ئۇيغۇرلاردا تور بېكەت قۇرۇپ پۇل تېپىش چۈشى (1)
ئىنتېرنېت دىيارىمىزغا يېتىپ كەلگەندىن بېرى ئۇيغۇر تور ھەۋەسكارلىرى كۈندىن كۈنگە كۆپەيدى. يېڭىلىقلارمۇ ماس ھالدا ئىختىرا بولدى. ئۇيغۇرچە كونا يېزىقىنى قوللىمايدىغان ئىنتېرنېت يۇنىكود ئۆلچىمىنى قوللىنىشى بىلەن يېزىقىمىزنى تور بېكەتلەردە نورمال كۆرسىتىش تېخنىكىسى ئەمەلگە ئاشتى. بۇ جەرياندا ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىنتېرنېت تورىدا نورمال خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بىر قىسىم نامى ئاشكارىلانغان ۋە ئاشكارىلانمىغان ئوت يۈرەك ئوغلانلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايمىز. بىزدە «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما» دەيدىغان گۈزەل ئەخلاق ئۇدۇمى بولغاچ، ئۇلارغا بېكىتىمىز نامىدىن يەنىمۇ تېخىمۇ كۆپ بىلىم، سالامەتلىك ۋە ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمىز!
ئىنتېرنېت تورىدا ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ نورمال قوللىنىشى بىلەن تەڭ تور بېكەت قۇرغۇچىلار قوشۇنى زورىيىشقا باشلىدى. ھازىرغىچە تالايلىغان تور بېكەتلەر قۇرۇلدى ۋە تاقالدى. ئاققان يۇلتۇزدەك بىرلا چاقناپ ئۆچكەن تور بېكەتلىرىمىزمۇ ھەم ئۇيغۇر ئىنتېرنېت مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى ئەلۋەتتە. تور بېكەت قۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ كۆلەملىشىشى ۋە تور بېكەت قۇرۇش قوراللىرىنىڭ قۇلايلىقلىشىشى بىلەن تور بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ بىلىمىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. ئىنتېرنېت ھەۋەسكارلىرى دەسلەپتە HTML بەت ۋە http://bbs.xilu.com دا بلوگ قۇرۇشتىن بارا-بارا تەييار ASP شەكلىدىكى BBS XP لارنى تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلىدى. ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىزنىڭ قوللىرىغا دەرد بەرمىسۇن. بېكەت قۇرۇش قىزغىنلىقى ئەنە شۇ BBS XP نى قوللانغاندىن باشلاپ تېخىمۇ كۈچەيدى ۋە تەرەققىي قىلدى. مانا بۈگۈن كۆپلىگەن يىگىتلىرىمىز PHP, NET,JSP تىللىرىدا تور بېكەت پروگراممىلىرىنى بىمالال يازالايدىغان سەۋىيىگە يەتتى. بۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۇيغۇر تور بېكەتچىلىكى تارىخىدىكى نۇرغۇن تور بېكەتلەرنىڭ تارىخىدىن ۋە مەۋجۇتلۇقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىمگە ھېرىسمەنلىكىنى يۇقىرى دېيەلمىسەكمۇ، ئەمما يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشىدىغان ۋە تەرەققىي قىلىشنى، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغان ئەزىمەتلىرىمىز ئارىمىزدا يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە. بىر قىسىم كىشىلىرىمىز يەنىلا بىلىم ئۈچۈن ئۆز زېھنىنى، ئۆز ۋاقتىنى ھەتتا ئۆز ھاياتىنى ئويلاشمايدۇ. مانا شۇنداق كىشىلەرنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمىز. شۇ سەۋەبتىن تور بېكەتچىلىكىمىز غۇربەتچىلىكتە قالمايدۇ.
تورغا چىقساق زېرىكمەيمىز. ناخشا ئاڭلايمىز، كىنو كۆرىمىز، ماقالە يازىمىز، ئوقۇيمىز، خەۋەر كۆرىمىز. رادىئو ئاڭلايمىز. كىنو كۆرىمىز، مال ئالىمىز ياكى ساتىمىز، ۋەھاكازا... گەرچە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېتقا يۈزلىنىشنى تورنى ئائىلە ۋە ھاياتنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ دەرىجىسىگە قويالمىساقمۇ، ئەمما ئاز بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئۈچۈن تور يەنىلا ھاياتنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسمى. دېمەك ، مانا مۇشۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىنتېرنېت تۇرمۇشى بىزنىڭ 2-دۇنيايىمىز.
ئۇيغۇرلار بۇ 2- دۇنيادا نېمە قىلىۋاتىدۇ؟
بۇ سوئال ۋەزىنى تولىمۇ ئېغىر ھەم چوڭ سوئالدۇر. بۇ سوئالغا قەلىمى ئۆتكۈر، ئىنتېرنېتتىكى ئۇيغۇر تور ئابۇنتلىرىنى چۈشىنىدىغان ئىلىم ئىگىسى جاۋاب بەرمىسە بىزنىڭ ھەم جاۋاب بېرىشىمىزگە قۇربىتىمىز يەتمەستۇر. بىراق، سىز، مەن ياكى ئۇمۇ بۇ مەۋھۇم ئىنتېرنېت دۇنياسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۆزىمىز چۈشەنگەن بىلگەن دائىرىدە ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى خاتا ئەمەستۇر.
ئۇنداقتا بىز كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان مەسىلە «پۇل» دىن باشلاپ مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى.
ئۇيغۇرلاردا تور بېكەت قۇرۇپ پۇل تېپىش چۈشى
تورنىڭ گېپى چىقسا تورنى يېڭى چۈشىنىۋاتقانلار ياكى چۈشەنمەيدىغانلار «توردا پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟» دەپ سورىشىدۇ. تور ھازىرمۇ يەنىلا كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز ئۈچۈن بىر سىرلىق دۇنيا. شۇنداقلا تاغارلاپ ئالتۇن قازغىلى بولىدىغان سىرلىق ئۆڭكۈر. ئاز بىر قىسىم ئاۋانگارت ياشلاردىن باشقا ئوتتۇرا ياشلىقلاردىن ھالقىغان، ياشانغانلار تورغا تولىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن سىرلىق قارايدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئىنتېرنېت تاغارلاپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان قايناق بازار. بىراق، بۇ بازاردا ئۇيغۇرغا نىسبەتەنمۇ شۇنداق بولىدۇ، زادى پۇل تاپقىلى بولىدۇ دەپ كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر ھامىنى ئۇيغۇر. بىز توردىمۇ ئۇيغۇرلىقىنى قىلىدىغان خەق بىز. ( بۇ ھەقتە كىيىن توختىلىمىز).
توردا پۇل تېپىشنىڭ تۈرى كۆپ. بىراق، ئۇيغۇر تور بېكەتچىلىكىدە دورامچىلىق، ساختىلىق، يالغانچىلىق ۋە سەمىمىيەتسىزلىك تېخىمۇ كۆپ.
نېمىشقا؟ زادى نېمىشقا بۇنداق دەيسەن دەمسىز؟
تور بېكەت قۇرۇپ، ئېلان چېكىپ پۇل تاپقانلارنى ھازىرچە سانىماي تۇرايلى. بۇلاردىن باشقا ئىنتېرنېت شىنجاڭغا كىرىپ ئۇيغۇر تور بېكەتچىلىكى باشلانغان دەۋردىن باشلاپ، بۈگۈنگىچە توردا سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ پۇل تاپقانلار قانچىلىك؟ سودا تور بېكىتى قۇرۇپ ئىشەنچىلىك قاتارىغا تىزىلغانلىرى قانچىلىك؟ تور تېخنىكىسىغا مەبلەغ سەرپ قىلىپ تېخنىكا تەرەققىياتنى كۆزلىگەن كارخانا - شىركەتلىرىمىز قانچىلىك؟ ئېرىشكەن ئۈنۈمى قانچىلىك ؟ تالاي تالاي پۇلى ئېشىپ - تېشىپ تۇرغان ئۇيغۇر زەردارلىرى نېمىشقا تور تېخنىكىسىغا مەبلەغ سېلىشقا قىزىقمايدۇ؟ نېمىشقا ئۇيغۇرلاردا سودا ساھەسىدە ئىنتېرنېتتا سودا قىلىپ بېيىغانلارنى ياكى كەسپىي سودا ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى ئاز ئۇچرىتىمىز؟ ... بۇ سوئاللار بەك كۆپ...جاۋاب چېچىلاڭغۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلاردا توردا سودا قىلىش تەۋەككۈلچىلىكى يوق. تەۋەككۈلچىلىكى بولسىمۇ ئالارمەننىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك ئىشەنچىلىك سودا باسقۇچلىرى يوق. ئۇيغۇرلاردا ئىنتېرنېت سودا - سېتىق كەسپىدىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە- ئالارمەن ۋە ساتارمەن ھەر ئىككىسىنى خاتىرجەملەندۈرىدىغان سودا قەدەم باسقۇچلىرى شەكىللەنمىدى.
داۋامى بار...
ھەرقانداق تور بىكەتنىڭ كۆچۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش :
بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا
تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى،
تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن
ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.
|