腾讯 شىركىتى 60مىلىيۇن دوللارلىق باھا بىلەن 康盛创想 نى يەنى discuz نى سېتىۋالدى. شۇنداقلا discuz قاتارلىق باشقا مەسھۇلاتلارنىڭ بارلىق ھۇقۇقىغا ئىرىشتى.
بىر نەچچە ئاي بۇرۇن بۇ خەۋەر تارقالدى. شۇ ۋاقىتلاردا 康盛创想 ئىشخانىسى بۇنداق ئىشنىڭ مەۋجۈت ئەمەسلىكىنى ئېيىتقانىدى. بىراق ھازىر 腾讯 شىركىتىگە سېتىلغانلىقى ھەقىقەتكە ئايلاندى.
腾讯 شىركىتىنىڭ بۇنى سېىتىۋالغاندىن كىيىنكى پىلانلىرىنى بىز تۈۋەندىكىدەك مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى:
1. 腾讯 نىڭ QQ نۇمىرى ئارقىلىق discuz مۇنازىرە مۇنبىرى ياكى 康盛创想 ئىشلىگەن بىر قاتار مەسھۇلاتلارغا تىزىملاتمايلا كىرىشكە بۇلىدۇ. بۇنداق بولغاندا discuz بىلەن QQ ئابۇنىتلىرى بىرلەشتۈرۋىتىلىدۇ. بۇ ھالدا 腾讯 نىڭ ئابۇنىتلىرى نەچچە ھەسسسە قاتلىنىدۇ.
2. 腾讯 ھازىر زور كۈچ بىلەن ئىزدەش ماتورىنى ئېچىۋاتىدۇ. ئىزدەش،ئېلان ھەمكارلىقى ئېلانلىرى كودى discuz غا قۇشۇۋىتىلسە تور بىكەت باشلىقلىرىغا ئىقتىسادىي پايدا ئېلىپ كىلىدۇ.شۇنداقلا ئېلان ھەمكارلىق مۇلازىمىتىگە زور پايدا ئېلىپ كىلىدۇ.
3. 腾讯拍拍 يەنى تېڭشۈن پەيپەي سودا تور بىكىتى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلىنىۋاتىدۇ. ئەگەر يۇقارقىدەك بولسا سودا بىكىتىگە كىرىدىغان ئەزالار ھەسسىلەپ كۈپىيىدۇ ۋە discuz تەدرىجى 拍拍 نىڭ ئابۇنىت توپلايدىغان ۋە جەلىپ قىلىدىغان قۇرالغا ئايلىنىدۇ. تور بىكەت باشلىقلىرى سودا پۈتۈشكەندىن كيىنكى پايدىغا ئىرىشىدۇ. 拍拍 مۇ زور دەرىجىدىكى ئېقىم زىيارەت مىقدارىغا ئىرىشىدۇ.
4. 腾讯 تېخىمۇ كۈچلۈك چەمبىرەك ھاسىل قىلىپ تېخىمۇكۆپ ئابۇنىتلارنى جەلىپ قىلالايدۇ ۋە تۇتۇپ تۇرالايدۇ، ھەمدە رىقابەت كۈچىنىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستۈرەلەيدۇ.
5. discuz مۇنبىرى ۋە بىلوگ لار ئوخشاشلا ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كىتىدۇ. 腾讯 بىلوگ سۇپىسى discuz غا قارىتا سىستىما جەھەتتىن قوللاشنى ئېچىۋىتىدۇ. 腾讯 بۇ ئارقىلىق ئابۇنىتلارنى تېخىمۇ كۈپەيتەلەيدۇ.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا 腾讯 نىڭ 康盛创想 گۇرۇپپىسىنى سېتىۋېلىشى ئادەتتىكى ئابۇنىتلار ۋە تور بىكەت باشلىقلىرىغا نىسبەتەن ھېچقانداق زىيىنى يوق. بىكەت باشلىقلىرى تېخىمۇ كۆپ كىرىم مەنبەسىگە ئىرىشىدۇ. تورداشلار QQنۇمىرى ئارقىلىقلا مۇنبەرلەرگە ۋە بىلوگلارغا سۆز قالدۇرالايدۇ ۋە تېما يوللىيالايدۇ. بۇ بىر ياخشى ئىش.
腾讯 شىركىتى 康盛创想 سېتىۋالغاندىن كىيىنكى بۇ ئىشلاردىن باشقا بىز شىنلاڭ تورىنىڭ wordpress قاتارلىق بىر قىسىم سىستىمىلارغا قارىتا ئەزالارنى قوللاشنى ئېچىۋەتكەنلىكىگە ئۇنىڭدىن باشقا ئالىبابا شىركىتىنىڭ phpwind پىروگىراممىسىنىڭ بارلىق ھۇقۇقىنى سېتىۋالغانلىقىغىمۇ زور نەزەر ئاغدۇرشىمىز كىرەك.
شىنلاڭ تورىنىڭ 新浪通行证 ئارقلىق wordpress كە بىۋاستە كىرىشكە بۇلىدۇ. بۇ ئارقىلىق 新浪 ئۈزىنىڭ ئەزالار توپىنى كىڭەيتەلەيدۇ. يەنە كىلىپ سىنا تور مۇلازىمەتلىرى ھەرخىل ئىنتىرنىت مەسھۇلاتلىرىغا قارىتا ئەزالىرىنى قوللاشنى ئېچىۋىتىدۇ. مەسىلەن : مۇنبەر، شەخسىي بىلوگلار..قاتارلىقلاردا ئەركىن مەشغۇلات قىلالايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالىبابا تورى بۇلاردىن بۇرۇنراق PHPWIND نى سېتىۋالغان ئىدى. تەھلىلىمىزگە قارىغاندا ئالىبابا تاۋباۋنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەزاغا ئىرىشىشى ئۈچۈن شارائىت يارتىۋاتىدۇ.شۇنداقلا ئالىبابا بىلەن سۇگۇ نىڭ ھەمكارلىقىمۇ يەنىلا شۇ ئېقىم مىقدارىغا ئىرىشىش ئۈچۈن.
نەچچە كۈن ئىلگىرى ئالىبابا يەنە جاھاننامە ئېچىش خادىملىرىنى قۇبۇل قىلماقچى بولغان خەۋەرلەر تارقالدى. تەھلىلگە ئاساسلانغاندا تاۋباۋ تېخىمۇكۆپ ئېقىم مىقدارىغا مۇھتاج. ئالىبابا بىلەن سوگۇ ھەمكارلاشقاندىن كيىن سوگۇ يەنە ئىزدەش ماتورىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۇلىمۇ ئىھتىياجلىق.
ئۇنداقتا ئالىماما نىڭ ئېلان مۇلازىمىتى بىلەن سوگۇ نىڭ ئېلان مۇلازىمتى بىرلىشىش ئىھتىماللىقىنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.
phpwind نىڭ ئەزالىرىغا سوگۇ نىڭ ئېلان مۇلازىمىتى ئېلان كودى قۇشۇۋىتىلەرمۇ؟
بۇلار قارىماققا مۇقىملىشىپ قالغان جاۋابتەكلا قىلىدۇ، گوگىل جۇڭگۇدىن چىكىنىپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئىنتىرنىت تورى دۇنياسى كەسكىنلىشىپ كەتتى.چوڭ تور بىكەتلەرنىڭ كىچىك تور بىكەتلەرنى سېتىۋىلىشى، ئالىبابا، تېڭشۈن،شىنلاڭ ، ئەزالارنى قوللاشنى ئېچىۋىتىش ھەمكارلىقلىرى بۇ كەسكىنلىكنى تېخىمۇ قىزىتىۋەتتى...
بۇ يۇقارقى ئىشلار بەيدۇ غا زور بىسىم ئېلىپ كەلدى. بەيدۇ ئالدىنقى قىتىم بەيدۇ ھەمكارلىق يىغىنىدا 300 نەچچە مىڭ ئوتتۇرا، كىچىك تور بىكەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. تەھلىلىمىزچە كۆپ قىسىم ئابۇنىتلار discuz بىلەن phpwind نى ئىشىلتىدۇ. ئەگەر تېڭشۈن بىلەن ئالىبابا ئېلان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتسە بەيدۇنىڭ مەنپەتى تەبئىي ھالدا ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئۇ ھالدا بەيدۇ ئۈزىنىڭ جەڭ سىتىراتىگىيىسىنى قايتا تۈزۈشكە مەجبۇر بۇلىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


























