قەدەم >> ئەزا مەركىزى | تېما يوللاڭ | يۇمشاق دېتال يوللاڭ | سەھىپىلەر | ياردەم >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى | ئەزا مەركىزى قوللانمىسى | بېكەت خەرىتىسى | RSS

تور نامى، بوشلۇق تور سودىسى تور ساۋاتلىرى پروگرامما بىلىملىرى كومپيۇتېر ساۋاتلىرى ئۆگىتىش دېتاللىرى باش بەت
بىلەرمەن تەۋسىيەلىك بېكەتلەر تور تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بىلىملىرى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال بازىرى بېكەت خەۋەرلىرى
ئەقلىي يانفون WordPress DedeCMS ماقالە-مۇلاھىزىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بازىرى خەۋەرلىرى IT

باش بەت

Google translator غا ئۇيغۇرچە قوشۇڭ

ۋاقتى: 29-06-2010 | مەنبە: ئىنتېرنېت | ئاپتورى: ئىنتېرنېت | تەھرىر: قىسمەت | كۆرۈلۈشى: قېتىم | ئىنكاس: 5 پارچە

  • Google translator غا ئۇيغۇرچە قوشۇڭ
    Google translator غا ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى قوشۇشقا قاتنىشىڭ


    ئادرېسى: http://translate.google.com
    Google translator (تۆۋەندە گۇگېل تەرجىمانى دەپ ئېلىندى.) نۆۋەتتىكى ئىنتىرنېت ساھەسىدە ھەممە ئېتراپ قىلغان ئىشىلتىش ئەڭ قولايلىق، تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى بولغان ھەقسىز تەرجىمە قىلىش قورالى. نۆۋەتتە بۇ قورال دۇنيادىكى 52 چوڭ تىللارنى بىر بىرىگە تەرجىمە قىلالايدۇ. گەرچە تەرجىمە قىلىش سەۋىيىسى ئادەمگە يەتمىسىمۇ بىراق كۆرۈپ چۈشىنىشكە ۋە تەرجىمە قىلىش ۋاقتىنى قىسقارتىش قاتارلىقلاردا مۇھىم ئىشىلتىش ئەھمىيتىگە ئىگە. بۇ قورالنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىدىن پايدىلنىپ ئازراق ئىش قوشۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرچىنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش مەقسىتىگە يېتىش تامامەن مۇمكىن. گۇگېل تەرجىماننىڭ ياردەم بېتىدە تۆۋەندىكىدەك دېيىلگەن:
    Help us support new languages
    We're also working to support other languages and will introduce them as soon as the automatic translation meets our standards. It's difficult to project how long this will take, as the problem is complex and each language presents its own unique challenges. In order to develop new languages and improve the quality of existing languages, we need large amounts of bilingual texts. You can help by using Translator Toolkit for translating or uploading your translation memories into Translator Toolkit.

    بىزگە ياردەملىشىپ يېڭى تىللارنى قوشۇڭ
    بىز يېڭى تىللارنى ئامال بار تېز قوللاش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىۋاتىمىز، يېڭى تىللارنى تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش ماشىنىسىنىڭ ئىقتىدارى بىزنىڭ ئۆلچىمىمىزگە يەتكەن ھامان ئېلان قىلىندۇ. بۇ خىزمەتنىڭ قانچىلىك ۋاقىت ئالدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەك تەس، چۈنكى ھەر بىر يېڭى تىلنىڭ ئۆزىگە خاس مۇرەككەپلىكى ۋە قىيىنچىلىقى بولىدۇ. يېڭى تىللارنى تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە ھازىر بار تىللارنىڭ تەرجىمە ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىز نۇرغۇن مىقتاردىكى ئىككى تىللىق تېكىستلەرگە موھتاج. سىز بۇ جەھەتتە تەرجىمە قىلىش قورالى ئارقىلىق ياكى تەرجىمە قىلىنغان ماتىريالىڭىزنى تەرجىمە قىلىش قورالىغا يۈكلەش ئارقىلىق ياردەم قىلالايسىز.

    ئەگەر سىزدە بۇ قورال قوللىغان ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، تۈركچە قاتارلىق 30 خىل تىلنىڭ خالىغان بىرىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان تېكىست بولسا، گۇگېل ھېسابىدىن بىرنى ئېچىپ ئۇ تېكىستنى Translator Toolkit (تۆۋەندە تەرجىمە قىلىش قورالى دەپ ئېلىندى) غا قوشۇپ قويسىڭىز ئۇيغۇرچە ماشىنا تەرجىمە قىلىشنىڭ بارلىققا كېلىشىگە بىر كىشلىك ھەسسىڭىزنى قوشقان بولىسىز. ئەگەر سىزدە ئۇنداق تېكىست بولمىسا، يۇقارقى تىللاردىن مەلۇم بىرسىنى بىلسىڭىز بىرەر تور بەتنى ياكى ۋىكىپىدىيادىن بىرەر ماقالىنى مەلۇم تىلدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنداق قىلىش ئۈچۈن ئاۋال تۆۋەندىكى ئادرېسقا كىرىپ upload /上传 دېگەننى تاللىسىڭىز بولىدۇ.
    http://translate.google.cn/#
    http://translate.google.com/toolkit/list?hl=en#translations/active

    يېڭى ئېچىلغان بەتتە local file / 本地文件, web page / 网页, wikipidia article دېگەن تاللاشلار بار. تەرجىمە قىلماقچى بولغان مەنبەنى تاللاپ، مەنبە ھۆججەتنىڭ تىلى ۋە ئۇيغۇرچىنى تاللىغاندىن كېيىن ئەسلى تېكىست بىلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى يوللاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. تەرجىمە ماشىنىسى يوللانغان تېكىستلەرنى ئاپتوماتىك ئانالىز قىلىپ ساقلىۋالىدۇ. يېتەرلىك تېكىست بولغاندا گۇگېلدىن new-languages-in-google-translate بۇ تېمىنىڭ ئاستىغا چىقىپ ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن خەت يېزىپ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىشنى قوشۇشنى تەلەپ قىلساق بولىدۇ. بىراق يېتەرلىك تەرجىمە قىلىنغان تېكىستلەر بولمىغاندا بۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ.

    ياخشى ئىش ئىكەن.قىنى ھەممىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە كۈچ چىقىرايلى.
     




    ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.

    ياخشىكەن
    (17)
    94.4%
    ناچاركەن
    (1)
    5.6%
    ------分隔线----------------------------

    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    سەھىپىلەر
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    NokiaFun تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: Xjcfan خادىمى تىزىملاتقان ۋاقتى: 06:01 01-01-1970 كىرگەن ۋاقتى: 19:01 11-01-2012
    مەن زىيارەت قىلغان تېمىلار

    تەۋسىيە تېمىلار