قەدەم >> ئەزا مەركىزى | تېما يوللاڭ | يۇمشاق دېتال يوللاڭ | سەھىپىلەر | ياردەم >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى | ئەزا مەركىزى قوللانمىسى | بېكەت خەرىتىسى | RSS

تور نامى، بوشلۇق تور سودىسى تور ساۋاتلىرى پروگرامما بىلىملىرى كومپيۇتېر ساۋاتلىرى ئۆگىتىش دېتاللىرى باش بەت
بىلەرمەن تەۋسىيەلىك بېكەتلەر تور تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بىلىملىرى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال بازىرى بېكەت خەۋەرلىرى
ئەقلىي يانفون WordPress DedeCMS ماقالە-مۇلاھىزىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بازىرى خەۋەرلىرى IT

باش بەت

تور بېكەت قۇرۇش ئەمەلىيەتتە ئۇنچە ئاسان ئىشمۇ ئەمەس

ۋاقتى: 08-08-2010 | مەنبە: XJCFAN.com | ئاپتورى: تەدبىركار | تەھرىر: قىسمەت | كۆرۈلۈشى: قېتىم | ئىنكاس: 10 پارچە


  •  

         بىر تور بېكەت باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شەخسى تور بېكەت قۇرۇشنىڭ جاپاسىنى ھەم ئەھمىيىتىنى خېلى ئوبدان چۈشىنىمەن دەپ قارايمەن، تور دۇنياسىدا ئاز-كەم 10 يىل ئەتراپىدا چۆرگىلەپ يۈرۈپتىمەن، تور بەت قۇرۇپ يۈرگىلىمۇ 7~8 يىل بوپتۇ، بۇ ھەقتە ھېچ بولمىسا ئاز-تولا پىكىر بايان قىلىش سالاھىيىتىم بار دەپ قارايمەن. ناۋادا مەزكۇر يازمىدىكى نۇقتىئىنەزەر كۆڭلىڭىزدىكىدەك چىقمىسا، ئۇنداقتا سىزنى تەبرىكلەيمەن، بەلكىم بۇ يازمىدىن مەلۇم مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىش يولى ھەققىدە ئورتاق پىكىرگە ئىگە بولالىشىمىز مۇمكىن...

     

         تور بېكەت قۇرۇشتىكى مەقسەت
         كۆپىنچە تور بېكەتلەر قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنلا ئالدىنئالا مەخسۇس پىلان تۈزۈلۈپ، تور بېكەتنىڭ نىشانى، كېيىنكى تەرەققىيات پىلانى قاتارلىقلار ھەققىدە بىر قاتار ئوي-پىكىرلەر تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، تور بېكەت لايىھەلەش ۋە مەزمۇن بېيىتىش قاتارلىق باسقۇچلار تۈگىگەندە ئىنتېرنېتقا جايلىشىدۇ. بىراق، يەنە خېلى كۆپ تور بېكەتلەر مەلۇم قىزىقىش ياكى بىردەملىك ھاياجان بىلەنلا قۇرۇلۇپ كېتىدۇ

     

         ئۇنداقتا تور بېكەت قۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەقسەت نېمە؟
         1. ئىقتىسادىي كىرىم قىلىش
         Google Adsense ئېلانى بىر قىسىم بېكەت باشلىقلىرىنىڭ يانچۇقىنى تومپايتقاندىن باشلاپ، توردا مەخسۇس مۇشۇ گۇگېل ئېلانى ئارقىلىق پۇل تېپىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بېكەتلەرمۇ خېلى كۆپ بولدى. ھەتتا بەزى تور بېكەتلەر بىر سوملۇق تور نام ۋە ھەقسىز بوشلۇققا ھەقسىز تور بېكەت سىستېمىسى ۋە توردىن يىغىلغان مەزمۇنلار بىلەن بىر تور بېكەت قۇرۇپ كېچە-كۈندۈز پۇل تېپىش چۈشىنى كۆرگەنلەرمۇ بولدى. بىراق قارايدىغان بولساق ھازىر بۇ تور بېكەتلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى «ئالەمدىن ئۆتكەن».
         بۇنىڭدىن باشقا يەنە تور بېكەتكە مەلۇم ئورۇننىڭ ئېلانىنى ھەقلىق قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادى كىرىم قىلىشنى ئويلاشقان تور بېكەت باشلىقلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ھەرقايسى تور بېكەتلەردىكى «ئەڭ ئېسىل ئېلان ئورنى سىزنىڭ، بۇ ئېلان ئورنى بىكار» دېگەنگە ئوخشاش لوزۇنكىلار بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
         توردا مەھسۇلاتىنى سېتىش، بۇ ئاساسلىقى شىركەت-كارخانىلارنىڭ ئۆز مەھسۇلاتىنى توردا تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، بازار ئېچىش ۋاستىسىنى كۆرسىتىدۇ. توردا مەھسۇلات سېتىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، سىز ئۆز تور بېكىتىڭىزدە ھېچكىمدىن سورىماي ۋە ھېچقانداق ھەق تۆلىمەي مەھسۇلاتىڭىزنى تەشۋىق قىلالايسىز، ساتالايسىز. شۇڭا بۇ خىل ئۇسۇلمۇ كەڭ ئومۇملاشقان دېيىشكە بولىدۇ، بۇ يەردە بۇ توغرىلىق جىق توختالمايمىز.

         2. شەخسى قىزىقىش ئاساسىدا تور بېكەت قۇرۇش
    بۇ خىلدىكى تور بېكەت قۇرغۇچىلارمۇ خېلى كۆپ ساندا بولۇپ، ھەتتا ئارىمىزدىكى مەن قاتارلىق مۇتلەق كۆپ ساندىكى تور بېكەت باشلىقلىرىمۇ بۇ يولنى ئىلگىرى بېسىپ باققان. بۇ خىلدىكى تور بېكەت قۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى: سىز ھېچقانداق پايدا-مەنپەئەتنى قوغلاشماي پۈتۈنلەي ئۆز قىزىقىشىڭىز، ئۆز خىيالىڭىز بويىچە تور بېكەت قۇرىسىز. شۇنداق بولغاچقا، بۇ خىلدىكى تور بېكەت قۇرۇش تولىمۇ كۆڭۈللۈك، ھەتتا بېكەت ئىگىسىنىڭ تور بېتىنىڭ زىيارەتچىسى ۋە زىيارەت سانى بىلەن ئەسلا كارى يوق. شۇڭا بۇ خىلدىكى تور بېكەتلەر توردىكى ئاممىۋىي تېلېفون بوتكىلىرىغا ئوخشايدۇ، بەزىدە تېلېفون جىرىڭلىسىمۇ ئالىدىغان ئادەم يوق.

         3. تور زىيارەتچىسىنى ئاساس، ئىقتىسادنى قوشۇمچە قىلىش
    بېشىدىن ئاز بولمىغان ئىسسىق-سوغۇقنى ئۆتكۈزگەن بىر قىسىم زېرەك تور بېكەت باشلىقلىرىمىز ئۈن-تىنسىز بۇ ساھەدە تەر تۆكۈۋاتىدۇ، ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتىدۇ. بۇ خىلدىكى تور بېكەتلەر كۆپىنچە زىيارەتچىلەرنىڭ ئارزۇسى بويىچە قۇرۇلىدىغان ۋە ماڭىدىغان بولۇپ، بىر قەدەر يۇقىرى ساندىكى زىيارەتچى سانىغا ۋە كۈچلۈك تېخنىكىلىق ئاساسقا ئىگە. شۇڭا بۇ خىلدىكى تور بېكەت قۇرغۇچىلار ئاساسلىق زېھنىنى زىيارەتچىلەرگە قارىتىپ تور بېكىتىنىڭ زىيارەتچىلەرگە بېرەلەيدىغان مەنپەئەتىنى ئالدىنقا ئورۇنغا قويىدۇ، ئىقتىسادىي كىرىم بولسا دەسلەپكى نىشان ئەمەس. چۈنكى مۇشۇ خىلدىكى تەرەققىياتتا ماڭسا، بۇ تور بېكەتتىن مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادى كىرىم قىلالىشىغا بۇ بېكەت باشلىقلىرىنىڭ كۆزى يەتكەن.
    ئۇنداقتا بىر تور بېكەت قۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، يەنە قانداق مۈشكۈلاتلارغا يولۇقۇش مۇمكىن؟

     

         تور بېكەتنىڭ كىرىم مەسىلىسى

         1.Adsense ئېلانىنىڭ كىرىمىنىڭ تايىنى يوق
         يۇقىرىدا دېيىلگەندەك Google Adsense ئېلانى قويغان بېكەت باشلىقلىرى ئاز ئەمەس، بىراق Adsense نىڭ جۇڭگودىكى چېكىلىش باھاسى ئالدىنقى يىلىدىن باشلاپ شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ كەتتى، ھەتتا بىر چېكىلىشى 0.01 دوللارغىمۇ يەتمەيدىغان ئېلانلار خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردىغۇ كۆرۈنىدىغان ئېلاننىڭ ئەسلا تايىنى يوق. بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىدە بىر قانچە خىل بولۇشى مۇمكىن:
         (1) Google غا ئېلان بېرىدىغان ئۇيغۇرلار يوق دېيەرلىك.
         (2) ئېلان قويۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش ئېغىر.
         (3) تور بېكەتنىڭ مەزمۇن سۈپىتى تۆۋەن، ماس ھالدا كۆرۈلىدىغان ئېلانلارنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ تۆۋەن.
    بۇنىڭدىن باشقا يەنە Google Adsense دىن باشقا ئېلان بىرلەشمىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكەت بازىرىغا ياخشى كۆز بىلەن قارىماسلىقىنىڭ ئۆزىمۇ بىر پاجىئە بولۇپ قالدى.

         2. ئېلان جەلپ قىلىشتا مەغلۇب بولۇش
         سىرتقى ئورۇن ياكى كارخانا ۋە ياكى مەلۇم تور بېكەتنىڭ ئېلانىنى جەلپ قىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. چۈنكى ھەرقانداق ئادەم، جۈملىدىن مەنمۇ ئېلانىمنىڭ بىر قەدەر ئادەم كۆپ توپلاشقان تور بېكەتلەردە، چېكىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان ئورۇندا تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداق بولغانىكەن، قارشى تەرەپنىڭ ئېھتىياجىغا ماس ھالدىكى شەرتنى قانائەتلەندۈرمەي تۇرۇپ باشقىلارنىڭكىنى ئېلان قىلىپ بېرىمەن دېيىش بىر ئەخمىقانىلىك. ھېس قىلىشىمچە نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر بىر قانچە خىل:
         (1) ئېلان قوبۇل قىلغۇچى تور بېكەتلەرنىڭ زىيارەت مىقدارى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس
         (2) ئېلان قوبۇل قىلغۇچى تور بېكەتلەرنىڭ ئېلان ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدا مەسىلە بار، بۇ ئېلان بەرگۈچىلەرنىڭ ئېلان بېرىش خاھىشىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋەتكەن
         (3) ئېلان ھەققى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى. بىر قىسىم تور بېكەتلەرنىڭ بىر ئايلىق ئېلان ھەققى ئېلان بەرگۈچى تور بېكەتنىڭ نەچچە يىللىق چىقىمىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.
         يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، تور بېكەتنىڭ ئىقتىسادى كاپالەتكە ئىگە بولماي تۇرۇپ، بىر تور بېكەتنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدىن سۆز ئېچىش تەس، بۇ سىزنىڭ تور بېتىڭىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن سالىدىغان مەبلىغىڭىزنىڭ ئالدىنقى كېلىش مەنبەسى.

     

         تور بېكەتنىڭ زىيارەت مەسىلىسى

         تور بېكەت بولغانىكەن، چوقۇم مۇئەييەن زىيارەتچى قوشۇنى بولۇشى كېرەك، ناۋادا بۇ زىيارەتچىلەر قوشۇنى بولمىسا، بۇ تور بېكەتنىڭ ئەڭ ئاساسى كاپالىتىنىمۇ قاندۇرغىلى بولمايدۇ. بۈگۈنكىدەك تور بېكەتلەر ئارىسىدىكى رىقابەت كۈچلۈك بولۇۋاتقان چاغلاردا، قانداق قىلىپ زىيارەتچىلەرنى ئەڭ زور چەكتە تۇتۇپ قېلىش بىر تور بېكەت قۇرغۇچىنىڭ ئەڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلىنىڭ بىرى. ئۇنداقتا ياندۇرۇپ سوراپ باقايلى، سىزنىڭ زىيارەتچىلەرنىڭ تۇتۇپ قالغۇدەك نېمىڭىز بار؟
         كۆپىنچە تور بېكەت قۇرغۇچىلار بۇ مەسىلىگە تولىمۇ سەل قارايدۇ، تور بېكىتىگە شۇنچە كۈچەۋاتقان بولسىمۇ، تور بېكەتنىڭ زىيارەت ئەھۋالىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقىلىقىدىن ۋايسايدۇ، بىراق بىر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ زىيارەتچىسىنىڭ تور بېكىتىدىكى نېمىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، تور بېكىتىدىكى قايسى مەزمۇنلارنىڭ زىيارەتچىسى تەرىپىدىن كۆپ چېكىلىۋاتقانلىقىنى، زىيارەت قوشۇنىنىڭ ئاساسلىقى قايسى توركۆرگۈلەردە تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىۋاتقانلىقىدەك ئامىللارنى ستاتىستىكا قىلىپ بېقىش خىيالىغا كەلمەيدۇ.

     

         تېخنىكا مەسىلىسى

         ھېس قىلىشىمچە كۆپىنچە تور بېكەت قۇرغۇچىلار 20~30 ياش ئارىسىدىكى ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، بۇ تور بېكەتنىڭ تېخنىكىلىق تۈزۈلۈشى شۇ تور بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئاساسلىق بىر ئىپادە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە تېخنىكا جەھەتتە قىينىلىشمۇ نۇرغۇن تور بېكەت باشلىقلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان ۋە بۇ ساھەگە كىرىشنى ئويلاۋاتقان نۇرغۇن تورداشلارنى قىيناپ قويۇۋاتقان بىر مەسىلە.

     

         مەزمۇن تەكرارلىقى
         تور بېكەتلەردىكى ئۆزئارا مەزمۇن كۆچۈرۈش، قايسىلا تور بېكەتكە كىرسەك ئوخشاش مەزمۇن تەكرارلىنىش مەسىلىسى نۆۋەتتە بېكەت باشلىقىنى، ئەڭ مۇھىمى زىيارەتچىنى بىسەرەمجان قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. 100 تور بېكەتنى 100 دانە قۇشقاچقا ئوخشاتساق، بۇ 100 قۇشقاچ ئوخشاش تىلدا سايراۋەرسە كىمنىڭ قۇلىقىغا خوشياقار؟ بۇ توغرىسىدا ئىلگىرىمۇ ئاز مۇنازىرىلەر بولۇنمىدى، بۇ يەردە بەك كۈچەپ تەكىتلەش ھاجەتسىز.

     

         تور بېكەت قۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئىشمۇ ئەمەس

         يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمدەك، بىر تور بېكەتنى پىلانلاش، قۇرۇش، ماڭدۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىغا نۇرغۇن زېھنى-قۇۋۋەت ۋە ۋاقىت شۇنداقلا ئىقتىساد كېتىدۇ. بۇ ئېھتىياجلارنىڭ ھەممىسىنى بىرلا ۋاقىتتا قاندۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. تور بېكەتنى ئاران تەستە لايىھىلەپ پۈتتۈرۈپ تور بوشلۇقى ئېلىپ تور بېكەتنى ماڭدۇرۇشقا تۇتۇش قىلسىڭىز، بېشىڭىزنى ئاغرىتىدىغان « جىنايەتچىدەك رەسىمگە چۈشۈش » ئارقىلىق بېجىرىلىدىغان ئەنگە ئالدۇرۇش مەجبۇرىيىتى سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، ئۇنى تەييار قىلىپ تور بېكەتنى ماڭدۇرۇشقا باشلىغاندىن تارتىپ باش-تارتىپ بولغىلى بولمايدىغان مەجبۇرىيەتلەرنى گەدىنىڭىزگە ئارتىپ ماڭىسىز.
         يىغىپ ئېيتقاندا بىر بېكەت باشلىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تور بېكەتنىڭ ئەڭ ئاددىي تېخنىكىلىق ئېھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز، تور بېكىتىمىزگە مەسئۇل بولۇشىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى بىزنى قوللاۋاتقان، بىزنى ھىمايە قىلىۋاتقان زىيارەتچىلىرىمىزگە مەسئۇل بولۇشىمىز، زىيارەتچىلەرنى تور بېتىمىزدە ئەڭ يۇقىرى چەكتە تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشىشىمىز ، بۇ ئارقىلىق تور بېكەتنىڭ مۇئەييەن چىقىمىنى قامداپ مېڭىشىمىز ۋە تور دۇنياسىدا داۋاملىق جان ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز كېرەك.

     

         ئاخىرقى سۆز

         مەن ئۆزۈمنى بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تور بېكەت باشلىقى دەپ ئېيتالمايمەن ھەم يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ھەققىدە كونكرېت چارەممۇ يوق. بۇ مەسىلىلەر ھەممىسى بىزدە ساقلىنىۋاتقان ۋە بىز ئورتاق ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. كۇنۇپكا تاختىسىغا قولىڭىزنى ئېلىپ، بۇ ھەقتە ئۆز-كۆز قارىشىڭىزنى بىلدۈرۈپ ئۆتسىڭىز تامامەن بولىدۇ. بەلكىم 100 نەچچە تور بېكەت باشلىقىنىڭ ۋە نەچچە مىليون ئۇيغۇر تور ئاھالىسىنىڭ مەنپەئەتى مۇشۇنداق ئازغىنە پىكىر تامچىلىرىدىن يىغىلغان جەۋھەرلەرگە باغلانغان بولۇشى مۇمكىن.
     

     




    ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.

    ياخشىكەن
    (31)
    96.9%
    ناچاركەن
    (1)
    3.1%
    ------分隔线----------------------------

    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    سەھىپىلەر
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    قىسمەت تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: Xjcfan خادىمى تىزىملاتقان ۋاقتى: 08:02 10-02-2010 كىرگەن ۋاقتى: 14:01 18-01-2012
    مەن زىيارەت قىلغان تېمىلار

    تەۋسىيە تېمىلار