ھەرقايسى تور بىكەت باشلىقلىرى ۋە 890 ئېلان ھەمكارلىقىغا تەۋسىيە
ئەسلى مەنبە: UKIJ تور بىكىتى http://www.ukij.org
دىيارىمىزدا ئىنتىرنىت تورى ئومۇملاشقاندىن باشلاپ كۆپ قىسىم ئوت يۈرەك ياشلىرىمىز بۇ بەيگىدە ئۆز قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تور مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا. 10 يىلدىن ئارتۇق مابەينىدە ئۇيغۇر تىلىنى تور دۇنياسىدا ئۇيغۇر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىلىدىغان تېخنىكىلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ توردىكى مەۋجۈتلىقىنى ساقلاپ كەلدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق ئۇيغۇر تور بىكەت قۇرغۇچىلىرىغا چۇڭقۇر ئىھتىرام بىلدۈرىمىز.
بۇ باياناتنىڭ مەقسىتى پەقەت بىرلا.ئۇ بولسىمۇ بارلىق تور بىكەت باشلىقلىرى ۋە ULY (ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ لاتىنچە ئىپادىلىنىشى ) نى ئىشىلتىۋاتقان ئېلان ھەمكارلىقى تور بىكەتلىرىنىڭ ئۆلچەملىك (ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ لاتىنچە ئىپادىلىنىشى بۇ قىسقارتىلىپ ULY دەپ ئېلىنىدۇ.) ULY نى قوللىنىشىنى تەۋسىيە قىلىش. ئۆلچەمسىزنى شاللاپ ياخشىسىنى تاللاش.
ULY گەرچە قېلىپلىشىپ بىرلىككە كەلتۈرۈلگىلى خېلى يىللار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يەنىلا ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكىدەك ئەھۋال مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا، ھەتتا ئۇنى تەشۋىق قىلىش، يېزىق ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغانلىق دەپ خاتا چۈشىنىلمەكتە شۇڭا كىشىلەرنى بۇ ھەقتە توغرا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش، ULYنىڭ ئەۋزەل تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىشنى بىلىشىمىز كىرەك. ULY نى قوللىنىش ھەرگىزمۇ يېزىق ئۆزگەرتىش ئەمەس ھەم كىڭەيتىش ئەمەس بەلكى كومپىيۇتىردا ئەرەب يېزىقى شەكلىدىكى ئۇيغۇر كونا يىزىقىنى قوللانغىلى بولمايدىغان جايلاردا ULY نى قۇشۇمچە قوللىنىش مەقسەت قىلىنىدۇ.
ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىل-يېزىق كومتىتى ULY ھەققىدىكى بىر قىسىم ئۆلچەملەرنى رەسمىي ئۇقتۇرۇش سۈپىتىدە ئېلان قىلىپ تارقاتقان بولسىمۇ
(http://www.xjyw.gov.cn/Web/article.aspx?ArticleID=1088 )
ئەمما كۆپ قىسىم جاھىل تور بىكەت قۇرغۇچىلار بۇ ئۆلچەمگە ھۆرمەت قىلماي ئۈزى بىلگەن ئۆلچەمسىز ھەرىپلەر بىلەن داۋاملىق ئالاقىنى ۋە ئۇچۇرلارنى يوللاشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم نادىر تور بىكەتلەر ۋە بىكەت قۇرغۇچىلار يەنىلا ئۆلچەمنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يېڭى ئۆلچەمنى قۇبۇل قىلىپ ئىشىلتىپ كىلىۋاتىدۇ. ھازىر بىر قىسىم مۇڭداشقۇلاردا كۆپ قىسىم تورداشلار ئارىسىدا ئىككى خىل ئۆلچەمنى ئارلاش ئىشىلتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بىرىپ، ئۆز ئارا مەقسەتنى ئىنىق بىلەلمەسلىك ئەھۋالى يۈز مەكتە...
قۇشۇمچە:
ئۆلچەملىك ULY ئېلىپبەسى ۋە لاھىيەلەر ھەققىدىكى تېمىلار
http://www.ukij.org/oyghan/uky/UKY_Heqqide.htm
http://www.intil.biz/home/thread-145-1-1.html
http://azat.blogbus.com/logs/63647351.html
بىز كەڭ تور بىكەت قۇرغۇچىلارنىڭ ئالاقە ۋە ئۇچۇر تارقىتىشتا چۇقۇم ئۆلچەمنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتىرنىتتىكى ئالاقە ۋە ئۇچۇردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى ئۈچۈن بىر خىل ئۆلچەمنى قوللىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. ( ئەلۋەتتە كۆنمەك بىر قەدەر قىيىن بولسىمۇ ئەممما يېرىم سائەت كۆڭۈل قۇيۇپ مەشىق قىلسىڭىزلا تامامەن ئىگەللىۋالالايسىز...ھۇرۇنلۇق قىلماسلىق كىرەك).
نۆۋەتتە دىيارىمىزدا ئۇيغۇر ئېلان ھەمكارلىقى مۇلازىتىمى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 890 ئېلان ھەمكارلىقى تور بىكىتى http://ad.890.cn/ نۆۋەتتە يېزىق شەكلىدىكى ئېلانلىرىدا ئۆلچەمسىز ULY نى قوللىنىپ ئېلان تارقاتماقتا. بىز 890 ئېلان ھەمكارلىقى تور بىكىتىنىڭ ئۆلچەمنى قۇبۇل قىلىشى، تور بىكەتلىرىدە ئۆلچەمنى قۇبۇل قىلىشىنى، شۇنداقلا UKIJ يەنى
Uyghur Kompyutér Ilimi Jem'iyiti www.ukij.org ( ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى) نىڭ ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىل-يېزىق كومتىتى نىڭ چاقرىقىغا ئاۋاز قۇشۇشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: UKIJ تەشۋىقات بۆلىمى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


























