بۈگۈن: >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى >> ئەزا مەركىزى قوللانمىسى >> يانفون گۇۋاھنامىسى ئىلتىماس قىلىڭ [ئەزا مەركىزى] [سەھىپىلەر]

بېكەت خەۋەرلىرى IT خەۋەرلىرىماقالە-مۇلاھىزىلەر مەشھۇر شەخسلەر
باش بەت

ئۇيغۇرلاردا توردا پۇل تېپىش چۈشى (2)

ۋاقتى: 17:50 20-06-2010 مەنبە: XJCFAN.com ئاپتورى: NokiaFun تەھرىر: قىسمەت كۆرۈلۈشى: قېتىم ئىنكاس: 9 پارچە

ئۇيغۇرلاردا توردا پۇل تېپىش چۈشى (1) نى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ئۇيغۇرلاردا توردا پۇل تېپىش چۈشى (2) ئۇيغۇرلاردا ئىنتېرنېت سودا-سېتىق كەسپىدىكى ئەڭ

 «ئۇيغۇرلاردا توردا پۇل تېپىش چۈشى (1)» نى بۇ يەردىن كۆرۈڭ

 

ئۇيغۇرلاردا توردا پۇل تېپىش چۈشى (2)

 

ئۇيغۇرلاردا ئىنتېرنېت سودا-سېتىق كەسپىدىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە : ئالارمەن ۋە ساتارمەن ھەرئىككىسىنى خاتىرجەملەندۈردىغان سودا قەدەم باسقۇچىلىرى شەكىللەنمىدى. مېنىڭچە، تورداشلار بۇ مەسىلىنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەندى بولغاي.

 تور تىزگىنلىنىشتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەپەندىم  سودا تور بىكىتىنى مىسالغا ئالساق، گەرچە تور بېكەت مەلۇم شىركەتنىڭ مەبلىغى بىلەن مېڭىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما توردا پۇل تۆلەش سۇپىسىدىن ئىبارەت تور سودا-سېتىق  كەسپىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلغا سەل قارىغان. شۇڭا بۇ يەردىكى سودىدا ئالارمەن بىلەن ساتارمەن ئوتتۇرسىدا ئۆزئارا ئىشەنىچ باغلىنىشى توغرا ھەل قىلىنمىغان. مەن شەخسەن ئۆزەمنى مىسالغا ئالسام، 5 يۈەنلىك  بىر نەرسىنى سېتىۋالماقچى بولسام، ساتقۇچىنىڭ بانكا كارتىسىغا بىۋاستە پۇل ئۇرۇشنى قۇبۇل قىلمايمەن. گەرچە ساتقۇچى ئەمەلىيەتتە ئىشەنچىلىك بولسىمۇ، ئەمما پۇلدىن ئىبارەت بۇ تاتلىقى كۆپ نەرسىنى ھەممىلا ئادەم تەۋەككۈل دەپ ئوتتۇرغا تاشلاشنى خالىمايدۇ دە... ھازىر ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر نەچچە سودا بىكىتى بولسىمۇ ئەمما ئۇلاردا ئەزا، سېتىۋالغۇچى ۋە ساتقۇچى ئەڭ مۇھىمى يۇقىردا دىيىلگەندەك  ئالارمەن ۋە ساتارمەن ھەر ئىككىسىنى خاتىرجەملەندۈردىغان سودا قەدەم باسقۇچلىرى يوق بولغاچقا تەرەققىيات يوق ياكى ئاستا...

جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ سودا تورى 淘宝 نى مىسالغا ئالساق ئۇ شۇنچە تىرىشىپ ئاخىرى  www.alipay.com نى ۋۇجۇتقا چىقارغاندىن كىيىن ئاندىن 淘宝 نىڭ سودىسى تىز تەرەققىي قىلغان.  淘宝 نىڭ 2005-يىلدىن بۇيانقى سودا پۈتۈشۈش سوممىسىغا نەزەر سالايلى:
2005-يىللىق سودا پۈتۈشۈش سوممىسى 3 مىلىيارد 300 مىليون يۈەن
2006-يىللىق سودا پۈتۈشۈش سوممىسى 16 مىلىيارد 900 مىليون يۈەن
2007-يىلى سودا پۈتۈشۈش سوممىسى 43 مىلىيارد 300 مىليون يۈەن
2008-يىللىق سودا پۈتۈشۈش سوممىسى 99 مىلىيارد 960مىليون يۈەن
2009-يىللىق سودا پۈتۈشۈش سوممىسى 200 مىلىيارد يۈەنگە يەتكەن.
 بۇيەردىكى سانلار يلدىن يىلغا كۆپەيگەن. شۇنىڭغا ماس ھالدا ئەزالىرىمۇ شىددەت بىلەن كۈپەيگەن. ھازىر 150مىليوندىن كۆپ ئەزاسى بار. بۇيەردىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا پۇل تۆلەش سۇپىسى . Alibaba نىڭ مۇۋاپىقيەت قازىنالىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى پۇرسەتنى قولدىن بەرمىگەنلىكى. 淘宝 نىڭ مۇۋاپىقەت قازىنىشىدا www.alipay.com ئەڭ مۇھىم ھالقىلىق رول ئوينىغان. www.alipay.com بولغاچقىلا ساتقۇچىمۇ ھەم سېتىۋالغۇچىمۇ ئىشەنچ ھاسىل قىلالىغان. ئىشەنچ بولغاچقىلا 淘宝 نىڭ ئەزا سانى شىددەت بىلەن كۆپەيگەن. ئەزا كۆپەيسىلا ساتارمەن ۋە ئالارمەننىڭ كۆپىيىشى تەبىئىي ئەھۋالغۇ. بازاردا ئادەم كۆپ بولسا بازار بەك قىزىغاندەكلا ئىش.

خەلقئارانى مىسالغا ئالساق چەتئەللەردە 7 ياشتىن 70 ياشقىچە ھەممە بىلىدىغان www.Ebay.com خەلقئارا ئىنتېرنېت سودا تور بېكىتى 1999-يىلى  توردا پۇل تۆلەش سۇپىسى مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان Billpoint شىركىتىنى سېتىۋېلىپ، PayPal بىلەن ھەمكارلىشىپ Ebay دا سودا سېتىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن ياخشى سورۇن تەييارلىدى. 2002-يىلى 1مىلىيارد 500 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ Ebay نى ئۆزىگە رەسمىي  قوشۇۋالدى. 2003-يىلى Ebay نۇرغۇن پۇل چىقىرىپ جۇڭگودىكى يەنە بىر چوڭ سودا تور بىكىتى EachNet  易趣  بىلەن بىرلەشتى. Ebay نىڭ كېڭىيىش سىتىراتىگىيىسى كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ داڭلىق سودا تور بىكىتى  Ebay نىڭ تەرەققىياتىدا توردا پۇل تۆلەش سۇپىسى ئەڭ ھالقىلىق رول ئوينىغان بولۇپ، بۇنى بۇرۇنلا چۈشىنىپ مىلىيات يۈەنلىك مەبلەغ بىلەن PayPal بىلەن بىرلەشكەن. نۆۋەتتە PayPal يەرشارىدا تور سودا دۇكانلىرى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان پۇل تۆلەش سۇپىسى بولۇپ، نۇرغۇن سودا تور بىكەتلىرى جۈملىدىن مىكروسوفت سودا بىكەتلىرى، ئالما تور ماگىزىنى ... قاتارلىق نۇرغۇن تور ماگىزىنلىرى PayPal پۇل تۆلەش مۇلازىمىتىنى ئىشىلىتىپ پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، زورىيىۋاتىدۇ.

ئەلۋەتتە ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغان ۋە ئۇنى قوللىنىدىغان ئۇيغۇرلار سانى ئانچە كۆپ ئەمەس.  يەنە كېلىپ توردىن پايدىلىنالايدىغانلار ئاز. زور كۆپچىلىك تور سودىسى دېسىلا ئالدامچى، قويمىچىلارنى كۆز  ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. دېمەك ،  جەمئىيەتتە تور سودىسىغا نىسبەتەن ئىشەنچ شەكىللەنمىگەن. توردىمۇ ئىشەنچ شەكىللەندۈرەلەيدىغان سودا ئەندىزىسى مەيدانغا كەلمىگەن. ھېچبولمىغاندا 支付宝 نىڭ پۇل تۆلەش ئېغىزىنى ۋاكالىتەن ئىشىلىتىپ، ئۇيغۇر ئالارمەن - ساتارمەنلەر ئوتتۇرسىدا ئۆز-ئارا ئىشەنچ پايدا قىلىشقا تەۋەككۈل قىلالمىغان.  بەلكىم ئۇيغۇرلاردا يېقىن كەلگۈسىدىمۇ تور سودىسىغا ئۈمىد بىلەن قاراشقا بالدۇرلۇق قىلىشى مۇمكىن...

 

             ... داۋامى بار...

 



NokiaFunنىڭ يېڭى تېمىلىرى:


[خەۋەر-ئۇچۇرلار] ھەرقايسى تور بىكەت باشلىقلىرى ۋە 890 ئېلان ھەمكارلىقىغا تەۋس [ 2010-10-10 08:26:32 ]
[IT خەۋەرلىرى] "پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش" 3D نەشىرى 2012-يىلى ئېلان قىلىنىدۇ [ 2010-10-01 09:02:47 ]
[IT خەۋەرلىرى] نوكىيا8 يانفۇنى رەسمىي زاۋۇتتىن چىقتى [ 2010-10-01 08:32:51 ]
[بېكەت خەۋەرلىرى] تەبرىك: دۇنيا يۇمشاق دىتاللار ئەركىنلىك كۈنى [ 2010-09-26 19:28:26 ]
[IT خەۋەرلىرى] ئالما شىركىتى «ئالما تېلىۋېزۇرى» Apple TV نى بازارغا سالدى [ 2010-09-26 19:07:18 ]
[ماقالە-مۇلاھىزىلەر] 腾讯 شىركىتى 60مىلىيۇن $ غا discuz گۇرۇپپىسىنى سېتىۋالدى [ 2010-09-12 18:48:07 ]
[تور بىلىملىرى] Adsense ئارقىلىق پۇل تېپىشتىكى يەنە بىر ئۇسۇل [ 2010-09-12 17:42:00 ]
[ئەقلىي يانفون] 400يۈەنگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن سېتىۋېلىش [ 2010-09-08 22:07:38 ]
[IT خەۋەرلىرى] يېڭى فىلىم: تۈمۈر ئادەم 2 كۆكنۇر پىلاستىنكىسى ئېلان قىلىندى [ 2010-09-08 21:42:04 ]
[مەشغۇلات سىستېمىسى] Windows مۇھىتىدا Wubi ئارقىلىق Ubuntu نى قاچىلاش [ 2010-09-05 23:50:20 ]


       



ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


ياخشىكەن
(31)
91.2%
ناچاركەن
(3)
8.8%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر