سۆز بېشى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى نۇرقۇت تورىدا «ئۇيغۇرلاردا مىكروبلوگ» نامىدا يازما يوللانغان ئىدى. مەنمۇ بۇ ھەقتە بىر يازما تەييارلاش ئويىدا بولۇۋاتقانلىقىم ئۈچۈن، «ئۇيغۇرلاردا مىكروبلوگ» يازمىسىغا ئورۇن ئېلىپ قويۇش بىلەن چەكلەندىم. سىز كۆرۈۋاتقان بۇ يازمىنى «ئۇيغۇرلاردا مىكروبلوگ» يازمىسىغا ئىنكاس دەپ چۈشەنسەكمۇ، مۇستەقىل يازما دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ.
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 6- ۋە 12-كۈنلىرى ئىككى قېتىم زىيارەت ئويۇشتۇرۇپ، مىكروبلوگقا قىزىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (1-قېتىملىق زىيارەت خاتىرىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ، 2-قېتىملىق زىيارەت خاتىرىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ )
كەمىنە قىسمەت 1-قېتىملىك زىيارەتكە قاتناشمىغان، بۇ ھەقتىكى ئىچكى ئەھۋاللاردىن ھەم خەۋەرسىزمەن. شۇ سەۋەب بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلمايمەن. پەقەت ئۆزۈم قاتناشقان 2-قېتىملىق زىيارەت ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى «پەن ۋە مائارىپ» پروگراممىسىدىن زىيارەت ھەققىدە ئۇچۇر كەلگەندە، زىيارەتنىڭ ئىنتېرنېت ھەققىدە بولىدىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. 12-چىسلا (زىيارەت كۈنى) بۇ زىيارەت تۇيۇقسىز «مىكروبلوگ» زىيارىتىگە ئۆزگىرىپ قالدى. مۇخبىرنىڭ دېيىشىچە، «بۈگۈنكى سۆھبەت» پروگراممىسىنىڭ مىكروبلوگ ھەققىدە فىلىم ئىشلىگەنلىكى ئۇلارنى زىيارەتنى ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بوپتۇ.
12-چىسلا ئىشخانىغا كەلسەم، XJTV2 نىڭ مۇخبىرى ۋە ئوپىراتورى ئالىمكام (ئالىم ئەھەد) بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشقان ئىكەن. 10-20 مىنۇتتىن كېيىن زىيارەت نىشانىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم. ئالىمكام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئالىمكام مىكروبلوگنىڭ تارىخى، بۈگۈنى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىدىغان، كەمىنە مىكروبلوگ ھەققىدە دەرس سۆزلەيدىغان بولۇپ كېلىشتۇق.
يېرىم سائەتچە تەييارلىق قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆزگەرگەن زىيارەت باشلىنىپ كەتتى.
ئاپپارات كەمىنىگە توغرىلاندى.
زىيارەت داۋامىدا مىكروبلوگ ھەققىدىكى قىسمەن چۈشەنچە، ئۇيغۇرچە مىكروبلوگ سۇپىسى، يەككە كىشىلىك مىكروبلوگ قۇرۇشتىكى تېخنىكا شەرتلىرى، ئىقتىسادىي ئامىللار، نەزىرىدىمكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مىكروبلوگ ئۇقۇمى، خەنزۇچە مىكروبلوگ سۇپىسى، خەنزۇچە مىكروبلوگ ئىلتىماس قىلىش، ئىشلىتىش ھەققىدە خېلى تەپسىلىي قىلىپ سۆزلىگەن بولدۇم.
ئارقىدىن ئالىمكام رايونىمىزدىكى نۇپۇزلۇق كومپيۇتېر كىشىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىكروبلوگنىڭ تارىخى، بۈگۈنى ھەققىدە يېتەرلىك چۈشەنچە بەردى.
ئالىمكام زىيارەت قىلىنىشتىن سەل بۇرۇن يېتىپ كەلگەن تەدبىركار ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجى مىكروبلوگگېر (تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچە يەككە كىشىلىك مىكروبلوگ ئىشلەتكۈچى) بولۇش سۈپىتىدە، ئۆزىنىڭ مىكروبلوگ ھاياتىدىن قىسقىچە خۇلاسە چىقاردى.
ئاندىن سۈبھى ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى (ئىسمى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپتۇ) ئۆزىنىڭ مىكروبلوگ قۇرغانلىقى ھەققىدە سۆزلىدى.
شۇنداق قىلىپ، سىلەر كۆرگەن 10 مىنۇتلۇق زىيارەت خاتىرىسى ئۈچۈن يېرىم كۈن سۆزلىدۇق.
زىيارەت خاتىرىسىنى كۆرگەندىن كېيىنكى ئويلىرىم
كەمىنە قىسمەتنىڭ سۆزلىگەن دەرسى (دەرس دېيىشكە توغرا كەلسە) ناھايىتى زور دەرىجىدە قىسقارتىلغان. بۇ يەردە زور دەرىجىدە دېيىشىمدىكى سەۋەب، كەمىنە سۆزلىگەندە سوئالغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا كۆرۈنۈش قىلىنغان تور بېكەت، مۇنبەر، بلوگ، مىكروبلوگلار ساقلاپ قېلىنغان-يۇ، ئۇيغۇرچە مىكروبلوگ سۇپىسى ۋە يەككە كىشىلىك مىكروبلوگ قۇرۇشتىكى تېخنىكا شەرتلىرى، ئىقتىسادىي ئامىللار، نەزىرىدىمكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مىكروبلوگ ئۇقۇمى ھەققىدىكى سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى تولۇق چىقىرىۋېتىلگەن. فىلىم پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىتىلىپ بولغاندا، «نېمە قىلغىنىڭلار بۇ؟» دېيىشنىڭ ئورنى بولمىدى. لېكىن، مېنى تونۇيدىغان ۋەياكى ئىسمىمنى ئاڭلىغان بۇرادەرلەرنىڭ مەندىن ئاغرىنىدىغانلىقىنى سېزىپ تۇردۇم. چۈنكى، مەن XJTV غا مىكروبلوگ ھەققىدە سۆزلەش ئۈچۈن چىقىپ، ئۇيغۇرچە مىكروبلوگ ھەققىدە ھېچنېمە سۆزلىمىگەن ھېسابلاندىم.
ئالىمكام ۋە تەدبىركارنىڭ زىيارىتى ئاساسەن تولۇق ئېلىنغان.
سۈبھى ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى بلوگ ۋە مىكروبلوگ ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ زىيارەت قىلىنغان. بۇ ئادۋوكاتنى ئالىمكام ۋە گۇرۇپپىمىزدىكى ھېچقايسىمىز تونۇمايدىكەنمىز. ئەھۋالدىن قارىغاندا، مۇخبىر ياكى ئوپىراتورنىڭ يېقىنى بولۇشى كېرەك.
ئىشلار مانا شۇنداق بولدى. ئەمدى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە قىلاي.
1. قىسمەتنىڭ زىيارەت سۆزىنىڭ قىسقارتىلىشى بەزى ئىشلارنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. يەنى رايونىمىزدا ھازىرچە ئۇيغۇرچە مىكروبلوگ سۇپىسى قۇرۇشنى ھۆكۈمەت بەك قوللاپ كەتمەيدۇ. كەمىنە 7.5 ۋەقەسىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يۇقىرىنىڭ بۇ قارىشىنى چۈشىنىمەن. جۇڭگودەك كەڭرى زېمىننى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇقىم تۇتۇش، دۆلەتنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە ئىناۋىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تىنىمسىز تىرىشىۋاتقان ھۆكۈمىتىمىز ۋە رەھبەرلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى غېمى ھەقىقەتەن ئاز بولمىسا كېرەك.
ئۇيغۇرلاردا ئۇيغۇرچە مىكروبلوگ سۇپىسى قۇرۇشقا كېتەرلىك تېخنىكا ۋە ئىقتىساد بار. كەم بولۇۋاتقىنى-ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش.
تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى تور بېكەتلەر مىكروبلوگ سۇپىسىنى يولغا قويۇش جەھەتتە نىسبەتەن ئەۋزەللىككە ئىگە. لېكىن، يازمىلارنى تەستىقلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇشى تۇرغانلا گەپ. بۇ چاغدا مىكروبلوگ ئۆزىنىڭ (تېز، ئىخچام دېگەندەك) ئەسلى مەنىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
2. ئۇيغۇربەگ، بىرزات، تەدبىركار، قىسمەت قاتارلىق بلوگگېرلارنىڭ «مىكروبلوگ» نامىدا قۇرغىنى ھەقىقەتەن مىكروبلوگ ئەمەس. ئۇلار پەقەت شۇ شەخسىلەرنىڭ كۈندىلىك ئىش-پائالىيەتلىرىدىن ئۇچۇر بېرىپ تۇرىدىغان بلوگ قوشۇمچىسى.
ئۇنداقتا ھەقىقىي مىكروبلوگ قانداق بولىدۇ؟ كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرى 80- يىللاردا ئېيتقاندەك، كومپيۇتېر دۇنيا ئارا تورلاشقاندىلا، ئاندىن ئۇنى ھەقىقىي كومپيۇتېر دېيىشكە بولىدۇ. بۇنى مىكروبلوگقا تەدبىقلىساق، مىكروبلوگ مىكروبلوگ سۇپىسى ئارقىلىق باشقا مىكروبلوگلار ئارا ھەمقەدەم بولغاندا، ئاندىن ھەقىقىي مىكروبلوگقا ئايلىنىدۇ.
3. يېقىندىن بۇيان مەن بىر نەچچە بلوگگېرغا Phpsay نى قاچىلاپ بەردىم. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىسقا ئويلىرىنى يوللاپ تۇرۇشتى. زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن Phpsay نىڭ ھەرپ چەكلىمىسى ئەسلىدىكى 140 ھەرپ (خەت) تىن 500 ھەرپكە ئۇزارتىلغان ئىدى. بەزى بلوگگېرلار بۇنى قىسقا بولۇپ قاپتۇ دېيىشكەنمۇ بولدى. بۇنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. مەسىلە شۇ يەردىكى، بۇنداق قىلغاندا مىكروبلوگ بىلەن بلوگنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى نەدە قالىدۇ؟ دېمەك، بلوگ بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەنلەرمۇ مىكروبلوگ ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس.
4. ئۇيغۇرلاردا مىكروبلوگ سۇپىسى قۇرۇش مۇمكىنمۇ؟ بىر-ئىككى يىلغىچە مۇمكىن ئەمەس.
يۇقىرىدىكى سۆزلىرىمنى ئوقۇغان كىشىگە بۇ سۆزۈم ئورۇنسىز تۇيۇلماس. مۇشۇ ۋەزىيەتتە ھۆكۈمەت تەرەپكە ماسلىشىپ، ئومۇمىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، بۇ ئىشلارنى مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئويلىشىش مۇۋاپىقتەك تۇرىدۇ. ئاڭغىچە تېخنىكا ۋە باشقا ئامىللارغا كۈچىگەچ تۇرۇش كېرەك، ئەلۋەتتە.
ئىلاۋە: يۇقىرىدىكىلەر كۆز ئالدىمىزدىكى ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىمدۇر. بۇ مېنىڭ مەڭگۈ بۇ قاراشتا تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرمەيدۇ. بۈگۈنكى ئىش ئەتە ئۆتمۈشكە ئايلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، بۇ قاراشلىرىمنىڭ تېزراق ئۆتمۈشكە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ، جۈملىدىن بلوگ ۋە مىكروبلوگ ئىشلىرىنىڭ نەچچە يىل ئىلگىرىكى گۈللەپ ياشنىغان كۈنلىرىنى تېپىۋالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


























