قەدەم >> ئەزا مەركىزى | تېما يوللاڭ | يۇمشاق دېتال يوللاڭ | سەھىپىلەر | ياردەم >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى | ئەزا مەركىزى قوللانمىسى | بېكەت خەرىتىسى | RSS

تور نامى، بوشلۇق تور سودىسى تور ساۋاتلىرى پروگرامما بىلىملىرى كومپيۇتېر ساۋاتلىرى ئۆگىتىش دېتاللىرى باش بەت
بىلەرمەن تەۋسىيەلىك بېكەتلەر تور تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بىلىملىرى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال بازىرى بېكەت خەۋەرلىرى
ئەقلىي يانفون WordPress DedeCMS ماقالە-مۇلاھىزىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بازىرى خەۋەرلىرى IT

ئورنىڭىز: باش بەت>ئەزا مەركىزى قوللانمىسى

ئەزا مەركىزى قوللانمىسى

  

ئەزا مەركىزى دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ نېمە رولى بار؟
ئەزا مەركىزى-بېكىتىمىز ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي پائالىيەت سورۇنى. ئۇنىڭدا ئەزالار تېما يوللاش، باشقۇرۇش، ئارخىپ بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆزىگە خاس بولغان باش سۈرەت بېكىتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايدۇ.

 

قانداق ئەزا بولۇش كېرەك؟
1-ئۇسۇل:

بېكەت باش بېتى (http://www.xjcfan.com ) نىڭ ئۈستى سول تەرەپتىكى «ئەزا مەركىزى» كۇنۇپكىسىنى چېكىش ئارقىلىق ئەزا بولۇش
2-ئۇسۇل:

بېكەت باش بېتى (http://www.xjcfan.com ) « يولباشچى » قىسمىدىكى «كۆزنەك» تىن « تىزىملىتىش » كۇنۇپكىسىنى چېكىش ئارقىلىق ئەزا بولۇش
ئاندىن كۆرۈنگەن كۆزنەكتىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى تولدۇرۇش ئارقىلىق ئەزا بولۇشقا بولىدۇ.
ئەسكەرتىش:
1. ئەزا نامىغا ئامال بار ULY ئىشلىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
2. بىخەتەرلىك سۇئالى، جاۋابى ۋە ئېلخەت ئادرېسىنى توغرا، ھەقىقىي تولدۇرۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. پارول ئۇنتۇلغان ۋاقىتلاردا بۇنىڭ رولى چوڭ بولىدۇ.

 

ئەزا مەركىزىگە قانداق كىرىش كېرەك؟
بېكەت باش بېتى (http://www.xjcfan.com ) نىڭ ئۈستى سول تەرەپتىكى «ئەزا مەركىزى» كۇنۇپكىسىنى چېكىش ئارقىلىق كىرگىلى بولىدۇ.

 

پارول (مەخپىي نومۇر) نى ئۆزگەرتمەكچى ئىدىم، قانداق قىلىمەن؟
بېكەتكە كىرىپ بولغاندىن كېيىن، بېكەت باش بېتى (http://www.xjcfan.com ) نىڭ ئۈستى سول تەرەپتىكى «ئەزا مەركىزى» گە كىرىڭ. ئاندىن بەت ئوتتۇرىسىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان باش سۈرىتىڭىز ئاستىدىكى « ئارخىپ » كۇنۇپكىسىنى چېكىپ ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ.

 

پارولنى ئۇنتۇپ قالدىم؟ قايتۇرۇۋالغىلى بولامدۇ؟
بولىدۇ.
1-ئۇسۇل:
بېكەت باش بېتى (http://www.xjcfan.com ) « يولباشچى » قىسمىدىكى « پارول ئۇنتۇلغان؟ » كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ.
كۆرۈنگەن كۆزنەككە تىزىملاتقان ۋاقىتتىكى ئەزا نامى ۋە ئېلخەت ئادرېسىنى كىرگۈزۈپ، پارول قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى تاللاڭ.
« ئېلخەت ئارقىلىق پارول قايتۇرۇش » ئۇسۇلىنى تاللىسىڭىز، پارولىڭىز تىزىملاتقان ۋاقىتتىكى ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا بىۋاستە ئەۋەتىلىدۇ.
« ئېلخەت ئارقىلىق پارول قايتۇرۇش » ئۇسۇلىنى تاللىسىڭىز، بىخەتەرلىك سۇئالى كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن « كېيىنكى قەدەم » كۇنۇپكىسىنى چەكسىڭىز كۆرۈنگەن كۆزنەكتىن قايتىدىن پارول بېكىتىۋالسىڭىز بولىدۇ.
2-ئۇسۇل:
1-خىل ئۇسۇل بويىچە غەلىبىلىك پارول قايتۇرالمىسىڭىز، بېكەت ئاستىدىكى تېلېفون نومۇرلىرى ئارقىلىق پارول قايتۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ. (ئەسكەرتىش: ئەزالىق نامىنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىشىڭىز كېرەك.)

 

باش سۈرەتنى ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان سۈرەت (رەسىم) كە ئالماشتۇراي دېگەن، قانداق قىلسام بولىدۇ؟
بېكەتكە كىرىپ بولغاندىن كېيىن، بېكەت باش بېتى (http://www.xjcfan.com ) ئۈستىدىكى «ئەزا مەركىزى» گە كىرىڭ. ئاندىن بەت ئوتتۇرىسىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان باش سۈرىتىڭىز ئاستىدىكى « باش سۈرەت » كۇنۇپكىىسنى چېكىپ ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ.

 

بېكەتتە ئەزالار تېما يوللىيالامدۇ؟
سىز ئەزا مەركىزىدە تېما يوللىيالايسىز، شۇ ئارقىلىق، تېمىلىرىڭىزنى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ھۇزۇرىغا سۇنسىڭىز بولىدۇ.
بېكەتكە تىزىملىتىپ كىرىپ بولغاندىن كېيىن، بېكەت باش بېتى (http://www.xjcfan.com ) ئۈستىدىكى «تېما يوللاڭ» كۇنۇپكىسىنى چېكىپ تېما يوللىسىڭىز بولىدۇ.

 تېمىڭىزغا رەسىم-سۈرەت قىستۇرۇش زۆرۈر بولسا تېما يوللاش كۆزنىكىدىكى  كۇنۇپكىسىنى چېكىش ئارقىلىق رەسىم قىستۇرسىڭىز بولىدۇ.

 

يۇمشا دېتال يوللاش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرىك؟

بېكەتكە تىزىملىتىپ كىرىپ بولغاندىن كېيىن، بېكەت باش بېتى (http://www.xjcfan.com ) ئۈستىدىكى «يۇمشاق دېتال يوللاڭ» كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، ئۆزىڭىز ياقتۇرغان، ئېسىل يۇمشاق دېتاللارنى يوللاپ، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى بىلەن ھەمبەھىرلەنسىڭىز بولىدۇ.

 

ئىستېمال مەركىزىدە نېمە ئىش قىلغىلى بولىدۇ؟
ئىستېمال مەركىزى بېكىتىمىزنىڭ ھەقلىق تۈرلىرى بويىچە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىغا قۇلايلىق يارىتىش مەقسىتىدە تەسىس قىلىنغان ئىدى. لېكىن، تور شارائىتىنىڭ تولۇق بولماسلىقى بىلەن ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلدى. ئۇزۇن قالماي ئېچىۋېتىلىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا سىز ئۆيىڭىزدە تۇرۇپلا بېكىتىمىزدىكى ھەقلىق تۈرلەردىن پايدىلىنالايسىز.

  

 بەزى يۇمشاق دېتال ۋە ھۆججەتلەرنى چۈشۈرگەندە ۋە كۆرگەندە تەڭگىڭىز يوق ئىكەن ۋە ياكى جۇغلانمىڭىز يېتىشمەيدۇ دەپ ئۇچۇر چىقىۋالىدىكەن،  قانداق قىلىمەن؟
بىكىتىمىزگە يېڭىدىن تىزىملىتىپ كىرسىڭىز سىزگە 100 جۇغلانما (积分) مۇكاپات بىرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تېما يازسىڭىز، تېمىلارغا ئىنكاس قايتۇرسىڭىز، «بىلەرمەن» سەھىپىسىدىكى سۇئاللارغا جاۋاب بەرسىڭىز ھەمدە سۇئال سورىغۇچى مۇكاپاتلىغان جۇغلانما (积分) قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ جۇغلانما جۇغلىغىلى بولىدۇ. ئاندىن بۇ جۇغلانمنى «ئەزا مەركىزى»دىن تەڭگىگە ئالماشتۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ.

  

تەڭگىگە قانداق ئىرىشىمەن؟ جۇغلانما (积分) نى تەڭگىگە قانداق ئالماشتۇرىمەن؟
بىكىتىمىزگە تىزىملاتسىڭىزلا 100 جۇغلانما نومۇرىغا ئېرىشىسىز. بۇ 100 نۇمۇرنى «ئەزا مەركىزى» دىن ئىككى تەڭگىگە ئالماشتۇرالايسىز.

 ئۇسۇلى: ئاۋال ئەزالىق نامىڭىز بىلەن كىرىڭ. ئاندىن بېكەت باش بېتىنىڭ سول تەرەپ ئەڭ ئۈستىدىكى «ئەزا مەركىزى» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ. ئاندىن سول تەرەپتىكى «ئېستىمال مەركىزى» دىن « دەرىجەم» نى باسسىڭىز ھازىرقى سالاھىيىتىڭىز : .... دېگەن كۆرسەتمە كۆرۈنىدۇ. سىز شۇ يەردە دېيىلگەن جۇغلانمىڭىزنى تەڭگىگە ئالماشتۇرالايسىز. ئاستىدىكى كۆرسەتمىدە جۇغلانمىڭىزنى نەچچە تەڭگىگە ئالماشتۇرالايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئاستىدىكى كاتەككە تەڭگە سانىنى يېزىپ جەزىملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ.

 

دىققەت: 50 جۇغلانما نومۇرىغا بىر تەڭگە ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئەگەر جۇغلانما نومۇرىڭىز بولمىسا «بىلەرمەن» سەھىپسىدىن سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىش، يېڭى، ئىجادىي تېمىلارنى يوللاش ئارقىلىق جۇغلانما نومۇر توپلاپ، ئاندىن تەڭگىگە ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.