قەدەم >> ئەزا مەركىزى | تېما يوللاڭ | يۇمشاق دېتال يوللاڭ | سەھىپىلەر | ياردەم >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى | ئەزا مەركىزى قوللانمىسى | بېكەت خەرىتىسى | RSS

تور نامى، بوشلۇق تور سودىسى تور ساۋاتلىرى پروگرامما بىلىملىرى كومپيۇتېر ساۋاتلىرى ئۆگىتىش دېتاللىرى باش بەت
بىلەرمەن تەۋسىيەلىك بېكەتلەر تور تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بىلىملىرى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال بازىرى بېكەت خەۋەرلىرى
ئەقلىي يانفون WordPress DedeCMS ماقالە-مۇلاھىزىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بازىرى خەۋەرلىرى IT

باش بەت

سېستىما بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا، يەنىلا ئۆزىمىزگە تايانغىنىمى

ۋاقتى: 01-09-2010 | مەنبە: XJCFAN.com | ئاپتورى: تەدبىركار | تەھرىر: قىسمەت | كۆرۈلۈشى: قېتىم | ئىنكاس: 1 پارچە

  •  
     

     

    يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، كومپيۇتېر ۋىرۇسى تازىلاش ۋە سېستىما بىخەتەرلىكىنى ئاسراش ھەققىدە نۇرغۇن يېڭى يۇمشاق دېتاللار، ۋىرۇسخورلار ۋە مۇناسىۋەتلىك تور بېكەتلەر بارلىققا كەلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خاراكتېرى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، كومپيۇتېرنى زىيانلىق ئامىللارنىڭ تەھدىدىن ساقلاش بۇلارنىڭ ئاساسلىق بۇرچى ئىدى. گەرچە تاللاش پۇرسىتى كۆپەيگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ يەنە يېڭى بىر مەسىلىنى ئېلىپ كەلدى. يەنى دىققەت قىلىدىغان بولساق، ھەر كۈنى تور بېكەتلەردە، مۇنبەرلەردە، QQ توپلىرىدا ئەڭ كۆپ سورىلىدىغان سوئال: زادى قايسى ۋىرۇسخور ئەڭ ياخشى؟ دېگەن سوئال ئىدى…

     

    مەن تەۋسىيە قىلغان ۋىرۇسخور nod32
    بەلكىم تەدبىركارنىڭ ئىخلاسمەن كۆرۈرمەنلىرىنىڭ يادىدا بولسا كېرەك. ئىلگىرى مەن كۆپچىلىككە nod32 ۋىرۇسخورىنى تەۋسىيە قىلىپ ئۆتكەن ئىدىم، سەۋەبى بۇ ۋىرۇسخور ئالدى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەنگەن (360 تور بېكىتى ھەقسىز تەمىنلىگەن نۇسخىسى)، ئاندىن قالسا سېستىما بايلىقىنى ئىشلىتىشى ئىنتايىن ئاز، ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك ۋە مۇقىم بولغانلىقىدا ئىدى. شۇ سەۋەپتىن بۇ ۋىرۇسخورنى تا ھازىرغىچە ياقتۇرۇپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن. ناۋادا كۆپچىلىك بىرەر ۋىرۇسخورنى تەۋسىيە قىلىشنى تەلەپ قىلسا، مەن يەنىلا ئىككىلەنمەي nod32 نى تەۋسىيە قىلىمەن.

     

    ئۇنداقتا nod32 دىن باشقا ۋىرۇسخورلار ياخشى ئەمەسمۇ؟
    ياق. ئەلۋەتتە ھازىر تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز سىلجىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئىلغار ۋىرۇسخورلار ۋە سېستىما بىخەتەرلىكىنى قوغداش قوراللىرى مەيدانغا چىقتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا چۇشلۇق تېخنىكا ئالاھىدىلىكى ۋە خىزمەت ئۈنۈمى بار. بەزى ۋىرۇسخورلارنىڭ ۋىرۇس تازىلاش ئىقتىدارى ئەشەددى كۈچلۈك. ھەتتا nod32 ئۆلتۈرەلمىگەن ۋىرۇسلارنىمۇ تازىلىيالايدۇ، بەزى ۋىرۇسخورلارنىڭ قوغدىنىش ئىقتىدارى ياخشى، سېستىمىغا ھەرقانداق ۋىرۇسنى يېقىن يولاتمايدۇ، يەنە بەزى ۋىرۇسخورلار بولسا ھەقسىز تەمىنلەنگەن، سىز ھېچقانداق پۇل تۆلىمەيلا ھەقسىز ئىشلىتىش ۋە دەرىجىسىنى كۆتۈرۈش مەقسىدىگە يېتەلەيسىز. يەنى ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىكى بار. ئەلۋەتتە سىز ئۆز ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

     

    ئۇنداقتا زادى قايسى ۋىرۇسخورنى ئىشلىتىش كېرەك؟
    ئەمەلىيەتتە، ھېچقانداق بىر ۋىرۇسخور كومپيۇتېرىڭىزنى مۇتلەق بىخەتەر قوغداشقا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، مەسىلە يەنىلا كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۆزىدە. بۇنداق دېيىشىمدە تۆۋەندىكىدەك سەۋەپلەر بار:

     

    1. ھېچقانداق ۋىرۇسخورنىڭ ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى %100 كە تولۇق يەتمەيدۇ
    ھازىر ۋىرۇسخورلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ مودا ئۆلچەملەرنىڭ بىرى، مۇستەققىل ۋىرۇس سىناش مەركىزى يولغا قويغان VB100% بولۇپ، خېلى كۆپ ۋىرۇسخورلار نۆۋەتتە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۆلچىمىگە يەتكەن. بىراق ئىسمىدىكى %100 كە قاراپلا بۇنى بەك نوچىكەن دەپ قالماڭ، بۇ ئۆلچەمگە يەتكەن ھېچقانداق بىر ۋىرۇسخورنىڭ ۋىرۇس تازىلاش ئىقتىدارى تېخى %100 كە يەتكىنى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ۋىرۇسخورلارغا بەرگەن ئۆلچىمى، ئۇلار يىغىپ توپلىغان ۋىرۇس ئەۋرىشكىسىنى تازىلاش ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ھەر كۈنى ھەر مىنۇتتا نۇرغۇنلىغان ۋىرۇسلار ئىنتېر تورىغا قويۇپ بېرىلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەر بىرىنى بىر بىرلەپ يىغىپ ئانالىز قىلىش ئۇنچە ئادەتتىكى ئىش ئەمەس. دۇنيادا تېخى ۋىرۇس تازىلاش ئىقتىدارى %100 كە يېتىدىغان ۋىرۇسخور يوق.

     

    2.تور بىخەتەرلىكىگە تەھدىد ئېلىپ كېلىدىغان ئامىللار ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە
    ئىنتېر تورىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، توردىكى بىخەتەرلىك تەھدىد ئامىللىرىمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ، شۇ سەۋەپتىن ئەنئەنىۋى ۋىرۇسخورلار ئاللىقاچان بىزنىڭ ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرالمايدىغان، مەلۇم ۋىرۇسنى تازىلاش ئۈچۈن مەخسۇس تازىلاش قوراللىرى ياسىلىدىغان بولۇپ كەتتى. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى «مۈشۈكئېيىقنىڭ كۈجە كۆيدۈرۈشى» ناملىق ۋىرۇسمۇ، ئاخىرى ۋىرۇس تۈزگۈچى تۈرمىدە تۇرۇپ تۈزۈپ بەرگەن مەخسۇس تازىلاش قورالىنىڭ ياردىمىدە ئاندىن بېسىققان ئىدى.

     

    3. ۋىرۇسلار شەكىل ئۆزگەرتەلەيدىغان بولۇپ كەتتى
    ئادەتتە كۆپچىللىككە مەلۇم بولغىنىدەك، ۋىرۇسخورلار مەلۇم ۋىرۇسقا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىدىكى ۋىرۇس ئامبىرىدىكى ئەۋرىشكىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئاساسىدا ھۆكۈم ئېلىپ بارىدۇ ۋە مەخسۇس تازىلاش ئېلىپ بارىدۇ، بۇ ھازىرقى ۋىرۇسخورلاردا ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان بىر تۈرلۈك ئامىل. بىراق ھازىر قارايدىغان بولساق، ترويا ۋە ۋە ھەرخىل جاھىل خاراكتېرلىك چاپلاشما ۋىرۇسلار ھەممىسى ئۆزىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋىرۇسخورنىڭ ۋىرۇس ئامبىرى يېڭىلانماي تۇرۇپ، يېڭى بىر ۋىرۇسقا ياخشى ھۆكۈم قىلىش ناھايىتى ئاۋارىچىلىق. ئالدىنقى يىلى مودا بولغان exe شەكلىدىكى ۋىرۇس بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى.

     

    قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك ھالدا كومپيۇتېرغا تەھدىد ئېلىپ كېلىدىغان ئامىللاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
    ۋىرۇسخور بولسا، كومپيۇتېر ۋىرۇسىنى تازىلاشتىكى بىر خىل ۋاستىچى قورالدىن ئىبارەت، ئەڭ مۇھىمى سىزدە ياخشى بولغان تورغا چىقىش ئادىتى يېتىلگەن بولۇشى كېرەك. خۇددى مەن nod32 يازمىسىدا تەكىتلەپ ئۆتكىنىمدەك، بىزدە بىر دانە ۋىرۇستىن قوغدىنىش ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە بولغان ۋىرۇسخور + ياخشى بولغان تورغا چىقىش ئادىتى + بىر ئاز بىخەتەرلىك كۆز قارىشى بولسىلا، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئىزچىل بىخەتەر خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. تۆۋەندە ئۆز تەجرىبىلىرىمگە بىرلەشتۈرۈپ بىر قانچە خىل ئۇسۇللارنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن:

     

    1. سېستىمىڭىزنى ئامال بار Vista ياكى Windows 7 گە كۆتۈرۈپ ئىشلىتىڭ
    مەن بۇ يەردە Microsoft نىڭ ئېلانىنى بېرىۋاتمايمەن، ئەمەلىيەتتە Vista/Windows7 مەشغۇلات سېستىمىسىنى بىخەتەرلىك جەھەتتە XP غا قارىغاندا خېلىلا كۈچلۈك دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسىم ۋىرۇسلار Windows XP غا قارىتا تۈزۈلگەن بولغاچقا، Vista ياكى Windows 7 مەشغۇلات سېستىمىلىرىدا بۇ ۋىرۇسلارنىڭ تەھدىدى يوق دېيەرلىك.

     

    2. تور كۆرگۈڭىزنى يۇقىرىلىتىڭ ياكى ئالماشتۇرۇڭ
    بۇ يەردە كۆزدە تۇتقان تور كۆرگۈ دەل IE6. ئىلگىرى كەڭ تارقالغان بىر قىسىم لۈكچەك قىستۇرمىلار جاھاننامىگە كانىدەك چاپلىشىپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرگەن. ناۋادا سىز IE ئىشلىتىشنى ياقتۇرسىڭىز، ئۇنداقتا ئەڭ يېڭى نەشىردىكى IE8 نى قاچىلاپ ئىشلىتىڭ. ئۇنىڭدىن باشقا يادرودىكى تور كۆرگۈلەر، مەسىلەن FireFox، Chrome قاتارلىق تور كۆرگۈلەرمۇ ناھايىتى ياخشى تاللاش بولالايدۇ.

     

    3. QQ توپلىرىدا ئەۋەتىلگەن ئۇلانمىلارنى قارا-قويۇق ئېچىۋەتمەڭ
    بەلكىم كۆپچىلىكنىڭ بۇ توغرىسىدا ئاز بولمىغان قىسمەتلىرى بولۇشى مۇمكىن. ھەمىشە QQ دا ياكى توپلاردا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەۋەتكەن تور ئادرېسلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىمىز، خېلى كۆپ تورداشلار قارشى تەرەپنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنە قىزىقىپ بۇ ئۇلانمىلارنى ئېچىپ باقىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، كېيىنكى قېتىمدا توپ ھالدا ئادرېس يوللىغۇچى دەل سىز بولۇپ قالىسىز، بۇنداق بولغاندا باشقىلارغىمۇ زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشىڭىز، QQ توپلىرىدىن ئورۇنسىز ھەيدىلىشىڭىز مۇمكىن. تېخى قايسى كۈنى مېنىڭ QQ رىمدىكى بىر قىسىم توپلارنىڭ نامىنىڭ ۋە ئىچىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگىرەپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ قالدىم، تەكشۈرۈپ قارىسام، ئەسلىدە بۇ توپلارنىڭ ھەممىسىدە مەلۇم بىرەيلەن توپ باشقۇرغۇچىسى ئىكەن.

     

    4. ئېلخەتلەرگە كەلگەن قوشۇمچىلارنى ئالدىراپ ئاچماڭ
    ھازىر گەرچە كۆپ قىسىم ئېلخەت مۇلازىمېتىرلىرىنىڭ يۈكلەرنى سكەننېرلەپ بېرىش ئىقتىدارى بولسىمۇ، ئېلخەت ئارقىلىق ۋىرۇس تارقىتىش يەنىلا ئەڭ كەڭ كۆلەمدە داۋام ئېتىۋاتقان بىر خىل ئۇسۇلنىڭ بىرى. شۇڭا ئادەتتە ئېلخەت تاپشۇرۇپ ئالغاندا، بولۇپمۇ ناتونۇش ئېلخەتلەرنى ئاچقاندا بەك دىققەت قىلىڭ.

     

    5. ئىشەنچىلىك ۋە رەسمىيلەشكەن تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلىشقا ئادەتلىنىڭ
    ئەخلەت تور بېكەتلەر جۇڭگودا خېلىلا كۆپ، ھەتتا ئەڭ كۆپ دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بەزىدە Google دىن يۇمشاق دېتال ئىزدەپ مەلۇم ئۇلانمىغا كىرىپ سالغىنىمىزدا، ئاستىدىكى چۈشۈرۈش ئادرېسلىرىنىڭ كۆپلىگە قاراپ ھەيران قالىمىز. بۇ ئۇلانمىلارنىڭ توققۇزى يالغان، بىرسى گۇمانلىق بولۇپ، بەزى تور بېكەتلەر ھەتتا قەتئىي ئەسلى يۇمشاق دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، چۈشۈرۈپ قارايدىغان بولسىڭىز ھەممىسى ئاللىقانداقتۇر توردا تېلىۋوزور كۆرۈش، ھەقسىز تېلىفون ئۇرۇش دەپ ئاتىۋالغان ئاتالمىش «لۈكچەك» يۇمشاق دېتاللار. شۇڭا يۇمشاق دېتال چۈشۈرگەندە ئامال بار بىر قىسىم داڭلىق ۋە ئىشەنچىلىك تور بېكەتلەردىن چۈشۈرۈشكە ئادەتلىنىڭ.

     

    6. پات-پات ۋىرۇسخورىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۇڭ
    ئىلگىرى Kaspersky ئىشلەتكەن ۋاقتىمدا شۇنداق بىر ۋىرۇسقا يولۇققان، بۇ ۋىرۇسنىڭ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى ئاۋال ۋىرۇسخورنى پاتتاڭغا بىرنى سېلىپ ئايلاندۇرىۋېتىپ، ئاندىن كومپيۇتېرىڭىزدا خاتىرجەم ساياھەت قىلىش ئىدى. ھازىرقى ۋىرۇسلار ئاساسەن مۇشۇنداق بولۇپ كەتتى، يەنى ئەڭ ئاۋال سېستىمىدىن ۋىرۇسخورنىڭ ۋەزىپىسىنى تاقىۋېتىپ، ئاندىن بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى باشلايدۇ. شۇڭا پات پات ۋىرۇسخورنىڭ خىزمەت ھالىتىگە دىققەت قىلىش، ۋىرۇس ئامبىرىنى يېڭىلاپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

     

    7. ئالدىراپ باشقىلارنىڭ بارماقدېسكىسىنى ئىشلەتمەڭ
    بارماقدېسكا نۆۋەتتە ۋىرۇسنىڭ ئەڭ كەڭ تارقىلىش ۋە جان ساقلاش يوللىرىنىڭ بىرى. كومپيۇتېرغا بارماقدېسكا چېتىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى بىر قېتىم ۋىرۇس تازىلاش ئېلىپ بېرىڭ، ناۋادا ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز، Windows نىڭ بايلىق باشقۇرغۇچ كۆزنىكى ئارقىلىق زىيارەت قىلسىڭىزمۇ، ياكى Winrar غا ئوخشاش قوراللاردا زىيارەت قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.

     

    8. سېستىمىغا ئىشلەتكۈچى ۋە پارول بېكىتىشكە ئادەتلىنىڭ
    نۇرغۇن كىشىلەر بۇنداق قىلىشنى ئاۋارىچىلىق دەپ قارايدۇ، بىراق بۇ كومپيۇتېرنى قوغداشتىكى ئەڭ ئەقەللى تەلەپنىڭ بىرى. كومپيۇتېرىڭىزنى سىزدىن بۆلەك ھېچكىم ئىشلەتمىگەن تەقدىردىمۇ، تورنىڭ ئۇ چېتىدىكى شالۋىقىنى ئېقىتىپ تۇرغان بالا خاككېرلار، سىزدەك تەييار توخۇ گۆشىنىڭ تەمىنى تېتىشقا بەكرەك قىزىقىدۇ، شۇڭا سېستىمىغا پارول بېكىتىش ھەرگىزمۇ يامان ئادەت ئەمەس.

     

    9. قالايمىقان شەھۋانى تور بېكەتلەرنى ۋە رەسىملەرنى چېكىشتىن ساقلىنىڭ
    ئادەتتە بۇنداق تور بېكەتلەرنىڭ باشقىلارنى قىززىقتۇرۇش ۋە ئازدۇرۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، كۆپىنچە ۋىرۇسلار مۇشۇ خىلدىكى تور بېكەتلەردىن تارقىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ IP رىڭىز ھەر ۋاقىت نازارەت ئاستىدا، شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئويلاشقان ئەھۋال ئاستىدا، بۇنداق تور بېكەتلەرگە يېقىن يولاشتىن ساقلىنىڭ.

     

    10. يۇقارقى تەۋسىيەلەرنى ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ تەجرىبىلىرىڭىزنى يادىڭىزدا مەھكەم ساقلاڭ، ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە تەۋسىيە قىلىڭ
    ئۆتكەن يىلى تېخى يەرشارىدا قويۇلمىغان فىلىم «金刚狼» تېخى تولۇق پۈتمەي تۇرۇپلا، Fox نىڭ كومپيۇتېرىدىن ئوغرىلىنىپ ئىنتېر تورىغا قويۇۋېتىلگەندە، ئامېرىكا FBI دىن بىۋاستە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ فىلىمنى تارقىتىۋەتكۈچىنى ئىزدەش مالىمانچىلىقى كۆتۈرۈلگەن ئىدى. ئەلۋەتتە كومپيۇتېرىڭىزدىكى بەزى شەخسىي ھۆججەتلىرىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالاي دېسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى كومپيۇتېرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلگىنىڭىز ئەۋزەل.

     

    ئاخىرقى سۆز
    يىغىپ ئېيتقاندا، كومپيۇتېر سېستىمىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋىرۇسخور تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى شۇ كىشىنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئادىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ۋىرۇسخور بولسا بىر ۋاستە، ھەممىدىن مۇھىمى ياخشى بولغان تورغا چىقىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش. ئىلگىرى ئوخشاش بىر ۋىرۇسخورنى ئىشلەتكەنلەرنىڭ بەزىسى ياخشىكەن دېسە، بەزىسى ناچاركەن دېگەن گەپلەرنى تولا ئاڭلاپ تۇراتتۇق. ئەمىلىيەتتە بۇنىڭ شۇ ۋىرۇسخورنى ئىشلەتكۈچى، شۇ كومپيۇتېرنى ئىشلەتكۈچى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار. بەزىلەر ھېچقانداق ۋىرۇسخور ئىشلەتمەيمۇ ۋىرۇس يۇقتۇرماي كومپيۇتېرىنى ناھايىتى پاكىز ئىشلىتىپ كېتىۋېرىدۇ، ئەمما بەزى كىشىلەر ۋىرۇسخورلىرىنى توختىماي ئالماشتۇرۇپ تۇرسىمۇ ۋە بۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ ھەر خىل سېستىما قوغداش قوراللىرىنى سەپلەپ ئىشلەتسىمۇ يەنىلا ۋىرۇستىن قۇتۇلالمايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەپ دەل مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك ياخشى بولغان كومپيۇتېر ئىشلىتىش + تورغا چىقىشى ئادىتى يېتىلدۈرمىگەنلىكتە.
    كۆپچىلىكنىڭ يەنە بۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق ياخشى چارە تەدبىرلىرى بولسا، ئۇشبۇ يازما ئارقىلىق ئورتاقلىشىشىنى قارشى ئالىمەن!

     

    تەھرىردىن تولۇقلىما: nod32 ۋىرۇسخورىنى ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭ !

     

     




    ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.

    ياخشىكەن
    (1)
    100%
    ناچاركەن
    (0)
    0%
    ------分隔线----------------------------

    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    سەھىپىلەر
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    تەدبىركار تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: Xjcfan خادىمى تىزىملاتقان ۋاقتى: 08:02 10-02-2010 كىرگەن ۋاقتى: 14:01 17-01-2012
    مەن زىيارەت قىلغان تېمىلار

    تەۋسىيە تېمىلار