دۇنيا يۇمشاق دىتاللار ئەركىنلىك كۈنى
دۇنيا يۇمشاق دىتاللار ئەركىنلىك كۈنى( 世界软件自由日 Software Freedom Day,SFD) خەلىقئارالىق بايرام كۈنىدۇر.
بۇ بايرام ھەر يىلى 9-ئاينىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسىنىڭ يەكشەنبە كۈنى.
بۇ كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، ئۇچۇق كودلۇق ۋە ئۇچۇق مەنبەلىك يۇمشاق دىتاللار ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى، تەشكىلاتلىرى، ۋە ئورۇنلىرى، بىكەتلىرى پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ بۇ بايرام كۈنىنى تەبرىكلىشىدۇ. بۇ بايرام نەشىر ھۇقۇقى تەلەپ قىلىنمايدىغان، ھەقسىز ئېچىلغان ۋە ھەقسىز تارقىتىلغان ۋە تارقىلىدىغان پىروگىراممىلارنى قوللاش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئېلان قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ قىزىيدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا (FOSS) يەنى ئۇچۇق مەنبەلىك يۇمشاق دىتاللار كۈنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئۇچۇق مەنبەلىك ياكى ئەركىن يۇمشاق دىتاللار دىگەننى تورداشلار چۈشۈنىشى مۇمكىن.نەشىر ھۇقۇقى تەلەپ قىلىنمايدىغان، OSI نىڭ كىلىشىمىگە بوي سۇنغان پىروگىراممىلارغا قارىتىلىدۇ.
بۇ بايرامنىڭ دۆلىتىمىزدە تەبرىكلىنىپ كىلىۋاتقىنىغا ئاز بولمىدى. ھەر يىلى 9-ئاي 3-ھەپتىسىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ھەر قايسى شەھەرلەردە ، پايتەخىتتە بۇ بايرام قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشىدۇ. كاتتا پىروگىراممىلاردىن تارتىپ ھەۋەسكارلارغىچە بىر يەرگە يىغىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.
بۇ بايرامنىڭ شىنجاڭدىكى ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق.... ھازىرچە بۇ بايرامنى تەبرىكلەش ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئاڭلاپ باقماپتىمىز. يېقىن كەلگۈسىدە بىزنىڭ ئارىمىزدىن ئوغرى نەشىردىكى پىروگىرامما ۋە سىستىمىلارنى ئىشىلتىشنى خالىمايدىغان، نەشىر ھۇقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئىشلەتكۈچىلەر، ھەۋەسكارلار، ئۇچۇق مەنبەلىك، ھەقسىز يۇمشاق دىتال يازىدىغان پىروگىراممىرلىرىمىز كۈپەيگەندە بۇ بايرامنى بىزمۇ ئالقىشلاش ، تەبرىكلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بۇلارمىز بەلكىم.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


























