ئۇيغۇرچە خاتىرە دەپتەر يۇمشاق دېتالىنىڭ يېڭىلانغان نەشىرى، ئىلگىركى نەشىرىگە قارىغاندا نۇرغۇن كەمچىلىكلەر تۈزۈتىلگەن، تەپسىلى يېڭىلىنىش ئۇچۇرىنى «يۇمشاق دېتال چۈشەندۈرۈشى» دىن كۆرۈڭ.
قىسقىچە چۈشەندۈرلىشى:
بۇ بىر Windows مەشغۇلات سىستىمىسىدىكى خاتىرە دەپتەر پروگراممىسىغا ئوخشاپ كىتىدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق Windows 2000 دىن يۇقىرى مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان ھەر قانداق كومپىيوتېردا ھېچقانداق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ۋە خەت نۇسخىسى قاچىلىماي تۇرۇپ، قولايلىق ھالدا تىز سۈرئەتتە ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز. پۈتۈنلەي يېشىل يۇمشاق دېتال بولۇپ، پەقەت 300 نەچچە KB چوڭلىقتىكى بىرلا ھۆججەتتىن تۈزۈلگەن، سىغىمى كىچىك، قاچىلاش ھاجەتسىز، كۆرۈنۈشى ئاددىي، ئىشلىتىش قولايلىق، ساپ تېكىست ھالىتىدىكى Unicode ئۆلچىمىدىكى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە يېزىقلارنى ئارىلاش بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ANSI, Unicode, Unicode big endian, UTF-8 قاتارلىق تۆت خىل فورماتتا ساقلانغان ھۆججەتلەرنى ئېچىشقا، ANSI ۋە Unicode فورماتىدا ساقلاشقا بولىدۇ. ئۇيغۇرچە يېزىق ئۈچۈن مەخسۇس UTX ھۆججەت شەكلى ئىشلىتىلگەن، ھۆججەتلەر ئۆلچەملىك تېكىست ھۆججىتى شەكلىدە ساقلىنىدىغان بولۇپ، ھەر قانداق Unicode نى قوللايدىغان يېزىق بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالىدا ئېچىپ كۆرۈشكە بولىدۇ. ئۇيغۇچە Unicode ئۆلچىمىدىكى كىرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە خەت نۇسخىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كومپىيوتېرىڭىزغا ھېچقانداق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ۋە خەت نۇسخىسى قاچىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. قوشۇمچە ئاددىي بولغان مەخپىيلەشتۈرۈپ ساقلاش ئىقتىدارى ۋە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى خەت ساناش ئىقتىدارىغا ئىگە.
ئەسكەرتىش: پىروگرامما قوزغالغاندا سېستىما تىزىملاش جەدىۋىلىگە ھۆججەت شەكلىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇچۇرىنى يازىدىغان بولۇپ، ئەگەر كومپىيوتېرىڭىزغا تىزىملاش جەدىۋىلىنى نازارەت قىلىش پىروگراممىسى قاچىلانغان بولسا تىزىملاش جەدىۋىلىنى ئۆزگەرتىشكە يول قويۇش توغرىسىدا ئەسكەرتىش ئۇچۇرى كۆرۈنىشى مومكىن.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


























