قەدەم >> ئەزا مەركىزى | تېما يوللاڭ | يۇمشاق دېتال يوللاڭ | سەھىپىلەر | ياردەم >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى | ئەزا مەركىزى قوللانمىسى | بېكەت خەرىتىسى | RSS

تور نامى، بوشلۇق تور سودىسى تور ساۋاتلىرى پروگرامما بىلىملىرى كومپيۇتېر ساۋاتلىرى ئۆگىتىش دېتاللىرى باش بەت
بىلەرمەن تەۋسىيەلىك بېكەتلەر تور تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بىلىملىرى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال بازىرى بېكەت خەۋەرلىرى
ئەقلىي يانفون WordPress DedeCMS ماقالە-مۇلاھىزىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بازىرى خەۋەرلىرى IT

باش بەت

قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان فونت باشقۇرۇش دېتالى-NexusFont



  • تۈرى:

    خەنزۇچە تەرجىمە

    پايدىلىنىش شەكلى:

    ھەقسىز

    تىلى:

    خەنزۇچە

    سىغىمى:

    1.6 MB

    ھۆججەت شەكلى:

    .rar

    ئىجرا مۇھىتى:

    Win2003,WinXP,Win2000,Win9X

    دەرىجىسى:

    يوللانغان ۋاقتى:

    2011-10-15

    ئىشلىگەن ئورۇن:

    http://xiles.net/downloads/#Ne

    سىناش ئادرېسى:

    http://

    چۈشۈرۈلۈشى:

    قېتىم

    ئىنكاس:

    0 پارچە

    يوللىغۇچى:

    تەدبىركار

    تەھرىر:

    تەدبىركار

    چۈشەندۈرۈلۈشى


     

    لايىھەلىگۈچى ياكى ئاندا-ساندا PS ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلار ھەمدە فونت باشقۇرۇش مەشغۇلاتىغا نىسبەتەن، نەچچە مىڭلىغان فونت ھۆججەتلىرىنى يىغىپ ساقلاش نورمال ئەھۋال. ئەمما، كومپيۇتېرىمىزدىكى فونت بارغانسىرى كۆپىيىپ بېرىۋاتقان چاغدا، مەيلى ئىشلەتمەكچى بولغان فونتنى ئىزدەش، قاچىلاش، ئۆچۈرۈش بولسۇن، ھەممىسى باشنى ئاغرىتىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالىدۇ.

    NexusFont بولسا Windows سۇپىسىدىكى بىر تۈرلۈك ھەقسىز فونت باشقۇرۇش قورالى، ئۇ فونتلارنى كۆرۈپ بېقىش، قاچىلاش، ئۆچۈرۈش قاتارلىقلار مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايدۇ، بىر قېتىمدا نۇرغۇن فونتنى تەڭ سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ، فونت ئۈچۈن خەتكۈش(Tag) بەلگىلەپ قويۇپ، كېيىن لازىم بولغاندا ناھايىتى قولايلىق ھالدا ئىزدەپ تېپىشقا بولىدۇ، تەكرار فونتلارنى ئىزدەش، بېسىپ چىقىرىش، رەسىم شەكلىدە چىقىرىش، فونتلارغا باشقىدىن نام قويۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن، بىر تۈرلۈك قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان فونت باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ…

     

    NexusFont فونت باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى:
    NexusFont نىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۈر توپلىمى(Set)، خەتكۈش(Tag) ۋە Set بىلەن Tag نى باغلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشنى قوللايدۇ، Tag ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە ھۆججەتلەرگە فىلتىرلەش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە، NexusFont يەنە كۆپ خىل تىللىق يۇمشاق دېتال بولۇپ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپمۇ ئىشلىتەلەيمىز.

     

      

    NexusFont فونتلارنى ئوخشىمىغان پاسون ۋە رەڭدە تەقلىدىي كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ، بەلگىلەنگەن تېكىستنى كىرگۈزسەك، شۇ تېكىستنىڭ ھەر خىل فونتلاردىكى كۆرۈنىشىنى چىقىرىپ بېرەلەيدۇ.

     

     

    NexusFont يەنە كومپيۇتېردىكى تەكرار فونتلارنى ئىزدەش ئىقتىدارىنىمۇ تەمىنلىگەن.

     

    باشقا ئالاھىدىلىكلىرى:
    كۆرۈنمە يۈزى ئاددى ۋە كۆركەم؛
    فونت قاچىلىغان چاغدا فونتنى سېستىمىدىكى Fonts ھۆججەتخانىسىغا قاچىلاش ياكى ھازىرقى ئورنىدا قويۇپ تۇرۇپ سېستىمىدا قوللىنىشنى تاللىغلى بولىدۇ؛
    ھەقسىز ھەم قاچىلاش ھاجەتسىز بولۇپ، سېستىمىنىڭ تىزىملاش جەدۋېلىگە ھېچقانداق ئۇچۇر يازمايدۇ؛
    سىز فونتلىرىڭىزنى NexusFont نىڭ ئىچىگە قويۇپلا ئىشلىتەلەيسىز، سېستىمىغا قاچىلاش ھاجەتسىز، بارماقدېسكىغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز، فونتلىرىڭىز نەگىلا بارسىڭىز كەينىڭىزدىن ئەگىشىپ ماڭىدۇ؛

     

    پرېستىن يېشىش پارولى: www.tedbirkar.net

     




    ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.

    چۈشۈرۈش ئادرېسى

    ئەسكەرتىش

    1. بېكىتىمىز يۇمشاق دېتاللىرىدىن نورمال پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن، 迅雷 ۋە Winrar قوراللىرىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
    2. بۇ يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرەلمىسىڭىز، بىر ئاز ساقلاپ قايتا سىناپ بېقىڭ.
    3. ناۋادا كۆپ قېتىم چۈشۈرۈپ مەغلۇب بولسىڭىز، خاتالىق مەلۇم قىلىش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق بىزگە مەلۇم قىلىڭ.
    4. باشقا يۇمشاق دېتاللارغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، مۇشۇ تېمىغا ياكى پىكىر دەپتىرىگە سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.
    5. بېكىتىمىز تەمىنلىگەن يۇمشاق دېتاللارنىڭ كۆپىنچىسى ھەقسىز يۇمشاق دېتال. شۇ سەۋەپتىن مەلۇم چەكلىمىگە ئۇچرىسىڭىز، يەنىلا ھەقىقىي نۇسخىسىنى سېتىۋىلىپ ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

    ياخشىكەن
    (2)
    100%
    ناچاركەن
    (0)
    0%
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    سەھىپىلەر
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    تەدبىركار تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: Xjcfan خادىمى تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-02-10 08:02 كىرگەن ۋاقتى: 2012-02-10 14:02
    تەۋسىيە يۇمشاق دېتاللار