قەدەم >> ئەزا مەركىزى | تېما يوللاڭ | يۇمشاق دېتال يوللاڭ | سەھىپىلەر | ياردەم >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى | ئەزا مەركىزى قوللانمىسى | بېكەت خەرىتىسى | RSS

تور نامى، بوشلۇق تور سودىسى تور ساۋاتلىرى پروگرامما بىلىملىرى كومپيۇتېر ساۋاتلىرى ئۆگىتىش دېتاللىرى باش بەت
بىلەرمەن تەۋسىيەلىك بېكەتلەر تور تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بىلىملىرى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال بازىرى بېكەت خەۋەرلىرى
ئەقلىي يانفون WordPress DedeCMS ماقالە-مۇلاھىزىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بازىرى خەۋەرلىرى IT

باش بەت

ICP بېجىرمىگەن 4000 دىن ئارتۇق تور بېكەت تاقالدى

ۋاقتى: 13-02-2010 | مەنبە: XJCFAN.com تورى | ئاپتورى: قىسمەت | تەھرىر: قىسمەت | كۆرۈلۈشى: قېتىم | ئىنكاس: 0 پارچە

  •  

    ياشىن تورى 2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى:
    شىنجاڭ تېلېگراف كەسپىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزەش، يانفوندىكى ئەخلاقسىزلىق، شەھۋانىيلىققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى بىرىنچى باسقۇچلۇق خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى شىجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدە چاقىرىلدى. تېلېگراف، كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۈچ چوڭ تېلېگراف كەسپى شىركىتى يىغىنغا قاتناشتى ۋە خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.
    2009-يىلى 11-ئايدا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى پۈتۈن دۆلەت دائىرىسىدە يانفوندىكى ئەخلاقسىزلىق، شەھۋانىيلىققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى يولغا قويغاندىن بېرى شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى، مەركەز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ ئىنتېرنېت قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى، باشقۇرۇش جەھەتلەردىكى فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردى. شىنجاڭ تېلېگراف كەسپىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزەش، يانفوندىكى ئەخلاقسىزلىق، شەھۋانىيلىققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئومۇمىيۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ تېلېگراف كەسپىدىكى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئادا قىلىپ كەلدى. ئەۋلادلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە، ئىجتىمائىي مۇھىتنى پاكىزلاشقا، يانفون ۋە ئىنتېرنېت كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلدى. مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يانفون ۋە ئىنتېرنېت مۇھىتىنى ئۈنۈملۈق پاكىزلىدى.
    مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ تېلېگرافى يېڭى كەسىپلەرنى كۆپەيتىپ قوشۇلما قىممەتتىكى تېلېگراف كەسپىنى يولغا قويغاندا، ئەخلاقسىز، شەھۋانىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ئېھتىماللىقىنى سەزگەن ھامان، بىردەك ئۇ كەسىپنى توختىتىدىكەن. شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشى كەسپىي ھەمكارلىرىنى باشقۇرۇپ، كەسىپنى كېڭەيتىش ئۇسۇللىرىنى ياخشىلاپ، باھالاش ۋە چېكىندۈرۈش تۈزۈمىنى قوللىنىدىكەن. شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى بارلىق ھەمكار كارخانىلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى، كەسىپ مەزمۇنى، ھەق ئېلىش ئۇسۇلى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى قاتارلىقلاردا كېلىشىم تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.
    بۈگۈنگە قەدەر، شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى شىركەت-كارخانىلارنى تەشكىللەپ، ئىجازەتسىز مۇلازىمېتىر قۇرغان ئورۇن (شەخس) دىن 26 نى بىرتەرەپ قىلغان، ICP بېجىرمىگەن 4000 دىن ئارتۇق تور بېكەتنى تاقىغان، 1500 گە يېقىن تور بېكەتنى ICP بېجىرىشكە ۋە ئۆزگەرتىشكە بۇيرىغان. شۇ ئارقىلىق، شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى رايونىمىزدىكى مۇلازىمېتىرلار، نورمال زىيارەت قىلىشقا بولىدىغان 3798 (ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكىلىرى 168) تور بېكەت ۋە 12 يانفون تور بېكىتىنىڭ ئەھۋالىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىگىلىگەن.
    ICP بېجىرمىگەن تور بېكەتلەرنى تازىلاش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشى ئۈچۈن، 2010-يىلى 1-ئايدا شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى رايونىمىزدىكى ئاساسلىق تۆت تېلېگراف كارخانىسى ۋە 13 مۇلازىمېتىر كارخانىسىنى يىغىنغا چاقىردى، ھەمدە ئۇلاردىن «ئاۋال ICP بېجىرىش، ئاندىن تور بوشلۇقىنى ئېچىپ بېرىش» پىرىنسىپىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشنى، ئىجازەتنامىسىز ياكى ICP بېجىرمىگەن ھەرقانداق تور بېكەتنى تور بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىمەسلىكنى ھەمدە 2010-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، مۇلازىمېتىر ICP باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە رايونىمىزدىكى تور بېكەتلەرنىڭ ICP باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاپ بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.
    بىلىشىمىزچە، شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى خادىم ئاز، خىزمەت مىقدارى كۆپ بولۇشتەك قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، بىر يېرىم ئاي ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭدىكى 15648 پارچە ICP ئۇچۇرىنى ئادەم كۈچ بىلەن تەكشۈرۈپ دەلىللىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 9292 پارچە ICP ئۇچۇرىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەھۋاللار ساقلانغان. 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەكشۈرۈپ بايقالغان 3126 پارچە ساختا ICP ئۇچۇرىنى بىكار قىلىپ، 1191 تور بېكەتنى توختاتقان، 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى قېپقالغان 4975 پارچە بەلگىلىمىگە خىلاپ ICP ئۇچۇرىغا قارىتا ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان. نۆۋەتتە شىنجاڭدا ICP بېجىرگەنلەر 12467 نەپەر، ICP بېجىرگەن تور بېكەت 13754 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سىرتتىن مۇلازىمېتىر بېجىرگەنلەر  2009-يىلى يىل ئاخىردىكى %75 تىن %63 كە تۆۋەنلىگەن.
    مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق خىزمىتى مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، بىراق، نۆۋەتتە ۋەزىيەت يەنىلا جىددى. كېيىنكى باسقۇچتا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى كارخانىلار مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ پىلان تەلىپىنى تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىپ، تەشكىللىنىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرىنچى باسقۇچتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، ئىككىنچى باسقۇچلۇق خىزمەتنى ياخشى ئېلىپ بېرىشى لازىم.
     
     
     

     




    ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.

    ياخشىكەن
    (2)
    33.3%
    ناچاركەن
    (4)
    66.7%
    ------分隔线----------------------------

    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    سەھىپىلەر
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    قىسمەت تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: Xjcfan خادىمى تىزىملاتقان ۋاقتى: 08:02 10-02-2010 كىرگەن ۋاقتى: 20:02 10-02-2012
    مەن زىيارەت قىلغان تېمىلار

    تەۋسىيە تېمىلار