بىرنەچچە كۈن ئاۋۋال، Google دۇنيادىكى زىيارەت مىقدار ئېقىمى ئەڭ كۆپ بولغان 1000 توربەتنىڭ دەرىجىسىنى ئېلان قىلغانىدى.ئۇنىڭ ئالدىدا، سەبۇرى ئىزدەش ماتورى توربېتىمۇ دىيارىمىزدا تور راۋانلىشىشتىن بۇرۇن ئىچكىرىدە ھەمدە چەتئەللەردە ئېچىلىدىغان بىرقىسىم ئۇيغۇر يىزىقىدىكى توربەتلەرنىڭ Alexa دەرىجىسىنى ئۇيغۇرچە توربەتلەر ئارىسىدا سېلىشتۇرۇپ، ئۇيغۇرچە توربەتلەر ئارىسىدىكى تىزىلىش تەرتىپىنى ئېلان قىلىپ ئۆتكەن بولۇپ، توربەتچىلەر ئارىسىدىكى تەسىرى ناھايىتى ياخشى بولغانىدى، كىيىن سەبۇرى ئىككىنچى قېتىملىق دەرىجە تىزىلىشىنى ئېلان قىلدى. ئارقىسىدىن دىيارىمىزدىكى تور راۋانلاشقاندىن كىيىن، دىيارىمىزدىكى توربەتلەرنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قەھەتچىلىكىدىن بولسا كېرەك، بۇ دەرىجە تىزىلىشنىڭ يېڭى نۇسخىسىنىڭ ئېلان قىلىشى كەينىگەرەك سۈرۈلۈپتۇ. بۈگۈن مەن Google نىڭ بۇ توربەتلەر دەرىجىسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى بايان قىلماقچى بولىۋاتىمەن.
1. ئالدىنقى يۈزنىڭ ئىچىدە، ئۇيغۇرچە توربەتلەر يوق، بەلكىم ئالدىنقى 1000 نىڭ ئىچىدىمۇ يوق بولۇشى ئېنىق، بۇنىسى ھەممىمىزگە ئايدىڭ.
2. بۇ دەرىجە تىزىلىشى Google نىڭ Ad Planner پىلانى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىققان بولۇپ، بەزىلەر بۇ تىزىلىشنىڭ ھەتتا Alexa دىنمۇ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشماقتا. Google شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى بولمىش Google Earth نى ئىشلىتىدىغانلارمۇ قۇمدەك، ھەتتا Youtube گە كۈندە كىرىدىغانلار شۇنچىلىك كۆپ تۇرسا، مۇشۇنداق كۈنلەردە كىممۇ Google نىڭ ئۆزىگە رەھبەر بولۇشىنى خالىمىسۇن...
3. بىرىنچى ئورۇنغا چىقىپ شاھلىق تاجىنى كىيگۈچى-ئامىرىكا دوستلىشىش تورى بولمىش Facebook. بۇ بېكەت نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تېخى كىچىك بوۋاق ئىدى، ھىچكىممۇ ئۇنىڭ بۇنچە تىزلا شاھلىققا چىقالايدىغانلىقىنى قىياس قىلمىغان بولسا كېرەك. ئالدىنقى كۈنلەردە بىر خەۋەردىن ئاڭلىشىمچە، بىر ھەپتىدە تەخمىنەن بەش تۈمەن تور بېكەت Facebook ئالاقىلىشىش قىستۇرمىسىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغانىكەن.
4. ئالدىنقى يۈزنىڭ ئىچىدىكى بېكەتلەردە شەخسىي بلوگ، دوستلىشىش تۈرىدىكى توربەتلەر خېلى سالماقنى ئىگىلىگەن. مەسىلەن:Facebook ،Blogspot ،Twitter ،Blogger دىگەندەك. بۇ بىزدىكى داڭلىق مۇنبىرىگە ئوخشاش ئۇنىۋېرسال مۇنبەرلەر ۋە بەزى ناخشا-مۇزىكا توربېكەتلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما.
5. قىززىقى شۇكى، بۇ تىزىلىشتا Google ۋە Google نىڭ ئالاقىدار بېكەتلىرى يوق. بەلكىم،Google ئۆزى ئېلان قىلغان بۇ دەرىجە تىزىلىشىنىڭ ئادىل بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆزىنى چەتكە ئالغان بولسا كېرەك.
6. Wordpress بولسا 12-ئورۇنغا تىزىلغان. كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى، بىزدە تېخى تونۇلمىغان Wordpress بلوگ سۇپىسى سىرىتتا شۇنداق قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن. بىز بولساق ھېلىھەم Blogbus ,blogpost دىن ھالقىپ چىقالمىدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە نەگە قارىسا ئوخشاش مەزمۇن. جۈملىدىن، بىزدىكى بلوگلاردىكى كۆچۈرمىكەشلىكدىن ئىبارەت بۇ ئېغىر كېسەل ھېلىمۇ داۋالىنىشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
7. ئېلىمىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېلىمىزدىكى 26 توربەت بۇ قاتاردىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئالدىنقى يۈزنىڭ تەخمىنەن 1/4 قىسمىنى ئىگەللەيدۇ(ئەلۋەتتە، 400 مىليونلۇق تور ئابونتلىرى بار دۆلەتتىن بۇنچىلىك چىقمىسىمۇ سەت تۇرار...)
8. بۇ يەردە تېخى ئارانلا 200 خادىمى بار Twritterمۇ 18-ئورۇنغا چىقىۋاپتۇ.بۇ توربەتنىڭ مۇنچىلىك ئاز قوشۇن بىلەنلا بۇنچىلىك داڭق قازىنىشىغا زادى نىمە تۈرتكە بولغاندۇ؟... دىيارىمىزدا تور ئېچىلغاندىن كىيىن، دىيارىمىز ئىچىدە تور تىزگىنلەنگەن مەزگىلدە تەرەققىي قىلغان توربەتلەرنى كۆزىتىپ باقتىم. بەلكىم، بىريىل كۆرمەي شۇنداق بىلىندىمۇ، ئىشقىلىپ توربەتلەر مەيلى سۈپەت(بەت ياسىلىشى، گۈزەللىكى جەھەتتىن دىمەكچى) جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن، يۈكسىلىش خېلى زور. ئەمما،بۇرۇندىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇد. يەنى، 1. ئۇنىۋېرساللىق-نۇرغۇن توربەتلەر ئۇنىۋېرساللاشقان،كەسپىيلىشىش ئانچە يۇقىرى ئەمەس. 2. ناخشا-مۇزىكا دىگەندەك كۆڭۈل ئېچىش مەزمۇنى يەنىلا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. 3. مەزمۇن-ئۇسلۇب جەھەتتىكى ئوخشاشلىق. نەگە قارىسىڭىز ئاتىسىنى بىلگىلى بولمايدىغان ماقالە -يازمىلار ياكى توككىدە قىلىپ ماۋۇ يەردىن ئېلىنغان دەپ قۇيۇپ مەنبەسىنى قوشۇپ قويمايدىغان تىمىلار؛ ئۇسلۇب جەھەتتىن-توربەتنىڭ ئىسمى بىلەن باشقۇرغۇچى ئىسمى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىدىن باشقا ھەممىسى بىر قېلىپدىن چىققان خىشدەك ئوپمۇ-ئوخشاش، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا تۇغلىرىغىچە ئوخشاش (ئەسكەرتىش: يۇقارقىلىرى پەقەت بىرقىسىم توربەتلەرگە قارىتىلغان) 4. ئۆمرى قىسقا بولۇش، تور ئېچىلغاندا توربەت ئارىلاپ ئۇيەر بۇيەرلەنى چۆرگىلەپ بەزىلىرىنى ساقلىۋالغان ئىدىم، ئەمما يېرىم ئاي ئۆتمەيلا بەزى توربەتلەر ئۇ سەۋەب بۇ سەۋەب بولۇپ تاقىلىپ قاپتۇ...بۇلاردىن باشقا يەنە توردىكى مەھەللىۋازلىق، تېخنىكا جەھەتتىكى بېكىنمىچىلىك دىگەندەك باشقا جەھەتلەردىكى مەسىلىلەر ھېلىھەم ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئەمما، ئىشىنىمەنكى، بىزدىكى بۇ مەسىلىلەر بىزنىڭ يۈكسىلىشىمىزگە ئەگىشىپ ئۆزلۈكىدىن غايىب بولىدۇ. كىم بىلىدۇ، كىيىنچە بىزدىن تېخى جۇڭگودا ھەتتا خەلقئارادىكى دەرىجە تىزىلىشىدا ئالدىنقى قاتارلاردا تۇرىدىغان توربەتلەر چىقامدۇ تېخى!...
قېنى، ئۇيغۇرتوربېكەت باشلىقلىرى، ئورتاق نىشان ئۈچۈن ھۇررا!....
مەنبە: ئۇيغۇربەگ تورتۇرايى
مەنزىلى:
يازما مەنزىلى:
http://uyghurbeg.net/uyblog/article.asp?id=118
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


























