
دۆلەت ئىچىدىكى تۆت چوڭ CMS
* ئاپتور: ئابدۇخېلىل ئوسمان، يەكەن ناھىيىلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خادىمى،
كۆككەپتەر بىلوگى (kokkaptar.com) نىڭ قۇرغۇچىسى
CMS ئىنگلىزچە Content Management System نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، ئۇيغۇرچە «مەزمۇن باشقۇرۇش سىستېمىسى» دېگەن مەنىدە. نۆۋەتتە CMS خەۋەر، يۇمشاق دېتال، ئۇچۇر، ناخشا-مۇزىكا، كىنو، شىركەت باشقۇرۇش قاتارلىق بۆلەكلەر بىر گەۋدە قىلىنغان چوڭ تىپتىكى تور بېكەت پىروگراممىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
1. phpCMS

phpCMS يېقىندا V9 سىستېمىسىنى چىقاردى، بۇ قېتىمقى سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بېكەت توپىنى قوللاش، بۇ سىستېما دەل مۇشۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئادەمنى ئەڭ جەلپ قىلىدۇ، قاچىلاش بۇرۇنقىدىن ئاددىي. چۈنكى ھازىرقى (Beta) سىناق نۇسخىسى، ئىشلەتكەن ۋە سىناق قىلغان ۋاقىتتا بەكلا تولا BUG (سىستېما يوچۇقى) كۆرۈلىدۇ، ئاچقۇچى تەرەپمۇ توختىماستىن داۋاملىق ياماق ئېلان قىلىۋاتىدۇ، بىراق يېڭى ياماقلىرىدىن BUG تېزراق چىقىۋاتىدۇ. شۇڭا رەسمىي نۇسخىسىنىڭ چىقىشى ئادەمنى تولىمۇ تەقەززا قىلىدۇ.
ئەگەر بېكەت توپىغا ئېھتىياج چۈشمىسە، بېكەت قۇرۇش ئۈچۈن phpCMS2008 نى تاللاشقا تامامەن بولىدۇ. phpCMS2008 نىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان قېلىپلىرىدىن ئەزا، سوئال-جاۋاب، مەخسۇس تېما، مالىيە، زاكاز قىلىش، ئېلان، ئېلخەت ئوقۇش، قىسقا ئۇچۇر، پۈتۈن بېكەتتىن ئىزدەش قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق ئىقتىدارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. ئىچىدە خەۋەر، سۈرەت، چۈشۈرۈش، ئۇچۇر، مەھسۇلات قاتارلىق چوڭ مەزمۇنلۇق قېلىپلىرىمۇ بار، ئەلۋەتتە. بېكەت باشلىقلىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدۇ دەپ قارايمىز.
ئورگان تور بېكىتى: http://www.phpcms.cn
2. ئىمپېرىيە CMS

ئىمپېرىيە CMS تور بېكەت مەزمۇنىنى مۇھىم ھالقا قىلغان بىر ياخشى تور بېكەت پىروگراممىسى ھېسابلىنىدۇ، ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشرى 6.6.
ئەگەر مېنىڭ ئۇچۇر، خەۋەر مەزمۇندىكى تور بېكەت ئېچىش مەقسىتىم بولسا، ئالدىنقى تاللىشىم ئىمپېرىيە CMS بولۇشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن، ئىمپېرىيە CMS نىڭ ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان بىلەن، قېلىپ ئىقتىدارى ۋە تەڭشەش تازا قولايلىق ئەمەس، ئاز-تولا ئىزدىنىش ۋە تېخنىكا تەلەپ قىلىدۇ، بىراق ئۇنىڭلىق بىلەن بۇ پىروگراممىنى تەس دېيىشكە بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
نۆۋەتتە قۇتيار تور بېكىتى بۇ پىروگراممىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتىدۇ.
ئاخىرىقى قارىشىم: ئىمپېرىيە CMS نى ئۇنىۋېرسال تور بېكەت پىروگراممىسى قىلىشقا تازا مۇۋاپىق ئەمەس.
ئورگان تور بېكىتى: http://www.phome.net
3. php168CMS

مەن ئىلگىرى بېكەت ياساشتا php168CMS نى ئىشلىتەتتىم. چۈنكى، شۇ چاغلاردا php168CMS مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان CMS ئىدى.
يېقىندا php168CMS سىستېمىسى V تۈرىدىكى ۋە S تۈرىدىكى دەپ ئىككىگە بۆلۈندى، ئىككى تۈر مۇستەقىل شىركەتكە تەۋە بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئىلگىرىكى مۇكەممەل بېكەت سىستېمىسىنىڭ ئىسمى (齐博) چى بو CMS قا ئۆزگەرتىلدى.
php168CMS نىڭ ئىسىم ئۆزگەرتىشىگە ئەگىشىپ، بۇ سىستېما بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تاۋارلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. بۇ ئىش شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى. لېكىن، بىزدەك شەخسىي تور بېكەت باشلىقلىرىغا نىسبەتەن قانداق بولىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، (齐博) چى بو CMS نىڭ ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك. چۈنكى ئۇ مۇكەممەل بېكەت سىستېمىسى، تارماق سىستېما، يەرلىك تۇرمۇش سىستېمىسى، B2B سىستېمىسىدىن بۆلۈنۈپ چىققان. ئەگەر كارخانا تىپىدىكى بېكەت ياسىماقچى بولسىڭىز، چى بو CMS ئەڭ ياخشى تاللاش.
ئورگان تور بېكىتى: http://www.php168.net
4. DedeCMS

بىر نەچچە كۈنلۈك كۆزىتىشىمگە ئاساسلىنىپ شۇنداق دېيەلەيمەنكى، ھازىر DedeCMS نىڭ جانلىق ئەزالىرى ئەڭ كۆپ. ئۇنىڭ ئەتراپلىق، چاققان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى CMS ساھەسىدە گەۋدىلىنىپ چىقتى. بۇ قېتىم بېكەت ياسىغاندا DedeCMS نى تاللىشىم مۇمكىن.
بولۇپمۇ، شىنجاڭ كومپيۇتېر ھـەۋەسكارلىرى بېكىتى ئىشلەتكەن «بىلەرمەن» سۇپىسى ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدىكى يېڭىلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىلىم ھاجەتمەنلىرىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلدى،
بىراق، ھەر قانچە كۈچلۈك سىستېمىنىڭمۇ ئاجىز تەرەپلىرى بولىدۇ. بىر نەچچە قېتىملىق سىناق قىلىش ئارقىلىق شۇنى ھېس قىلدىمكى، DedeCMS خەتكۈچ جەھەتتە يەنىلا بىر قەدەر ئاجىز، Utf-8 لىك كودلانغان سىستېما بولغىنى بىلەن ئۇيغۇرچە ئىزدەش ئىقتىدارىدا مەسىلە بار بولغاچقا (تەھرىردىن: بۇ مەسىلە شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تەرىپىدىن ھەل قىلىندى)، بىر قىسىم پىروگرامما چۈشەنمەيدىغان بېكەت باشلىقلىرىغا نىسبەتەن تەس بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ تولۇقلاشقان ئۇچۇر بېتى ئاساسىي جەھەتتىن ئەھمىيەتسىز، باشقا ئىقتىدارلىرى ناھايىتى ياخشى دەپ قارايمەن.
ئەڭ يېڭى نەشىرى 5.7
ئورگان تور بېكىتى: http://www.dedecms.com
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى تور بېكىتى: http://www.xjcfan.com
قىسقىسى، بېكەت باشلىقلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرىدىغان %100 لىك CMS يوق. ئېھتىياجىڭىز CMS، بىلوگ، مۇنبەر قاتارلىق باشقا سىستېمىلارنى رەتلەش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭا بېكەت باشلىقلىرىنىڭ ئازراق كۈچ سەرپ قىلىپ پىروگرامما جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىشىنى، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ژۇرنىلىمىز («كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى)نىڭ 2011-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ بىزنىڭ رۇخسىتىمىزنى ئالماي تۇرۇپ، باشقا تور بېكەت، مۇنازىرە مۇنبەرلىرى، بلوگلاردا كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلار بايقالسا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تەرتىپلىرى بويىچە قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


























