قەدەم >> ئەزا مەركىزى | تېما يوللاڭ | يۇمشاق دېتال يوللاڭ | سەھىپىلەر | ياردەم >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى | ئەزا مەركىزى قوللانمىسى | بېكەت خەرىتىسى | RSS

تور نامى، بوشلۇق تور سودىسى تور ساۋاتلىرى پروگرامما بىلىملىرى كومپيۇتېر ساۋاتلىرى ئۆگىتىش دېتاللىرى باش بەت
بىلەرمەن تەۋسىيەلىك بېكەتلەر تور تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بىلىملىرى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال بازىرى بېكەت خەۋەرلىرى
ئەقلىي يانفون WordPress DedeCMS ماقالە-مۇلاھىزىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بازىرى خەۋەرلىرى IT

باش بەت

تورنامى ھەققىدە پاراڭ (1) بۇ يىل تور نامى بازىرى قىزىپ كەتتى

ۋاقتى: 14-04-2011 | مەنبە: www.xjcfan.com | ئاپتورى: Nokiafun | تەھرىر: NokiaFun | كۆرۈلۈشى: قېتىم | ئىنكاس: 6 پارچە

  • تورنامى ھەققىدە پاراڭ (1)

     

     

     
    1. بۇ يىل تور نامى بازىرى قىزىپ كەتتى

    2. خەلىقئارادا ئۇيغۇرچە تور ناملىرى

    3. تور ناملىرىمىزنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى

    4. تور ناملىرىمىزدىكى خاتالىقلار ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى

    5. تور ناملىرى بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلامدۇ ياكى بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلامدۇق؟

    6 خاتىمە

    1. بۇ يىل تور نامى بازىرى قىزىپ كەتتى

    بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ com ۋە net تور نامى بازىرى قىزىپ كەتتى، مەيلى خەلقئارادا بولسۇن ياكى دۆلىتىمىزدە بولسۇن يۇقىرى سوممىلىق تور نامى سودىلىرى قىزىپ كەتتى.
    سودا پۈتۈشۈش سوممىسى يۇقىرى بولغان تور ناملىرى ئاساسەن سودا ۋە ئىنگىلىز تىلىغا ئائىت تور ناملىرى ۋە ئىستىراخۇانىيەگە ئائىت تور ناملىرى بۇلۇپ، بىر قىسىم شىركەت ناملىرى ۋە بىر ئىككى ھەرپ ياكى ساندىن تەركىپ تاپقان تور ناملىرىمۇ يۇقىرى باھادا سېتىلغان.
    يېقىندىن بىرى  سودا سوممىسى يۇقىرى بولغان تورناملىرىغا كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى:
     businessenglish.com   سېتىلغان باھاسى: 30مىڭ ياۋرۇ. خەلق پۇلىغا 280مىڭ يۈەن بولغان بۇلۇپ، بۇ تور نامى 1997-يىلى تىزىملىتىلغان.
     sinan.com تور نامى شىنلاڭ تور بېكىتىنىڭ تور نامى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بۇلۇپ، 1مىلىيۇن يۈەن خەلق پۇلىغا سېتىلغان. بۇ تور نامى 2004-يىلى تىزىملىتىلغان بۇلۇپ،  تىزىملاتقان كىشى دۆلىتىمىز پۇقراسى ئىكەن.
    t.cn  تور نامى شىنلاڭ تور بېكىتى مىكروبىلوگىغا 5مىليون خەلق پۇلىغا سېتىلغان. بۇ تور نامى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بىر نەچچە قېتىملىق يۇقىرى باھادا ئېلىپ سېتىلغان بۇلۇپ، ئەڭ ئاخىردا شىنلاڭ تور بېكىتىگە سېتىلغان.
    ئۆتكەن يىللىرى sex.com تور نامى 130مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىلغان بۇلۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى تور نامى رېكورتىنى بۇزغان ئىدى.
    ئۆتكەن يىلى 雨林木风 تور بېكىتى  116.com  تور نامىنى بىر مىليون 800مىڭ يۈەنگە سېتىلغان ئىدى.
    CarInsurance.com تور نامى يەنى مەنىسى : ماشىنا سۇغۇرتىسى  بۇلۇپ، بۇ تور نامىنى ئامېرىكا تور شىركىتى 339مىليون خەلق پۇلىغا سېتىۋالغان. بۇ شىركەت 2009-يىلى insure.com  تور نامىنى 160مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋەتكەن بۇلۇپ ئارقىدىنلا Insurance.com تور نامىنى   36مىلىيۇن 500مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق يۇقىرى باھا بىلەن سېتىۋالغان.
     11- ئايدا شىركەت يەنە مەبلەغ چىقىرىپ CarInsurance.com نى 339مىليون خەلق پۇلىغا سېتىۋالغان ئىدى.
    HAO123.CO تور نامى 110مىڭ يۈەنگە سېتىلغان .
    Violet.com تور نامى  420مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا سېتىلغان. بۇ تور نامى 1995-يىلى 8-ئايدا تىزىملىتىلغان ئىكەن.
    رەڭنى ئىپادىلەيدىغان Color.com تور نامى 2مىليون 380 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا سېتىلغان.
    رەڭنى ئىپادىلەيدىغان باشقا نامىدىكى تور ناملىرىمۇ نۆۋەتتە يۇقىرى باھاغا سېتىلىش ئېھتىمالى بولغان تور ناملىرى بولالايدىكەن.
    تور ناملىرىنىڭ بازار ئەھۋالى مۇقىم بولمايدۇ ھەمدە بەزىدە كۈتكەن يىرىمىزدىنمۇ ھەم چىقمايدۇ. تور نامى بازىرىدا بەزىلەر پۇل تېپىش ئۈچۈن يىغىپ ساقلىسا بەزىلەر قىزىقىپ يەنە بەزىلەر بولسا مەنىسىنى يەنە بەزىلەر بولسا شۇ نامدا مەخسۇس تور بىكەت تۈزۈش ئۈچۈن تىزىملىتىدۇ.  تەلىيى ئوڭدىن كەلسە بىرەر شەخىس ياكى شىركەت ياكى دۆلەت شۇ تور نامىغا ئىھتىياجى چۈشكەن ۋاقىتتا " كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ " دىمىسىڭىزمۇ ئىشىك سىزگە قاراپ كەڭ ئېچىۋىتىلىدۇ.

    بىز ئەڭ ئاۋال ئەڭ يۇقىرى باھادا ئېلىپ سېتىلغان تور ناملىرىنىڭ تىزىملىكىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى.
    1، تور نامىCarInsurance.com  سودا بولغان ۋاقىت: 2010-يىلى .  پۈتۈشۈش سوممىسى:49 مىليون يەتتەيۈزمىڭ ئامېرىكا دوللىرى 
    2) تور نامى:  Insurance.com   سودا بولغان ۋاقىت: 2010-يىلى .  پۈتۈشۈش سوممىسى:  36مىليون 500مىڭ ئامېرىكا دوللىرى
    3) تور نامى: insure.com          سودا بولغان ۋاقىت:  2010-يىلى . پۈتۈشۈش سوممىسى: 16 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
    4) تور نامى: sex.com              سودا بولغان ۋاقىت: 2008-يىلى.  پۈتۈشۈش سوممىسى:  13مىليون ئامېرىكا دوللىرى
    5) تور نامى:  fund.com           سودا بولغان ۋاقىت: 2008-يىلى . پۈتۈشۈش سوممىسى: 9مىليون 999مىڭ ڧونىستىرلىڭ.
    6) تور نامى: porn.com             سودا بولغان ۋاقىت:   2007-يىلى. پۈتۈشۈش سوممىسى: 9 مىليون 500مىڭ ئامېرىكا دوللىرى
    7) تورنامى: business.com      سودا بولغان ۋاقىت: 1999-يىلى.  پۈتۈشۈش سوممىسى:  7مىليون 500مىڭ ئامېرىكا دوللىرى
    8) تور نامى: diamond.com      سودا بولغان ۋاقىت: 2006-يىلى. پۈتۈشۈش سوممىسى:  7مىليون 500مىڭ ئامېرىكا دوللىرى
    9) تورنامى: beer.com             سودا بولغان ۋاقىت:  2004-يىلى.   پۈتۈشۈش سوممىسى:  7مىليون ئامېرىكا دوللىرى
    10) تورنامى: israel.com          سودا بولغان ۋاقىت: 2008-يىلى.   پۈتۈشۈش سوممىسى:  5مىليون 880مىڭ ئامېرىكا دوللىرى


    يۇقارقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تورنامغا مەبلەغ سېلىشمۇ باي بولۇشنىڭ بىر يولى. بىراق، بازارلىق تور نام سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازارنى ۋە ئېھتىياجنى ئوبدان ئانالىز قىلىش كېرەك.
    ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تور نامغا مەبلەغ سېلىش ھازىرچە بالدۇر. خەلقئارالىق تور ناملىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا پۇرسەت كۆپ. دۆلەت ئىچىدىمۇ تور ناملىرىنىڭ بازىرى ياخشى.
    مەسىلە پەقەت پۇرسەت ۋە بازار، ئېھتىياجنى توغرا ئانالىز قىلىپ تور نامنى تاللاش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغان «ئۇيغۇرچە تور ناملىرى ۋە ئۇنىڭ بازار ئەھۋالى» توغرىسىدىكى يازمىمىزغا دىققەت قىلىڭ.

     




    ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.

    ياخشىكەن
    (18)
    94.7%
    ناچاركەن
    (1)
    5.3%
    ------分隔线----------------------------

    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    سەھىپىلەر
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    NokiaFun تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: Xjcfan خادىمى تىزىملاتقان ۋاقتى: 06:01 01-01-1970 كىرگەن ۋاقتى: 19:01 11-01-2012
    مەن زىيارەت قىلغان تېمىلار

    تەۋسىيە تېمىلار