ھەممىمىزگە مەلۇم ، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ، ئازغىنە 5-6 يىللىق بوران - چاپقۇندا تاۋلىنىپ ، بۈگۈنكىدەك زور قوشۇننى ھاسىل قىلدى . بۇنى جاپاكەش تور بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ غەيرەت - جاسارىتى ، قابىل باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۈن - تىنسىز ئەجرى ۋە كەڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلارنىڭ سەمىمىي قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە . دەسلەپكى ئاددىي شەكىلدىن ھازىرقىدەك مەخسۇسلاشقان ، ھەربىر سەھىپە ئېنىق ئايرىلغان مۇكەممەل شەكىلگە كېلىشكە ئەگىشىپ ، ھەممە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنى ۋە تورداشلارغا لازىملىق بولغان ئىشلىتىلىشچان قوراللارنى بىر يەرگە جەملەيدىغان ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى .
ئۇلارنىڭ ئاساسلىق رولى تور دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى ، ئەڭ مۇنەۋۋەر تور بېكەتلىرىنى بىر يەرگە جەملەپ ، ئۇنى كەڭ تورداشلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا قۇلايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش ئىدى . ھازىرغىچە نۇرغۇن تورداشلار بىر قەدەر داڭلىق تور بېكەتلەردىن باشقا يېڭىدىن قۇرۇلغان ياكى تازا نامى چىقمىغان تور بېكەتلەرنى ئاساسەن ئالدى بىلەن ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىگە كىرىپ ئاندىن زىيارەت قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى . بۇنىڭدا ، مۇنداق ئىككى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن : بىرىنچىسى ، تور بېكەتنىڭ نامى تۇتۇۋېلىش قىيىن ، ئىككىنچىسى تور بېكەت قۇرۇلمىسى ۋە مەزمۇنىدا يېڭىلىنىش يوق . مۇشۇ ئىككى سەۋەبتىن نۇرغۇن تور بېكەتلەر زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ .
ئەمدى ، ئەسلى تېمىغا قايتساق ، ئۇيغۇر ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىنىڭ ھازىرقى نىشانىدا ئۆزگىرىش يۈزبەردى . ئەلۋەتتە ، بۇ ئۆزگىرىشكە بىرنەچچە كۈن بولمىدى . خېلى ئۇزۇن بولۇپ قالدى ، دېسەكمۇ بولىدۇ . ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىنىڭ نامىدىنمۇ چىقىپ تۇرۇپتىكى ، ياخشى ، نادىر تور بېكەتلەرنى ئۇلىنىش قىلىپ قويسا ، بۇنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن تورداشلارغا ئاندىن قالسا ئۆزىنىڭ تور بېكىتىگىمۇ پايدىسى بولىدۇ . ئۇيغۇر ئۇلىنىش تور بېكەتلىرى ئۈستىدە ئىككى ئېغىز گەپ قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس ، چۈنكى ئۇ تور بېكەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمۇ مۇھىم بىر مەسىلە . ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا ، كەلگۈسى ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلۈش ، ئۇلارنى ھەر ۋاقىت زىيارەت ۋە كۆزىتىپ تۇرۇش بىر مەسئۇلىيەتچان زىيارەتچىنىڭ بۇرچى دەپ قارايمەن . مەن تۆۋەندە ھازىرقى ئۇيغۇر ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىدە ساقلىنىۋاتقان بىر نەچچە مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتەي :
1. ئۇيغۇر ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىنىىڭ كۆپىنچىسى « داڭلىق » ، « نادىر » ... دېگەندەك بىرنەچچە كىچىك سەھىپە تەسىس قىلغان بولۇپ ، بۇنىڭغا ئۆزىگە يېقىن ياكى ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك تور بېكەتلىرىنى چىقىرىپ قويۇلىدۇ . بۇنداق قىلىش توغرىدەك كۆرۈنسىمۇ ، ئەمما ئادەم ئۇ « داڭلىق » تور بېكەتلەرگە كىرىپ قارىسا ، يەنىلا ئۆتكەن ئايدىكى تېمىلار تۇرغان ياكى تېخنىكىلىق مەسىلە چىقىپ تۇرغان . شۇنىڭ ئادەمدە بۇنداق تور بېكەتتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى شەكىللەنگەننىڭ ئۈستىگە ، يەنە ئاشۇ ئۇلىنىش تور بېكىتىگىمۇ سەل گۇمانىي قاراش پەيدا بولۇپ قالىدۇ . دېمەك ، مۇشۇ يەردىن چاتاق چىققان يەردە ، يەنە ئاستىدىكى ئۇلىنىش قىلغان تور بېكەتلەردىمۇ مۇشۇنداق مەسىلە كۆرۈلەرمۇ دېگەندەك ئويلارمۇ ئادەمنى خىياللار قوينىغا باشلايدۇ .
2. پۇل تۆلىسىلا ، ئورنىنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا چىقىرىپ ، يېڭىدىن قۇرۇلغىنىغا ۋە تېخى ھېچقانچە ئورنىنى بولمىغىنىغا قارىماي ئۇنى باشقا ئاقساقال تور بېكەتلەرنىڭ ئالدىغا تىزىپ قويۇش . بۇنداق ئەھۋال ئۇلىنىش خاراكتېرلىك تور بېكەت بولسىلا ئاساسەن شۇنداق بولۇۋاتىدۇ . سىز تور بېكىتىڭىزنى داڭلىق قىلماقچى بولسىڭىز ، ئاۋۋال ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىنىڭ بىرىنى ئىزدەپ ئايلىق پۇل تۆلىسىڭىزلا ، سىزنىڭ تور بېكىتىڭىز ناھايىتى تىزلا يارقىن ئورۇنغا چىقىدۇ ، ئۇزۇنغا قالماي داڭلىق تور بېكەت بولۇپ قالىدۇ . ئەمەلىيەتتە بىرەر تور بېكەتنى داڭلىق قىلىۋېتىش ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس . مەيلى ئۇ قانداق تور بېكەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۇنىڭ تېخنىكا ۋە مەزمۇن ساھەسىدە مەسىلە بولسىلا ئۇنىڭ ئاۋام بىلەن يېقىن بولالىشى مۇمكىن ئەمەس . بەزى تور بېكەتلەرنى ھەممە ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىدە ئۇچرىتىش مۇمكىن ، ئەمما ئۇنى ھەممە ئادەم كىرىپ كۆرمەيدۇ . چۈنكى ئۇ خىلدىكى تور بېكەتلەرنىڭ ئىچىدە ئادەمگە ياققۇدەك ياكى ئادەمنىڭ مەلۇم ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغۇدەك ساپا ھازىرلانمىغان . ئەمما يەنە بەزى تور بېكەتلەرمۇ باركى، خېلى ئورنى بار، ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىدىكى خاس سەھىپىلەردىنمۇ ئۆزىگە ماس ئورۇنغا ئېرىشەلمىگەن . (شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بەلگىلىك ئورۇننى خەلقنىڭ كۆزى بىلەن ئۆلچەش كېرەك . ئەڭ توغرا باھانى يەنىلا خەلق بېرىشى كېرەك .) ئەمما ئۇنىڭ يېڭىلىنىشى تېز ، يوللانغان تېمىلىرىنىڭ ساپاسى بار ، كەڭ تورداشلار ئۇنىڭ ئەپچىل نامىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇۋالغان . ئەلۋەتتە ، بۇنداق تور بېكەتكە نۇرغۇن تورداشلار ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىدىن كىرمەيمۇ ئۇدۇللا كىرىۋېرىدۇ . چۈنكى ئۇ تورداشلار ئۇ خىلدىكى تور بېكەتلەردىن ئۆزگىچە ھېس - تۇيغۇغا ئېرىشكەن ، شۇڭلاشقا تور بېكەت نامىنىمۇ ئاسانلا ئېسىدە تۇتىۋالغان .
ئۇلىنىش تور بېكەتلىرى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ LOGO لىرىنى قويۇپ پۇل تېپىشتىن باشقا يەنە شىركەتلەرنىڭ ۋە باشقا غەيرىي ئىقتىسادىي ئورۇنلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىقمۇ پۇل تاپىدۇ . دېمەك ، ئىقتىسادىي جەھەتتە باشقا تور بېكەتلىرىگە قارىغاندا ، نىسبەتەن ياخشى ئورۇندا تۇرىدۇ ، دېسەك بولىدۇ . يەنە، شۇنداقمۇ ئۇلىنىش تور بېكەتلىرى باركى ، ھەتتا ئىككى سۆزنىڭ بىر ئايلىقىغا 200 نەچچە كوي دەپ تۇرىدۇ . ئۆزىگە ئانچە - مۇنچە رەقىب بوپ قالغۇدەك بولسا ، باھانى قەستەن يۇقىرى كۆتۈرۈپ قويىدۇ . توغرا رىقابەتنى چۈشەنمەي ، ئىشلاردا ئاستىن - ئۈستۈنلۈك پەيدا قىلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىنىڭ پەقەت ئۆز تور بېكىتىنى قۇرغانلا يېرى بار ، باشقا تور بېكەتلەرگە ئالاھىدە نەپ بېرىپمۇ كەتمەيدۇ . نان ياقماي ئاق نان يېيىش ، قوي باقماي پاقلان يېيىش توغرا ئىش ئەمەس . شۇڭا ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە تەرەققىياتىغا تاقىشىدىغان مەسىلىدە ئالدى بىلەن پۇلنى ئويلاشماي ، خەلقنىڭ قەلبىنى چۈشىنىش ، ئەل رايىنى ئاساس قىلىش كېرەك .
3 . ئۇيغۇر ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىدىكى تور بېكەتلەرنىڭ ئورۇن مەسىلىسى . ھازىرغىچە نۇرغۇن ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىدە خىل كۆپ تور بېكەتلىرىنىڭ ئورنى مۇقىم ئەمەس . ( ئەلۋەتتە ، ئايلىق پۇلى تۈگىسە تور بېكەتتىن چىقىرىپ تاشلىنىدۇ . ) ئۇلۇغ - ئۇششاق تور بېكەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىنىڭ ئالدىدا خۇددى شاھمات تاختىسىدىكى ئۇرۇقتەكلا ، ئۇيان - بۇيان ئالمىشىپ تۇرىدۇ . بۇ نۆۋەتتە شۇ تور بېكەتلەرگە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ ، ئەمما يەنىلا كەڭ تورداشلاردا غەيرىي تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويىدۇ . بۇنىڭدىمۇ يەنىلا پۇل ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ . ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىنىڭ بىردىنبىر ۋەزىپىسى ئەڭ ياخشى تور بېكەتلەرنى كەڭ تورداشلارغا تەۋسىيە قىلىش . بۇنىڭدىن ئارتۇق ۋەزىپىگە ئىگە دېيىلسە بۇنىڭ كەڭ تورداشلارغا بولغان پايدىسى ناھايىتى كېچىك بولۇشى مۇمكىن . بۇ خىلدىكى تور بېكەتلەر ئۆزى مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانمايدۇ ، پەقەت تەۋسىيە قىلىپلا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدۇ .شۇڭا ، گەرچە نام جەھەتتە داڭلىق بولسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇر تور بېكەتچىلىكىدە نوپۇزى بار دېيىشكە بالدۇرلۇق قىلىدۇ . شۇڭا ھەدەپ ئۆزىنى پۇلغا ئۇرماسلىقى ، ئەسلى ئۆزىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئۆز يۆنىلىشىنى ساقلىغىنى ئەۋزەل .
ئۇنداقتا ، ئۇيغۇر ئۇلىنىش تور بېكەتلىرى زادى كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك ؟ بۇنىڭغا ئېنىقلا كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئۈچۈن دەپ جاۋاب بېرىمىز . لېكىن بۇ سوئال بۇنداق تومتاقلا جاۋاب بىلەن كۇپايىلەنمەيدۇ . كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئەڭ قابىل تور بېكەتلەرنى ئەتراپىقا زىچ ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك . پۇلنى دەپلا يېڭىلىنىشى تېز ، نوپۇزلۇق تور بېكەتلەرگە ئادىل مۇئامىلە قىلمىسا ، بۇ ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىگىمۇ زىيانلىق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ . شۇڭا ئۇيغۇر ئۇلىنىش تور بېكەتلىرى ئادىللىقنى بايراق قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ نامايان قىلىشى كېرەك . بىر كېمىگە چىقىپ بولغان تۇرۇقلۇق يەنىلا ئۆزىنىڭ سەنىمىگە دەسسەۋەرسە قالايمىقانچىلىق يەنىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ ،دە ، ئاقىۋەتتە زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا كەڭ ئۇيغۇر تورداشلار بولۇپ قالىدۇ . شۇڭا بۇ ئىشتا بۇرۇننىڭ ئۇچىنى كۆرمەي ، ئامال بار يىراققا نەزەر سالغىنىمىز ياخشى .
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


























