
FireFox توغرىلىق ئىلگىرىمۇ خېلى كۆپ يازمىلار يېزىلدى، بىراق كۆپ قىسىم تورداشلار ئۇ بۇ سەۋەپلەر بىلەن باشقىلار تەرىپىدىن توختىماي تەۋسىيە قىلىنىۋاتقان، ئەمما ئىزچىل ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمەيۋاتقان بۇ ئوتتۈلكىنى ئىشلىتىشتە قىينىلىپ قالدى ياكى ئاللىقانداق باھانە سەۋەپلەر بىلەن ئىشلىتىشتىن يالتايدى، مەزكۇر يازمىنىڭ ئومۇمى نىشانى FireFox نى ماختاش ياكى قايتا تونۇشتۇرۇشتا ئەمەس، بەلكى FireFox نى ئىشلىتىۋاتقان ياكى ئىشلىتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان تورداشلار بىلەن بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئورتاقلىشىشتىن ئىبارەت.
مەن نېمە ئۈچۈن FireFox ئىشلىتىمەن؟
مېنىڭ كومپيۇتېردا بەلگىلىگەن كۆڭۈلدىكى تور كۆرگۈچۈم FireFox، يەنى ھەرقانداق بىر ئۇلانمىنى باسقاندا ئاۋال قوزغىلىدىغىنى IE ياكى باشقا تور كۆرگۈ ئەمەس، بەلكى FireFox. ھەيران قالماڭ، چۈنكى مەن FireFox ئىشلىتىپ ئۆزۈم توردا قىلىشقا تېگىشلىك بارلىق مەشغۇلاتلارنى نورمال ئېلىپ بارالايمەن، شۇ سەۋەپتىن باشقا توركۆرگۈگە ھاجىتىم چۈشمەيدۇ. ئۇنداقتا مەن FireFox نى نېمىشقا كۆڭۈلدىكى تور كۆرگۈ قىلىپ تاللىدىم؟
1. سۈرئىتى تېز
بەلكىم بەزى تورداشلار قانداقسىگە FireFox نىڭ سۈرئىتى تېز بولىدۇ؟ ئەڭ تېز تور كۆرگۈ Chrome ياكى XX ئىدىغۇ دېيىشى مۇمكىن. Chrome ھەقىقەتەن تېز كۆرگۈ دەپ تەرپلىنىۋاتىدۇ، مەنمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس سكوندومېتىر بېسىپ سىناق قىلىپ باقمىدىم، بىراق مەن ئاچىدىغان تور بېكەتلەر FireFox تا ئەڭ تېز ئېچىلىدۇ، بولۇپمۇ بىلىك كۇلۇبىدەك بىر قەدەر ئاستا ئېچىلىدىغان تور بېكەتلەرنى FireFox تا شۇنداق راھەت ئېچىپ كۆرىمەن.
2. Web2.0 ئۆلچىمىنى ياخشى قوللايدۇ
Web2.0 توغرىسىدا توختالساق گەپ تولا، بۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنىم، نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى تېخنىكىلار(CSS3,Jquery,Div+Css دېگەندەك) ئىشلىتىلىپ يېزىپ چىقىلغان تور بېكەتلەر FireFox تا ئەڭ زور چەكتە ئۆز ئۈنۈمىنى كۆرسىتەلەيدۇ. Safari, Chrome لارمۇ كۆرسىتەلەيدىغۇ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن، شۇنداق، بۇ تور كۆرگۈلەرنىڭ يېڭى نەشىرلىرىمۇ Web2.0 نى ناھايىتى ياخشى قوللايدۇ، بىز بۇ يەردە پەقەت FireFox توغرىلىق توختىلىۋاتىمىز.
3. ھەقسىز ۋە ئەسلى كودى ئېچىۋېتىلگەن
تورداشلار تەدبىركاردا تونۇشتۇرىۋاتقان قورال يۇمشاق دېتاللارغا ئىزچىل دىققەت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار، جۈملىدىن FireFox مۇ شۇنداق. يەنى مەن بۇ توركۆرگۈنى ھېچكىمدىن سورىماي توردىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋېرىمەن. باشقا تور كۆرگۈمۇ شۇنداققۇ؟ دەپ سورايدىغانلار چىقىشى مۇمكىن. ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز ئامراق IE توركۆرگۈسى پەقەت Windows قا مەجبۇرى باغلاپ سىزگە تېڭىلغان بىر مەھسۇلات، Windows بولسا ئەسلىدىنلا بىر ھەقلىق مەشغۇلات سېستىمىسى. ئەلۋەتتە ھالال نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ كۆنسىڭىز، بۇ سىزگىمۇ بىزگىمۇ ياخشى.
4. چەكسىز كېڭەيتىشچانلىققا ئىگە
ئۈستىدە توختالغىنىمىزدەك FireFox نىڭ ئەسلى كودى ئوچۇق ۋە ھەقسىز بولغاچقا، ھەر يىلى، ھەتتا ھەر كۈنى نۇرغۇنلىغان پروگراممېرلار FireFox ئۈچۈن توختىماستىن ھەرخىل قىستۇرمىلارنى ئېچىپ تۇرىۋاتىدۇ. دەل شۇ سەۋەپتىن FireFox نۆۋەتتە ئىقتىدارى ئەڭ تولۇق ۋە مۇكەممەل بولغان بىر توركۆرگۈگە ئايلاندى. يەنى مەن FireFox نى ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزۈم خالىغان بىر ئىقتىدارنى تور كۆرگۈگە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيمەن. بۇ خۇددى ئەقلى يانفوندىن بىرنى سېتىۋېلىپ، ئىچىگە ئۆزىمىزگە لازىملىق يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئىشلەتكەنگە ئوخشاشلا ئىش. بىر قىسىم قىستۇرمىلارنى يازمىنىڭ ئاستىدا توختىلىپ ئۆتىمەن.
5. كۆرۈنمە يۈزى بەك چىرايلىق
يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمدەك، FireFox قىستۇرما ئىقتىدارىن باشقا، يەنە سىرتقى كۆرۈنۈش ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنىمۇ تەمىنلىگەن، نەچچە 10 مىڭ خىلدىن ئاشىدىغان سىرتقى كۆرۈنۈش قېلىپلىرى پۈتۈنلەي سىزنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشڭىزگە تەمىنلەنگەن، شۇ سەۋەپلىك FireFox قا ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان Chrome نىڭ چاپىنىنى كەيدۈرۈپ قويۇپ ئىشلىتىۋېرىمەن.
6. FireFox تا ئۇيغۇرچە تور بېكەت كۆرۈش بەك راھەت
بۇ گېپىمگە رەددىيە بېرىشتىن بۇرۇن يازمىنى داۋاملىق ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھەقىقەتەن شۇنداق، مەن FireFox تا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى(بىر قىسىم Web ئۆلچىمىگە چۈشمەيدىغان تور بېكەتلەر بۇنىڭ سىرتىدا) شۇنداق ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ زىيارەت قىلالايمەن، بەت ياسىغۇچىنىڭ ئەمگىكىدىن ھوزۇرلىنىمەن، مەزمۇنلارنىڭ رەتلىك جايلىشىشى، خەتلەرنىڭ ئوچۇق ۋە دانلىق كۆرۈنىشى مېنى تېخىمۇ خۇشھال قىلىدۇ.
ئومۇمەن ئېيتقانداق مېنىڭ FireFox ئىشلىتىشىم ھەرگىزمۇ باشقا توركۆرگۈنىڭ ناچار بولغانلىقىدىن، تاللاش پۇرسىتىنىڭ قالمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى FireFox تا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدىغانلىقى ۋە تېخىمۇ ياخشى تاللاش بولالايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر.
FireFox نى ئىشلىتىپ تور زىيارەت قىلغاندا يولۇقىدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەر
ئەلۋەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىم كۆپچىلىك IE ۋە شۇ يادرودىكى توركۆرگۈ(Maxthon, 360, Sogou,TT)لەرنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغاچقا، يېڭى ئىشلەتكەندە FireFox قا تازا كۆنەلمەسلىكى ئېنىق. مەسىلەن يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەرگە يولۇقىشى مۇمكىن:
1. ئۇيغۇر تور بېكەتلەرنىڭ خەت نۇسخىسى نورمال كۆرۈنمەسلىك.
2. بەتلەر قالايمىقان كۆرۈنىۋېلىش
3. Flash ئىشلەتكەن ۋە قويۇلغان تور بېكەتلەردىكى ئۈنۈم يوقاپ كېتىش
4. تور بانكىسى ۋە 支付宝 غا ئوخشاش ئورۇنلاردا نورمال مەشغۇلات قىلالماسلىق
5. QVOD,GVOD,WebPlayer قاتارلىق قويغۇچلارنى ئىشلەتكەن كىنو تور بېكەتلىرىدىن نورمال كىنو كۆرەلمەسلىك
6. 迅雷, Emule ۋە FlashGet قا ئوخشاش يۈك چۈشۈرگۈلەرنى نورمال ئىشلىتەلمەسلىك
7. ناتونۇش مۇھىتقا كۆنەلمەي قېلىش
بەلكىم كۆپچىلىك بۇنىڭدىن باشقا مەسىلىلەرگىمۇ يولۇققان بولۇشى مۇمكىن. بىراق يۇقىرىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىنسا، باشقا ئىشلار ئانچە چوڭ مەسىلە ئەمەس. ئۇنداقتا بۇ مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
FireFox ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش
يۇقارقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مەنچە تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئامالى بار:
1. FireFox نىڭ قىستۇرمىلىرى ئارقىلىق ھەل قىلىش
2. FireFox نى ئىشلەتمەسلىك
ئەلۋەتتە تاللاش ھوقۇقى ئۆزىمىزدە، ناۋادا FireFox نى ئاللىبۇرۇن ئورنىتىپ بولغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا يېرىم يولدا ۋاز كېچىدىغان ئىشنى قىلماڭ، چۈنكى بىز مەسىلىنى ھەل قىلىش تۈگىنىگە كېلىپ قالدۇق.
FireFox نىڭ ئۆزىدىكى ئىقتىدارى ۋە قىستۇرمىلىرى ئارقىلىق مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش يولىنى تېپىش
يازمىمىزنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، FireFox نىڭ قىستۇرمىلىرى ۋە سىرتقى كۆرۈنۈش قېلىپلىرى نەچچە 10 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ، ھەتتا مەلۇم بىر ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قىستۇرمىنىڭ ئۆزىدىنلا نەچچە 10 خىلى تەمىنلەنگەن، شۇڭا مەن ئادەتتە بۇ قىستۇرمىلار ئارقىلىق FireFox نى بېيىتىپ كېلىۋاتىمەن ۋە بۇ ئارقىلىق تور زىيارىتىمنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىۋاتىمەن. ئۇنداقتا بىز يۇقاردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا تەرتىپ بويىچە توختىلىپ كېلەيلى:
1. ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ خەت نۇسخىسى نورمال كۆرۈنمەسلىك
ناۋادا مەلۇم تور بېكەت FireFox تور كۆرگۈڭىزدە نورمال كۆرۈنمىگەن بولسا، ئۇنداقتا بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسى مۇنداق بىر نەچچە خىل بولىدۇ:
(1) شۇ تور بېكەت ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسىنى كومپيۇتېرغا قاچىلىۋېتىش.
نۆۋەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىم تور بېكەتلەر Alpida Unicode System ۋە UKIJ TUZ TOM دېگەنگە ئوخشاش خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ، بۇ خەت نۇسخىلىرىنى توردىن تاپقىلى بولىدۇ، چۈشۈرۈپ سېستىمىغا قاچىلاپ قويسىڭىزلا بولدى. بىر قىسىم زۆرۈر ماتېرىياللار مەزكۇر يازمىنىڭ ئاستى قىسمىدىمۇ تەمىنلەنگەن.
(2) FireFox نىڭ كۆڭۈلدىكى خەت نۇسخىسىنى ئۆزىمىز بېكىتىش
بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئارتۇقچىلىقى، سىز زىيارەت قىلماقچى بولغان تور بېكەت قانداق خەت نۇسخىسى ئىشلەتكەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىز بەلگىلەپ قويغان شۇ خەت نۇسخىسىدىلا كۆرۈنىدۇ. تەڭشەش ئۇسۇلى: تىزىملىك قىسمىدىن 工具 نى باسىمىز ۋە ئاستىدىكى 选项 تۈرىنى ئاچىمىز، ئاندىن ئۈستى قىسىمدىن 内容 نى تاللايمىز، بۇ يەردىكى 字体 دېگەن ئورۇندىن ئۆزىمىز خالىغان يۇنىكودلۇق خەت نۇسخىسىنى ۋە خەت رەزمېرىنى تاللاپ بېرىمىز، ئاندىن 高级 دېگەن ئورۇننى بېسىپ، 允许页面选择显示字体而无需使用上面的设置 دېگەن ئورۇننىڭ ئالدىدىكى بەلگىنى ئېلىۋېتىپ جەزملەشتۈرىمىز. ئەمدى FireFox تا قايسىلا تور بېكەتنى زىيارەت قىلمايلى، تور بېكەتنىڭ خەت نۇسخىسى بىز بەلگىلىگەن خەت نۇسخىسىدا كۆرۈنىدۇ، ئېنگلىزچە ۋە خەنزۇچە تور بېكەتلەرمۇ شۇنداق.
(3) تور بېكەت ئىگىسىگە تور بېتىنىڭ FireFox تا نورمال كۆرۈنمەيۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇش.
بۇ توغرىسىدا مەخسۇس يازمىلارمۇ يېزىلغان، ناۋادا سىز بىر ئوقۇرمەن بولسىڭىز ھەمدە FireFox ئىشلىتىپ تور زىيارەت قىلسىڭىز، ئۇنداقتا سىز دائىم بارىدىغان تور بېكەتلەرنىڭ مۇناسىپ ئورنىغا بۇ ھەقتە پىكىر بېرىپ قويسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا سىز بىر مەسئۇلىيەتچان تور بېكەت باشلىقى بولسىڭىز، زىيارەتچىلىرىڭىزنى ئەڭ زور چەكتە تۇتۇپ قالاي دېسىڭىز، تور بېكىتىڭىزنىڭ خەت نۇسخىسىنى FireFox تىمۇ نورمال كۆرۈنىدىغان قىلىپ تەڭشەشنى ئۇنتۇماڭ، چۈنكى ھېچ بولمىسا مەن تور بېكىتىڭىزنى FireFox ئىشلىتىپ زىيارەت قىلىشىم مۇمكىن.
2. بەتلەر قالايمىقان كۆرۈنىۋېلىش
بۇ خىل مەسىلىنىڭ ئاساسلىق كېلىپ چىقىش سەۋەبى، شۇ تور بېكەتنىڭ ئۆلچەملىك Web2.0 ئۆلچىمىگە چۈشمەيدىغانلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى بىر بولسا ئاشۇ تور بېكەت باشلىقىنىڭ تور بېكىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىشىنى ساقلاش، بىر بولسا FireFox نىڭ IETab قىستۇرمىسى ئارقىلىق شۇ تور بېكەتنى زىيارەت قىلىش. ناۋادا بۇ تور بېكەت IE دىمۇ نورمال كۆرۈنمىسە، ئۇنداقتا بۇ تور بېكەتكە خوش دېسەك بولدى.
3. Flash نورمال كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
ئادەتتە IE نىڭ ئۆزىدە Adobe Flash Player قىستۇرمىسى قاچىلىۋېتىلگەن بولىدۇ، شۇڭا كېڭەيتىلگەن نامى SWF بولغان ئېلىمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تور بېكەتلەرنى IE دا نورمال كۆرۈۋېرىمىز، FireFox تا بۇ قىستۇرما ئۆزىدە تەمىنلەنمىگەن. بىراق ھېچقىسى يوق، چۈنكى ناۋادا سىز FireFox بىلەن Flash ئىشلەتكەن تور بېكەتنى ئېچىپلا سالسىڭىز، ئۇ سىزگە ئاپتوماتىك ھالدا بۇ تور بېكەتتە Flash ئېلىمېنتنىڭ بارلىقىنى، بۇ ئېلىمېنتلارنى نورمال زىيارەت قىلىش ئۈچۈن، سىزنىڭ Flash Player قىستۇرمىسى قاچىلىشىڭىزنىڭ لازىملىقىنى ئەسكەرتىدۇ، سىز ئەسكەرتمە بويىچە بىر قېتىم قاچىلىۋەتسىڭىزلا كۇپايە.
4. تور بانكىسىنى نورمال ئىشلىتىش
بۇ مەسىلىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يەنىلا ئاشۇ تور بېكەتلەرنىڭ ئۆزىدە. ئەجىبا IE دىن باشقا تور كۆرگۈ ئىشلىتىش شۇنچە تەسمىدۇ؟ ناملىق يازمىمىزدا بۇ توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتكەن. بىراق بۇ مەسىلىنى FireFox نىڭ IE Tab Plus قىستۇرمىسى ئارقىلىقمۇ ھەل قىلىشقا بولىدۇ. بۇ قىستۇرمىنىڭ تەپسىلاتىنى كەينىدە توختىلىپ ئۆتىمەن.
5. توردا كىنو كۆرەلمەسلىك
كۆپ قىسىم تور بېكەتلەر ھازىر مودا بولىۋاتقان P2P كېلىشىمىدىكى تورقويغۇلىرىدىن QVOD, GVOD, WebPlayer قاتارلىق قويغۇلارنى ئىشلىتىپ كىنو كۆرۈشكە ئادەتلەنگەن. بۇ قويغۇلار ئادەتتە پەقەت IE دىلا نورمال خىزمەت قىلالايدۇ، بىراق ناۋادا سىز ئۈستىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن FireFox نىڭ IE Tab Plus قىستۇرمىسىنى قاچىلىغان بولسىڭىزلا، بۇ مەسىلىنىمۇ ھەل قىلالايسىز. ئەلۋەتتە 迅雷看看 قاتارلىق پروگراممىلارنىڭ FireFox تىكى قىستۇرمىسىنى قاچىلىۋەتسىڭىز تېخىمۇ مۇكەممەل بولىدۇ.
6. 迅雷/FlashGet قا ئوخشاش چۈشۈرگۈلەرنى نورمال ئىشلىتەلمەسلىكنى ھەل قىلىش
ئادەتتە بىر قىسىم تور بېكەتلەردە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى بىۋاستە 迅雷 ياكى FlashGet قا ئوخشاش مەخسۇس يۈك چۈشۈرگىلەردە چۈشىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇلىدۇ. بۇ ئۇلانمىلارنى FireFox تا تۇرۇپ بىۋاستە باسقىنىمىزدا يۇقارقى يۈك چۈشۈرگۈلەر قوزغىلالمايدۇ. ئادەتتە بۇ مەسىلىنى FireFox نىڭ FlashGot ناملىق قىستۇرمىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدۇ. يەنى بۇ قىستۇرما قاچىلانغاندىن كېيىن، FireFox تا تور بېكەت زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئوڭ كۇنۇپكا تىزىملىكىگە FlashGot تا چۈشۈرۈش دەيدىغان بىر تۈر ئارتۇق قوشۇلىدۇ. 迅雷 ياكى FlashGet دا بىر نەرسە چۈشۈرۈشكە ئېھتىياج تۇغۇلغاندا شۇ ئۇلانمىنىڭ ئۈستىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ FlashGot تا چۈشۈرۈشنى تاللاپ بەرسەك، بۇ يۈك چۈشۈرگۈلەر ئاپتوماتىك قوزغىلىپ چۈشۈرۈش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.
7. ناتونۇش مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىش
بەلكىم FireFox نى يېڭى ئىشلەتكەندە ئانچە كۆنەلمەسلىكىڭىز، ۋاي بولدىلا دەپ ۋاز كېچىشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋاللارنى مەن خېلى كۆپ ئۇچراتقان، ئەلۋەتتە سىز يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغان، تېخىمۇ ياخشى نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى رەت قىلىدىغان، قانائەت ۋە شۈكرى قىلىش ئىدىيەسى ۋۇجۇدىڭىزنى بېسىپ كەتكەن بىر تورداش بولسىڭىز، يۇقارقى بايانلارنى ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە چوقۇم قايتا بىر قېتىم سىناپ بېقىش ئويىغا كەلگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. چىدامچان بولۇڭ، ئادەم دېگەن ئىسسىق-سوغۇق ھەرخىل مۇھىتلارغا ماسلىشىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك، جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولماس.
ئومۇمەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك كۆپ قىسىم مەشغۇلاتلارنى يەنىلا FireFox نىڭ قىستۇرمىلىرى بىلەن تولۇقلاپ كەتكىلى بولىدۇ. ناۋادا قەتئىي IE ئىشلەتمەيدىغان ئىش بولسا، يەنە شۇ يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، IE Tab Plus قىستۇرمىسى ئارقىلىق FireFox تا تۇرۇپلا، تور كۆرگۈ يادروسىنى IE غا ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىۋەرسەك بولىدۇ. ئۇنداقتا بىز بۇ IE Tab Plus قىستۇرمىسى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى.
IE Tab Plus قىستۇرمىسى ھەققىدە
بۇ قىستۇرمىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق رولى، FireFox تا تۇرۇپ مەلۇم بەتنى ۋە ئېچىلماقچى بولغان بەتنى IE يادروسىدا ئېچىپ كۆرگىلى بولىدۇ. IE يادروسىدا ئېچىلدى دېگەن گەپ، IE بىلەن ئوخشاش دېگەن گەپ. بۇ ئارىلىقتا سىز FireFox نى تاقاش/كىچىكلىتىش ۋە IE نى قوزغىتىشتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچلۇق مەشغۇلات ئاز باسىسىز، ئازغىنە بولسىمۇ ۋاقىت جەھەتتىن ئۇتقىلى بولىدۇ.
يۇقارقى ئۇلانما ئېچىلغاندىن كېيىن يېشىل كۇنۇپكىلىق 添加到FireFox دېگەن ئورۇننى باسسىڭىزلا، قىستۇرما ئاپتوماتىل ھالدا FireFox قا ئورنىتىلىدۇ.
دىققەت: بۇ مەشغۇلاتلار چوقۇم FireFox تا تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
قىستۇرما قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن FireFox نى بىر قايتا قوزغىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، تەلەپ بويىچە قوزغىتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. FireFox قايتا قوزغالغاندىن كېيىن، سىزنىڭ ئەسلىدە ئېچىقلىق ھالەتتە زىيارەت قىلىۋاتقان تور بېكەتلىرىڭىزنى تاقىۋەتمەيدۇ ۋە شۇ پېتى ئېچىپ بېرىدۇ.
ئاخىرقى سۆز
ئومۇمەن ئېيتقاندا ناۋادا سىز FireFox نى ئىشلىتىۋاتقان ياكى ئىشلەتمەكچى بولىۋاتقان بولسىڭىز، يۇقارقى بايانلارنىڭ بەلكىم سىزگە ئازدۇر-كۆپتۇر ياردىمى بولۇشى مۇمكىن. FireFox نىڭ يۇقىرىدا تونۇشتۇرغاندىن باشقا يەنە مەخسۇس تور بەت يۈزىدىكى مېدىيا(كىنو، سىن) ھۆججەتلىرىنى تۇتىدىغان قىستۇرمىلىرى(Video Downloader)، Google تەرجىمانى قىستۇرمىسى(gTranslate)، ئېلانلارنى سۈزىۋېتىش قىستۇرمىسى(Adblock Plus) قاتارلىق نۇرغۇن نادىر قىستۇرمىلىرى بار. ناۋادا بىرەر قىستۇرمىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز FireFox نىڭ قىستۇرما بېتىگە بېرىپ ئىزدىسڭىزمۇ ياكى مەندىن سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ناۋادا FireFox ئىشلىتىۋاتقان باشقا تورداشلار بولسا، ئۆزىنىڭ ئىشلىتىش جەريانىدا توپلىغان تەجرىبىلىرىنى ۋە نادىر قىستۇرمىلارنى كۆپچىلىككە مەن بىلەن تەڭ تەۋسىيە قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


























