى ئۈگۈتىمىز، پروگرامما ئاخىرلاشقاندىن كىيىن سىز قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بۇزۇلۇپ قالغان ياكى سۇ ئېقىپ قالغان سۇ تۇربىڭىزنى رىمونت قىلالايسىز.>> دېيىلىپ، ئارقىدىنلا سۆزلىشىش كۆزنىكى ئېچىلىپ، كامېرا ئارقىلىق ئەمەلىي مەيداندا ياردەم قىلىش ئۇسۇلى كۆرسىتىلگەندەك كىشىلەرگە تولىمۇ قۇلايلىق ئېلىپ كەلگەن. بۇ ساھەمۇ جۇڭگودا يېڭى بىر سودا بازىرىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.
3. يېڭىلىق يارىتىش جېڭى داۋاملىق كۈچىيىپ IT ساھەسى باشقىچە جانلىنىپ كېتىدۇ.
Facebook بىلەن Twitter نى ئېلىپ ئېيتساق بۇلار داۋاملىق كۈچىيىپ سودا ساھەسىدىكى غايەت زور ساندان سودا سانائەت ساندانىنى ھاسىل قىلىدۇ.
2011-يىلنىڭ مەلۇم مەزگىللىرىدە : خوش خەۋەر: ھازىر يېڭىلىق يارىتىدىغان ۋاقىت يىتىپ كەلدى . شۇم خەۋەر: ھېچكىم ھازىرچە ئۇ يېڭىلىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ دېگەندەكلا.
بىراق ئەڭ يېڭى "يېڭىلىق" لار 2011-يىللىرىنىڭ مەلۇم مەزگىلىدە پەيدا بولىدۇ. IT ساھەسى باشقىچە جانلىنىپ كېتىدۇ.
خۇددى ھازىر نوكىيا بىلەن مىكروسوفىتنىڭ ھەمكارلىق خەۋىرى، تېڭشۈن بىلەن جۇڭگۇ تىلىگىرافىنىڭ ھەمكارلىشىشى دىگەندەك يېڭىلىقلار يېڭى-يېڭى يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
4. مىكروبلوگ ئىنتىرنىتتىكى ئەڭ قىزىق مودىغا ئايلىنىدۇ.
مىكروبلوگ بىلەن ئادەتتىكى بىلوگلاردا مەلۇم پەرق بار بۇلۇپ، 2011-يىلى يىل بېشىدا ئىنتېرنېت ساھەسىدە مىكروبىلوگ دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. ئابۇنتلار ئۈچۈن ھەقسىز مىكروبىلوگ بىلوگ بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بېكەتلەر بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. مىكروبىلوگ نى دەسلەپتە يولغا قويغان شىنلاڭ تور بېكىتىنىڭ بىل گېيتىس، ۋىن زۇڭلى قاتارلىقلارغا شەخسىي مىكروبىلوگ بىلەن تەمىن ئېتىشى مىكروبىلوگ نىڭ مودا دولقۇنىنى كۈچەيتتى. شىنجاڭ تىلىۋىزىيىسىنىڭمۇ 2-ئايدا ئۇيغۇرلاردا مىكروبىلوگ تېمىسىدا سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغاندىن كىيىن بىر قىسىم تور بىكەتلەرمىكروبىلوگنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بارلىققا كەلتۈردى. نۆۋەتتە بىر قىسىم شەخسلەر مىكروبىلوگ تەسىس قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ قىسقا ئەمما مەنىلىك يازمىلارنى يوللايدىغان تور ھاياتىنى باشلىۋەتتى. بۇ يىل مىكروبىلوگنىڭ دولقۇنى كۈچىيىدۇ. شەخسلەرنىڭ مۇستەقىل مىكروبىلوگ قۇرىشى كۈپۈپىيدۇ.
5. تاختا كومپىيۇتىرلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىپ، كومپيۇتېر ساھەسىدە يېڭى بىر رىقابەت شەكىللىنىدۇ. نۆۋەتتە ليەنشياڭ، شېندەن قاتارلىق شىركەتلەر شەخسلەر قۇبۇل قىلالايدىغان باھادىكى تەكشى يۈزلۈك كومپىيۇتىرلارنى تەتقىق قىلىپ بازارغا سالدى. IPad2 نىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە باھاسىنىڭ 10مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بۇلىشى مەملىكىتىمىزدىكى كومپيۇتېر شىركەتلىرىگە پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. يېڭى تېخنىكىدىكى رىقابەت ۋە مودا ئىشلەتكۈچىلەرگە تاللاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. مىكروسوفت نىڭ ئۈستەل شەكىللىك تاختا كومپيۇتېرىغا بولغان قىزىقىش ۋە تاختا كومپيۇتېر چۈشى نۇرغۇن ھەۋەسكارلارنى كىچىك تىپتىكى تاختا كومپىيۇتىرلارنى تاللاتقۇزىدۇ.
ئىشىنىمىزكى 2011-يىلى باھاسى تۆۋەن، ئاندىرويىد مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن، Ipad كە ئوخشىتىپ ياسالغان تاختا كومپىيۇتىرلار بازارغا كۆپلەپ سېلىنىدۇ. بۇلار ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


























