قەدەم >> ئەزا مەركىزى | تېما يوللاڭ | يۇمشاق دېتال يوللاڭ | سەھىپىلەر | ياردەم >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى | ئەزا مەركىزى قوللانمىسى | بېكەت خەرىتىسى | RSS

تور نامى، بوشلۇق تور سودىسى تور ساۋاتلىرى پروگرامما بىلىملىرى كومپيۇتېر ساۋاتلىرى ئۆگىتىش دېتاللىرى باش بەت
بىلەرمەن تەۋسىيەلىك بېكەتلەر تور تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بىلىملىرى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال بازىرى بېكەت خەۋەرلىرى
ئەقلىي يانفون WordPress DedeCMS ماقالە-مۇلاھىزىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بازىرى خەۋەرلىرى IT

باش بەت

تېڭشۈن شىركىتى Qphone يانفونىنى بازارغا سالىدىكەن

ۋاقتى: 07-09-2010 | مەنبە: شىنخۇا تورى | ئاپتورى: ئالەم | تەھرىر: قىسمەت | كۆرۈلۈشى: قېتىم | ئىنكاس: 1 پارچە

  • مەنبە:شىنخۇا تورى 2010-يىلى 7-سېنتەبىر
    ئىلگىرى تېڭشۈن شىركىتى Qphone يانفونىنى بازارغا سېلىشقا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ دېگەندەك خەۋەرلەر تارقالغان، كىيىن شىركەت تەرەپ ئېنىق قىلىپ بۇ خىل خەۋەرنى ئىنكار قىلغان. لېكىن يېقىندا تېڭشۈن شىركىتىنىڭ Qphone يانفونىنى بازارغا سېلىش پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتمە رەسىمى توردا ئاشكارىلانغان، رەسىمدە تېڭشۈن شىركىتىنىڭ Qphone يانفونىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ رەسىمنىڭ راست يالغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس، تېڭشۈن شىركىتىمۇ بۇ توغرىلىق ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.

     


     

    بۇ رەسىمدىن تېڭشۈن شىركىتىنىڭ Qphone يانفونىغا مۇناسىۋەتلىك پىكىر يولىنى بايقاشقا بولىدۇ، بىرىنچىدىن، « يۇقىرى سەپلىمىلىك ئەقلى ئىقتىدارلىق Qphone يانفونى بىلەن بازارغا كىرىش » ، شۇ ئارقىلىق، « ياخشى بولغان سۈپەت ئىناۋىتىنى تىكلەپ، iPhone ۋە Google تېلېفونىنىڭ جۇڭگو بازىرىنى ئىگىلەپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇش » قاتارلىق نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىككىنچى خىل پىكىر يولى بولسا، تۆۋەن سەپلىمىلىك يانفون بازىرى ئارقىلىق بازارغا كىرىپ، « تۆۋەن سەپلىمىلىك يانفون ئارقىلىق قوشۇمچە ماركا يارىتىپ، يېڭى ئابونتلارنى ئىگىلەش ». ئىككىنچى خىلدا ياشلارنى بازار ئوبيېكتى قىلىپ، « تېزلىكتە بازار ئىگىلەپ، Nokia قاتارلىق رەقىبلىرىنىڭ بازىرىنى ئىگىلەش » نى ئاساس قىلىش.

     


     

    ئەگەر تېڭشۈن شىركىتى Qphone يانفونىنى بازارغا سالسىلا، چوقۇم تېڭشۈننىڭ قوللىنىشچان سىستېمىلىرىنى قاچىلايدۇ.
    نۆۋەتتە « يېڭىلىق يارىتىش زاۋۇتى » مۇ يېڭى تىپتىكى يانفون مەشغۇلات سىستېمىسى ياساۋېتىپتۇ دېگەن خەۋەر پەيدا بولدى، بۇ خىل مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىسمى Tapas بولۇپ ، Google شىركىتىنىڭ Android مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ياسىلىدىكەن، نۆۋەتتە، SHARP ، تىيەنيۈ، خەيئېر قاتارلىق بۇ خىل سىستېما ئىشلىتىلگەن يانفوننى بازارغا سالماقچى بولۇۋېتىپتۇ، كېلەر يىلى بىر مىليون دانە Tapas مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان تېلفۇن سېتىش پىلانلىنىۋېتىپتۇ.

     


     

    تېڭشۈننىڭ Qphone يانفونىنى بازارغا سېلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىلا بولغان قالغان بولۇشى مۇمكىن .

     




    ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.

    ياخشىكەن
    (3)
    100%
    ناچاركەن
    (0)
    0%
    ------分隔线----------------------------

    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    سەھىپىلەر
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    ئالەم تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 10:04 29-04-2010 كىرگەن ۋاقتى: 20:11 07-11-2011
    مەن زىيارەت قىلغان تېمىلار

    تەۋسىيە تېمىلار